
…………
…………

ئورما ئورۇشنىڭ پەيتى كېلىۋاتىدۇ
زەيتۇنەم مەمتىمىن

كۆڭلۈمگە ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ شامال،
جىمجىت ھەم نەپەسسىز ھاۋادىن كېيىن.
ئاخىر سارغىيىپ پىشىپتۇ بۇغداي،
تۆكۈلۈپ كەتكىچە مەن ئالاي سولدىن.
ھېچكىم يوق ئېتىزدىن قالار ئاڭلىنىپ،
بېلىكىڭ تالدىمۇ دېگەن ئاۋازىڭ.
جۈپتى بار ھەركىمنىڭ دەيدىكەن تەقدىر،
جۈپتى كىم، ئاشۇنداق دېگەن تەقدىرنىڭ؟
ئۇھ... ماڭا چىرايلىق كۈلۈمسىرەيدۇ،
بەختىنى قۇچاقلاپ ماڭغان قوشنىلار.
مەن يەنە سۆيىمەن يالغۇز ھاياتنى،
سۆيمىسەم، مۇھەببەت ياش ئۆلۈپ قالار.
ئەينەككە قارىماس بولدۇم ئۇزاقتىن،
مەن سېنى چۈشىگەن تۈندىن ئۇيۇلۇپ.
دان كېرەك قۇشقاچلار ئۇچقاندۇ نەگە؟
مەن غەمنى قويغاندا كۆتۈرۈپ بولۇپ.
ئېچىشتى ئۈزۈك يوق يىرىك قوللىرىم،
قالمىدى سەن بىلەن ھېچ ئالاقىسى.
باش يازنىڭ ياپيېشىل ھەسرىتى ئارا،
يار-يۆلەك بولماقتا ئەنجۈر سايىسى.
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

