
…………
…………

(قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا بېغىشلاپ)
نۇرى چۈشۈپ ئۆيىڭىزگە قىزىل قۇياشنىڭ،
تارقىتىپتۇ يۈرىكىڭىز ئىللىق ھارارەت.
ھارارەتنىڭ ئىسمى ۋەتەن، ۋەتەندە باھار،
ۋەتەن بىزگە كەڭرى قۇچاق ھەمدە شاپائەت.
ئۆيىڭىزدىن باشلانغان يول بېيجىڭغا تۇتاش،
تيەنئەنمېننىڭ كوچىسىدا ئىزىڭىز جەۋلان.
ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى تېرىدى تەكشى،
داھىمىزنىڭ ئالىقىنىدا ئىللىغان ئالقان.
تارىغاچقا ئۆيىڭىزدىن قىزىللىق نۇرى،
يىلتىزلىدۇق ۋەتەندە بىز شۇنچىلىك چوڭقۇر.
ئىزىڭىزدىن چەتنىمەي ھەم ماڭىمىز داغدام،
سېغىنىمىز سىزنى مەڭگۈ، سېغىنىش ھۇزۇر.
تەلپۈنىدۇ يۈرىكىمىز ھەردەم بېيجىڭغا،
سىزنىڭ يۈرەك ھەر دەقىقە تەلپۈنگەن ئوخشاش.
تەختىمىزدۇر، بەختىمىزدۇر بۇ ئانا ۋەتەن،
ۋەتەن بىزنىڭ تومۇرىمىز يۈرەككە تۇتاش.
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ