
…………
…………

بىزنىڭ بايرىقىمىز
جەننەتگۈل روزى

ئېچىلساڭ ئاسماندا قىپقىزىل گۈلدەك،
مەڭزىگە نۇر سۆيەر بەش يۇلتۇزۇڭنىڭ.
بىز ئۈچۈن سەن مەڭگۈ ئۆزگىچە مەنە ،
پەخرى سەن ۋەتىنىم ئوغۇل-قىزىنىڭ.
رەڭگىڭدۇر يۈرەكنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ،
قېتىدا لىققىدە ۋەتەن سۆيگۈسى.
جەۋلانىڭ ئاستىدا ئەللىك ئالتە گۈل ،
پورەكلەر بولۇپ بىر پارلاق كەلگۈسى.
ھەر قېتىم ھۆرمەتتە تىكىلسەك ساڭا ،
يادلىنار دىللاردا شانلىق تارىخىڭ.
تاغلاردىن قايتىدۇ پىچىرلىسام گەر،
بىر ياڭراق ساداغا ئايلىنىپ ئىسمىڭ.
لەپىلدە بەش يۇلتۇز قىزىل بايرىقىم،
سەن قولدا مەنزىلگە چامدايمىز مەزمۇت.
چاقنىساڭ ئاسماندا قۇياشقا ئوخشاش ،
ھېچقاچان بەختىمگە يولىمايدۇ جۇت .
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

