大数跨境

سۆيگۈ - مەمەتئېلى ئۇبۇلتارى

سۆيگۈ - مەمەتئېلى ئۇبۇلتارى aybarawazi
2024-11-16
1









سۆيگۈ

مەمەتئېلى ئوبۇلتارى




  
سايەمدەك جىمجىتلا كىرىپ كېلىسەن،
باغرىمغا يېشىمدەك ئېقىپ كېتىسەن.
مېنى بىر سۆزچىلىك چۈشەنمەي تۇرۇپ،
نېمىشقا ئۆزۈڭنى تەقدىم ئېتىسەن؟
 
ئىشقىڭدا كۈندۈزدەك يورۇدۇم پىنھان،
قەلبىڭگە خىيالدەك تارىدىم جان-جان.
ئىشلارغا تاغلاردەك سۈكۈتتە تۇرۇپ،
نېمىشقا ئۆزۈمنى ئاتىدىم، جانان؟
 
بىلىمەن، بىر قىزچاق ئىستەر نېمىنى،
بىلىسەن، بىر ئوغۇل ئىستەر نېمىنى؟
نېمىشقا سۆيۈشتۇق بۇقەدەر چوڭقۇر؟
بەلكىم بىز بىلەتتۇق ھەممە-ھەممىنى.
 
كېچىنى قارا دەر، جىمجىتلا ئۆتەر،
ئادەمنى قارا دەر، يەنىلا كېتەر.
سۆيگۈگە كىم ئەينى جاۋابنى بەرگەن؟
ئۆلگۈدەك سۆيۈشتۇق، بولدى بەس! يېتەر.


 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k