

ۋەتەن دېگەن مەڭگۈلۈك ناخشا
روزى سوپى
ناخشا ئېيتماق بولسام ناۋادا،
ۋەتەن كېلەر ئاۋۋال تىلىمغا
شېئىر يازماق بولسام ناۋادا،
ۋەتەن كېلەر ئاۋۋال دىلىمغا،
سىڭىپ كەتكەچ تۇمۇرلىرىمغا.
رەسىم سىزماق بولساممۇ يەنە،
ۋەتەن تۇرار رەسىم تاختامدا.
ھەر سەھەردە كۆزۈمنى ئاچسام،
ۋەتەن تۇرار ئۆيدە – تۆت تامدا.
ۋەتەن تۇرار مەيدە ھەم جامدا.
شۇنداق، ۋەتەن مەڭگۈلۈك ناخشا،
ئېيتسا – ئېيتسا تۈگىمەيدىغان.
پىدا قىلىپ جاننى ۋە تەننى،
سۆيگەچكىلا شائىر ۋەتەننى.
ئىلھام كېلەر ئۆكسۈمەيدىغان.
شۇ سەۋەپتىن ناخشا ئېيتىمەن،
ھەر ناخشامدا كۈيلىنەر ۋەتەن.
تۈندە بىدار شېئىر يازىمەن،
ئىشىقىم بىرلە، ئىشلىرىم بىرلە.
كۈندىن-كۈنگە گۈللىنەر ۋەتەن.

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

