大数跨境

قىزىل يوپۇرماق - رەشىدە سىيىت

قىزىل يوپۇرماق - رەشىدە سىيىت aybarawazi
2024-11-26
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 


 قىزىل يوپۇرماق 

  رەشىدە سېيىت  

热西旦·斯依提| 红叶

سايە تاشلار كۈزگى بۇلۇتلار،

لەپىلدىسە قىزارغان غازاڭ.

مانانلاشقان كەچكى شەپەقتە،

بېغىمدىكى بىرپارچە باراڭ.

ئۇچار قىزغۇچ شەپەق جۇلاسى،

شەبنەم چۈشكەن ئېتىزنى سۆيۈپ.

يەلپۈنىدۇ قىزىل يوپۇرماق،

شاختا تاتلىق خىياللار سۈرۈپ.

تۇپراق قىزغۇچ، قىزارغان بۇلۇت،

قىزىللىققا تولغان بۇ سەھرا.

قۇچاق-قۇچاق گۈللەرنى ئېلىپ،

ئۇچىشىدۇ شاماللار گويا.

يۈرىكىمگە ئەگىشەر تىمتاس،

ئاھ كۈزدىكى قىزىل يوپۇرماق.

مەنمۇ شۇ تاپ مەيىن شامالدەك،

قىزىل ياپراق تەردىم بىر قۇچاق.

بۇلاقلارنىڭ شىلدىرلىشىدا،

مىسرالىرىم قالدى خىيالچان.

تۇيغۇمدىكى تۇنجى لىرىكا،

كۈز قوينىدا بىر گۈزەل ئارمان.

يىراقتىكى دەريا بويىدا،

گۈلگۈن بولدى بارچە دەرەخلەر.

قىزارتىدۇ قارلارنى ئۇلار،

قىزارغان قۇش ھەم ئۇچۇپ كېلەر.

گۇگۇمدىكى قىزىل يوپۇرماق،

تىمتاس قالدى يەنە سەھرادا.

يۈرىكىمنى سېھىرلەپ قويدى،

قىزىل ياپراق چېچىپ نۇر جۇلا.



 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0