大数跨境

ئىپتخارىم سەددىچىن - گۈلبوستان ئابدۇرېھىم

ئىپتخارىم سەددىچىن -  گۈلبوستان ئابدۇرېھىم aybarawazi
2024-12-02
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 


  ئىپتىخارىم سەددىچىن 

  گۈلبوستان ئابدىرىيىم   

古力波斯坦·阿布都热依木 | 万里长城让我自豪


ۋەتىنىمنىڭ گۈل ھۆسنىگە ياراشقان،
سۇباتىڭدىن سانسىز كۆزلەر قاماشقان،
ئەتراپىڭدا قۇشلار خەندان سايراشقان،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
بۈيۈك نامىڭ كەڭ جاھانغا تارالغان،
سەندە جەسۇر ئەزىمەتلەر يارالغان،
باتۇرلۇقۇڭ قەلىبلەرگە ئويۇلغان،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
بارغىنىمدا پايتەختكە ھەر نۆۋەت،
دىلدا سۆيگۈ قاناتلىنىپ بەھەيۋەت،
تومۇرۇمدا ئاقار ئوخچۇپ بىر لەززەت،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
قەدەملىرىم ئىنتىلىدۇ سەن تامان،
تۆمۈر قۇشتىن  چۈشكىنىمدە ھەر قاچان،
پاك ھۆسنۈڭدە جىلۋە قىلار بىر ئارمان،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
قۇچىقىڭنى ئېچىپ سانسىز قەلىبكە،
ئۈندەپ كەلدىڭ ساھىبخان بوپ تەشرىپكە،
ئېرىشتىڭ ھەم كاتتا شۆھرەت تەۋسىپكە،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
ھەر قارىسام سەن تۇرىسەن مەردانە،
ۋەتىنىمنىڭ گۆھىرى بوپ بىر دانە،
سەن بىرلىكنىڭ سىمۋولىسەن ھامانە،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
باردۇر ساڭا بارچە دىلدا ئەقىدە،
سەن ۋەتەننىڭ تارىخىغا نەمۇنە،
سەن دۇنياغا مەشھۇر، كاتتا مۆجىزە،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
ۋەتەن ئانا، دەپ چاقىرسام ھەر قاچان،
كۆز ئالدىمغا سەن كېلەرسەن شۇ ھامان،
ئىرادەمگە بىرىپ كەلگەن كۈچ-دەرمان،
ئىپتىخارىم، غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.
 
ۋۇجۇدۇڭدىن مىڭ قۇياشنى ئۆرلەتكەن،
سانسىز دىلدا غەيۇرلۇقنى گۈللەتكەن،
ۋەتىنىمنىڭ شۆھرىتىنى كۆكلەتكەن،
ئىپتىخارىم غۇرۇرۇمسەن سەددىچىن.


 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k