大数跨境

ۋەسلىڭ ماڭا نېچۈن كېرەك ئەسلىڭسىز  - ياسىن مەتنىياز

ۋەسلىڭ ماڭا نېچۈن كېرەك ئەسلىڭسىز  - ياسىن مەتنىياز aybarawazi
2024-12-08
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 



  ۋەسلىڭ ماڭا نېچۈن كېرەك ئەسلىڭسىز  

  ياسىن مەتنىياز  

亚森·买提尼牙孜 | 爱的期待

يۆلەنگەنچە مېنى خىيال قىلساڭمۇ،

كۈندەشلىكىم قوزغىلىدۇ تاملارغا.

خانەم ئىچرە مېنى قامال قىلساڭمۇ،

كۈندەشلىكىم قوزغىلىدۇ راملارغا.

شاراب سۇنۇپ ماڭا ئامال قىلساڭمۇ،

كۈندەشلىكىم قوزغىلىدۇ جاملارغا.

 

يوشۇرارسەن ئۇرغۇۋاتقان قېنىڭنى،

قاغجىراشتا ئايلانساممۇ بىر ئىتقا.

كۈنگە بۆلۈپ ئوينار لېكىن جېنىڭنى،

كۈندەشلىكىم قوزغىلىدۇ ۋاقىتقا.

غايىب قولى سىيلار نازۇك تېنىڭنى،

ماڭا كەلگەن كۈنلەر ئەمما بەك قىسقا.

 

تالاي كۈنلەر غازاڭ بولدۇم پەسلىڭسىز،

ئېچىلالماي كەلگەچكە سەن ھازىرغا.

ۋەسلىڭ ماڭا نېچۈن كېرەك ئەسلىڭسىز،

مەسۇملۇقۇڭ مۇقەددەستۇر شائىرغا.

غېرىبلىقنى خالىمايمەن ۋەسلىڭسىز،

يولۇقساممۇ تالاي ئابدۇل شاتىرغا.

 

سادا بېرىپ قىزغىن تۈننىڭ مەرغۇلى،

ئايلانماقتا تاڭدا پۈتەر داستانغا.

سۆڭەكلەردىن چىقىپ مەستلىك بۇلبۇلى،

لەرزان قانات قېقىپ كەتتى ئاسمانغا.

لېرىكىنىڭ ئەۋجى ئۈچۈن بىر يولى

ئايلانمايمەن ئەرزىمەس بىر ھايۋانغا.



 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k