大数跨境

ۋەتەن ئانا - پەرھات باھايدىن

ۋەتەن ئانا - پەرھات باھايدىن aybarawazi
2024-11-17
3






   ۋەتەن ئانا  

پەرھات باھايىدىن






ھاياجانغا تولىمەن ھەردەم
يۇرتۇمدىكى ھەر بىر كوچىدا.
ئوڭ-سولۇمدا ئالماس دەرەخلەر
شەربەت سۇنار ئالتۇن قاچىدا.
 
چۆنەك-چۆنەك قوغۇن پۇرىقى،
ئېقىپ كىرەر باغرىمغا ئانار.
لەۋلىرىمدە ئۈجمە كارۋىنى،
ئىچ- ئىچىمگە تامىدۇ باھار.
 
باغلار يېشىل، كارىزلار سۈزۈك،
يۇرتۇم شېئىر، ئوقۇيمەن ئۈنلۈك.
تەڭ ئېچىلغان ئەللىك ئالتە گۈل
شۇنچە قۇۋناق، شۇنچە سۆيۈملۈك.
 
چېچەكلەيدۇ دىلدا ساپ ھاۋا،
باقسام ئوتقاش تاڭلارغا ھەررەت.
قۇچاقلايمەن يۇلتۇزلارنى مەن،
ئانا يۇرتنى سۆيگىلى ئەبەد.
 
خۇشپۇراققا تولدى لىققىدە
يۇرتۇم بىلەن كۆڭلۈم ئارىسى.
ياشاۋاتقان، ياشناۋاتقاننىڭ
ۋەتەن ئىكەن ئەسلى ئانىسى!


 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 




سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k