
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ ، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەپىلدەپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ بىچارە ھالىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سەدىقە قىلىۋېتىش تۇرغانلا گەپ ئىدى ، لېكىن بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ھېچقانداق تارتىنماستىلا ــ بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق دەپتۇ ؟ ــ بىر قولۇم بىلەن خىش يۆتكىشىپ بېرەلەيمەنمۇ ؟

سەدىقە بەرسىڭىز بېرىڭ بولمىسا تولا ئەخمەق قىلماڭ دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ . ئەمما ، ئايال خاپا بولۇش يوق ، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە دەپتۇ قاراڭ ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ ، مەن قىلالىغان يەردە سىز نېمە دەپ قىلالمىغۇدەكسىز .
تىلەمچى ئايالنى ئەمدىلەتىن كۆرۈۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپ قاپتۇ . ۋە بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ، ئېڭىشىپ خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ، بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ ئىككى سائەت ئىچىدىلا خىشلارنى پاك پاكىز يۆتكەپ بوپتۇ ، بۇ چاغدا ئۇ چىلىق چىلىق تەرلەپ ، چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى ئايال قاردەك ئاپاق لۆڭگىدىن بىرنى ئۇزۇتۇپتۇ تىلەمچى يۈزنى سۈرتكەندە لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ ، ئايال ئۇنىڭغا يىگىرمە دوللار بېرىپتۇ ، تىلەمچى رەھمەت دەپتۇ . نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز دەپتۇ ئايال خۇجايىن ، بۇ ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل دەپتۇ ئايال خۇجايىن ، مەن سىزنى ۋە قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن دەپتۇ تىلەمچى ، ۋە لۆڭگىنى . ئەسلىمە ئۈچۈن سورىۋېلىپ چوڭقۇر ئېگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ ، ئارىدىن . نەچچە كۈن ئۆتۈپ ، يەنە بىر تىلەمچى كېلىپتۇ .

ئايال خوجايىن ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە يىگىرمە دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېتىپتۇ ئىككى قولى ساقمۇ ساق . بۇ تىلەمچى يىگىرمە دوللارنى ئاز كۆردىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەب بارمۇ ؟ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قاپتۇ ، ئوغلى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقانغا ئىشىغا ھەيران بولۇپ سوراپتۇ سەن نىمە قىلماقچى ئانا تىلەمچىلەرنى ئۇياق بۇياققا يۆتكۈتۈپ ئايال خۇجايىن بالىسىغا . خىشنى نەگە قويۇش مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى تىلەمچىلەرنىڭ خىشنى يۆتكەش يۆتكىمەسلىكى دەپتۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن مۇ يەنە بىر نەچچە تىلەمچى كەپتۇ ، ئىشلارمۇ ئۆينىڭ ئالدى كەينىگە بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپتۇ ، ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بىر كۈنى ھويلىدا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر ئادەم پەيدا بولۇپتۇ ، ئۇنىڭ كېلىشى سالاپەتلىك ، گەپ سۆز يۈرۈشتۈرۈشنىلا ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغان غالىبلارغا خاس تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى ، شۇغىنىسى ئوڭ قولى يوق يېڭى بوش لەپىلدەپ تۇراتتى .
كەلگۈچە ئېگىلىپ بىر قولى بىلەن قېرىلىق يەتكەن ئايال خوجايىننى يۆلىگەچ سىز بولمىغان بولسىڭىز ، مەن ھازىرقى بىر شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ئەمەس ، ھېلىمۇ ھەم تىلەمچىچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم دەپتۇ ئايال بۇ ئادەمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەنىدى ، ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى دەپتۇ ، مۇدىرىيەت باشلىقى ئايالىغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، كەچۈرۈڭ . بۇلارنى قوبۇل قىلالمايمىز دەپتۇ ئايال خۇجايىن دەپتۇ ،
مۇدىرىيەت باشلىقى ، قەتىيلىك بىلەن سىز ماڭا ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ، قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتتىڭىز . شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆي ئېلىپ قويدۇم . ئۇ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن
، ئايال ئاخىرى كۈلۈمسىرەپتۇ . ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە ھەدىيە قىلايلى . دەپتۇ .

بىلگايتىس مۇنداق دەيدۇ : ئازاب ئۇقۇبەت ئۆتكۈنچە بولدۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ .
ئەگەر سىز ھەركەت قىلىشنى باشلىغاندا سىزگە توسقۇنلۇق بولدۇغان نەرسىلەر كۆپ ئەمما سىز بەرداشلىق بىرىشىڭىز ئۆتۈپ ، ئازاب ئۇقۇبەتنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك .
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


