大数跨境

بوستانلىقتىكى بۇۋاي ـ قىممىتى زور ئۇقۇشلۇق

بوستانلىقتىكى بۇۋاي ـ قىممىتى زور ئۇقۇشلۇق aybarawazi
2025-01-09
3
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

بوستانلىقتىكى بوۋاي


   بىر يىگىت قۇملۇقتىكى بىر بوستانلىققا يېتىپ كېلىپلا، كەنت ئېغىزىدا بىر بوۋاينى ئۇچراتتى ھەم ئۇنىڭدىن سورىدى:

   - بوۋا، بۇ قانداقراق يەر؟

   - سېنىڭ يۇرتۇڭ قانداق ئىدى؟ - دەپ ياندۇرۇپ سورىدى بوۋاي.

   - ئىنتايىن ناچار، - دېدى يىگىت، - مەن يۇرتۇمدىن بىزار بولۇپ يېنىپ چىقتىم.

   - ئۇنداق بولسا بۇ يەردىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئايرىل، - دېدى بوۋاي، - چۈنكى بۇ يەر ھەرقانداق بىر يۇرتتىن ناچار.

   ئۇ يىگىت مېڭىپ تۇرۇشىغا يەنە بىر يىگىت يېتىپ كەلدى، كېلىپلا ئۇمۇ ھېلىقى بوۋايدىن ئۆزىدىن بۇرۇن كېلىپلا كېتىپ قالغان يىگىت سورىغان سوئالنى سورىدى، بوۋايمۇ ياندۇرۇپ ئوخشاش سوئالنى سورىۋىدى، يىگىت جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

   - مېنىڭ يۇرتۇم تولىمۇ ياخشى ئىدى، مەن ھازىرمۇ يۇرتۇمنى، يۇرتۇمدىكى ئادەملەرنى، گۈل - گىياھلارنى سېغىنىپ تۇرۇپتىمەن...

   - بۇ يەرمۇ سېنىڭ يۇرتۇڭغا ئوخشاشلا ياخشى، - دېدى بوۋاي. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرى سەل غەلىتىدەك ھېس قىلىپ، نېمىشقا ئىككى يىگىتكە ئىككى خىل جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى سورىۋىدى، بوۋاي مۇنداق دېدى، - سەن نېمىنى ئىزدىسەڭ، تاپىدىغىنىڭ شۇ بولىدۇ!

   شۇنداق، سەن بىر نەرسىگە ھۇزۇرلىنىش نەزىرىدە قارىساڭ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى بايقايسەن؛ ناۋادا تەنقىد نەزىرىدە قارىساڭ، ئۇنداقتا كۆرىدىغىنىڭ تالاي كەمچىلىك بولىدۇ. بۇ خۇددى ئاتىلاردىن قالغان «تىلىسەڭ تاپىسەن» دېگەن ھېكمەتنىڭ نەق ئۆزى.




………………… 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k