大数跨境

بوستان سېكىلەك - مىرەخمەت مامۇت

بوستان سېكىلەك - مىرەخمەت مامۇت aybarawazi
2024-12-01
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 


بوستان سېكىلەك

مىرەخمەت مامۇت





قاچاندۇر دىلدا كۆكلەر بىر تىلەك،

شۇ تىلەكلەرگە تەلپۈنەر يۈرەك.

ئىشقىمنى بايان ئەيلەپ ھەر قەدەم ،

ھەر نەپەسلەردە تولغىنار كۆكرەك .

قۇرۇپ قاقشالغا ئايلاندى لېۋىم ،

ئۆزۈمگە ئۆزۈم بولدۇم يار يۆلەك .

قايسىدۇر بىر قىز كۆيدۈردى قاچان ،

بەرمىدى ئەمما ئىشقىدىن دېرەك .

كىرپىكلىرىمدە قۇرىدى شەبنەم ،

ۋىسال دەردىدە سارغايسام كېرەك .

ھەر قەدەملەردە سۆيگۈ چېچەكلەپ ،

ئۆتسىكەن دەيمەن بۇ كېچە تېزرەك .

ئايلاندىم تامام سۆيگۈ قۇلىغا ،

ئالماقتا ھايات مەندىن مىڭ كۆرەك .

ھەر قاراشتا ئاھ، ئالدىغۇ جاننى ،

مەڭزلىرى گۈل بوستان سېكىلەك .




 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k