
…………
…………

ئايال - سۆيۈشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما سۆيگۈ ئۈچۈن ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقى شەرت

ئايال - سۆيۈلۈشنى بىلىشى كېرەك، ئەمما سۆيۈلگەندە ئېشىۋالماسلىقى شەرت

ئايال - بالا تەربىيلەشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما بالىنى دادىسى تەربىيلەۋاتقاندا ئارلىشىۋالماسلىقنى بىلىشى شەرت

ئايال -پۇل تاپالايدىغان بولۇشى كېرەك ، ئەمما تاپقان پۇلى ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئېرىدىن چوڭ بىلىۋالماسلىقى شەرت

ئايال - ياسىنىشنى بىلىشى كېرەك، ئەمما چاكىنا بولىۋالماسلىقى شەرت

ئايال - ماشىنا ھەيدەشنى بىلىشى كېرەك، ئەمما ئېرى ھەيدىگەندە يان ئورۇندا ئولتۇرۇپ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى بىلىشى شەرت

ئايال - ئېرىنى سىرتتا تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدۇرالىشى كېرەك، ئەمما ئۆيدە ئوخشىتۇپ تاماق ئىتىشنىمۇ بىلىشى شەرت

ئايال - بىلىملىك بولۇشى كېرەك ، ئەمما كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ ئېرىدىن سوراشنى ئۇنتىماسلىقى شەرت

ئايال -ئېرىگە ئىشىنىشنى بىلىشى كېرەك ، ئەمما ئۆز يولىدا قىزغىنىشنىمۇ بىلىشى شەرت

ئايال - ئېرىنى ئىزدەپ تۇرىشى كېرەك، ئەمما كۆزىگە كىرىۋالماسلىقى شەرت

ئايال - غەرپچە رېستۇرانغا مۇراسىم كىيمى بىلەن كىرىپ ۋىلكا بىلەن پىچاقنى تەمتىرمەي ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ، ئەمما يايمىلاردا لەڭپۇڭ يىسىمۇ كەيپىنى سۈرۈشنى بىلىشى شەرت

ئايال - چىداملىق ھەم كۆتۈرۈشلۈك بولۇشى كېرەك ، ئەمما نېمىنى كۆتۈرۈپ نېمىگە چىداشنى بىلىشى شەرت

ئايال - ئۇششۇق بولۇشى كېرەك ، ئەمما بىشەم بولماسلىقى شەرت

ئايال - خالىغىنىچە ياشىشى كېرەك، ئەمما ھاياتىنىڭ ھەر دەقىقىسىدە تەگسە بولمايدىغان تۇسالغۇنى ئۇنۇتماسلىقى شەرت !


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

