
…………
…………


سېنى قەشقەردە ساقلايمەن
ئىمىن ئەھمىدى
سېنى جىق جايلاردا ساقلىغانىدىم،
ئۆزۈڭمۇ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان قىز ئىدىڭ؛
پادا باققان چاغلىرىم «گۈلئايشەم»نى توۋلاپ،
ئۈجمە شېخىغا قونۇپ ساقلىغان.
قىشنىڭ كۈنى تالاغا بىر چىقسىكەن دەپ،
ئۆيۈڭنىڭ دوقمۇشىدا توڭۇپ ساقلىغان.
رەسىدە چاغلىرىڭ چىقمىساڭ ئۆيدىن،
ئۆگزەڭگە ئېتىپ شەپە بېرىش ئۈچۈن،
تام تۈۋىدە چالمىلارنى چوقۇپ ساقلىغان.
ئۇ كۈنلەردە توخۇيۈرەك ئوخشايدىكەنمەن،
قورققىنىمدىن يۈرەك گۈپ-گۈپ سوقۇپ ساقلىغان.
ئەجەب تاتلىق مىنۇتلار ئىكەن،
ئەيتاۋۇر، ئاغرىپ قالغاندەك ئىدىم،
ئەمدى بىلسەم ئىكەنمەن ئوتتا كۆيۈپ ساقلىغان.
ئەمدى سېنى قەشقەردە ساقلايمەن،
ھېيتگاھ ياكى دوڭخۇ بويىدا ئاشكارە ساقلايمەن.
قەشقەرنىڭ ئوتى مېنىڭ ئوتۇمدىن كۈچلۈك،
قەشقەرنىڭ مۇھەببىتى مېنىڭ مۇھەببىتىمدىن چوڭقۇر.
قەشقەرنىڭ تويى ھەر كۈن، بىزنىڭ ئاران بىر كۈن،
سېنىڭمۇ سەھرادىن چىقىدىغان ۋاقتىڭ بولدى.
زامان ھۆر، قۇياش نۇرلۇق، يوللار راۋان،
سېنى «قەشقەرقەدىمىي شەھرى» دېگەن خەت بار،
شاڭخەي قىزلىرى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان،
شېنجېن يىگىتلىرى رەستىلەرنى بويلاۋاتقان،
پۈتكۈل ۋەتەن كەلگۈسىنى تويلاۋاتقان،
«تۆشۈك دەرۋازا» ئالدىدا ساقلايمەن.
سېنى«بىر بەلۋاغ بىر يول»نىڭ ئارزۇلىرىدا،
ساقلايمەن.
سېنى قەشقەردە ساقلايمەن!
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

