
…………
…………

01
باشقىلاردىن ئىقتىسادىي ياردەم جەھەتتە ئۈمۈد كۈتمە! چۈنكى ھېچكىم سىنىلا ئويلاپ تىرىشقان ئەمەس .
چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ ئائىلىسى بار.

02
دوستلىرىڭنىڭ ساڭا ياردەم قىلغانلىقى ۋاپادارلىق، ساداقەت جۈملىسىدىن. ياردەم قىلماسلىقىمۇ خاتالىق ئەمەس، ئاغرىنما، چۈنكى ھېچكىمنىڭ سەندە قەرزى يوق

03
سەن مۇھتاج بولغاندا، چوقۇم ساڭا ياردەم بېرىدىغان ئادەمنىڭ يوقلىقىنى بىلىشىڭ كېرەك، پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭنى مۇستەققل، قەيسەر، خۇشال، بەخىتلىك قىلالايسەن. چۈنكى پەقەت ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە بىرئۆمۈر ھەمرا بولالايسەن

04
باي - كەمبەغەللىكىگە قاراپ دوسىت تۇتما، ئۇنىڭ مىليارد بايلىقىنىڭ سەن بىلەن بىر تىيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۆزۈڭنى ئەرمەك ھايۋان قاتارىدا كۆرمە، بەلكىم يەنە بىرسىنىڭ ھىچنىمىسى يوق، ئەمما سەن بىلەن بىرپارچە ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يېيىشكە رازى بولىدۇ.

05
ماددىي جەھەتتىن باي دوستنى دەپ مەنىۋىي جەھەتتىن باي دوستۇڭدىن يىراقلاشما. ئالدىرىماي ھېس قىلىپ قالىسەن، چۈنكى بىرى سەن بىلەن چوڭ يەپ - ئىچىش بىلەن بىرگە ساڭا ھاياتنىڭ مۇرەككەپ ئاۋازىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ، يەنە بىرى بولسا ئىسىل تاماق - شاراپسىز، ھويلا-ئارامسىزمۇ سەن بىلەن بىللە ئىتىزلاردا يۈگىرەلەيدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ، بالىلاردەك شوخ كۈلەلەيدۇ .

06
مەيلى سەن نېمە مەقسەت بىلەن توي قىلغان بول، پەرزەنىتلىك بولغان ھامان، بۇ ئۆينى قىزغىن سۆي، مەيلى قانچە نامرات ، كۆڭۈلسىز بولسۇن، سېنىڭ مۇشۇ ئۆينى ئىللىتىش مەسئۇلىيتىڭ بار، چۈنكى سەن ئاتا - ئانا

07
ياشلىق بىردەمدىلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، قورۇقلار ساڭا ياماشقان چاغدا سەن ھېچ ئامال قىلالماي قالىسەن، لېكىن سەن كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى ئىچىدە ئۆزۈڭنى تاۋلىغىن، بىر كۈنلەردە قۇرۇغان قاقشالدەك بولغىنىڭدا، ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭگە قاراپ كۈلۈمسىرىگىدەك بول

08
جاھىل بولما، تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك جىق. يەرشارى سەن ئۈچۈنلا ئايلانمايدۇ، غەيرەتلىك بول .قەيسەر ياشا .شۇندىلا دۇنيا ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ..

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە :
سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )
ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

