大数跨境

بۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇسىڭىز سەككىز ياش چوڭ بولغاندەك بولىسىز

بۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇسىڭىز سەككىز ياش چوڭ بولغاندەك بولىسىز aybarawazi
2025-01-06
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 




♡♡♡

دوكتۇر ۋە بېلىقچى


بىر كۈنى بىر دوكتۇر قېيىققا ئولتۇرۇپ دەريا تاماشىسى قىلغىلى چىقىپتۇ.

قېيىقتا دوكتۇر بېلىقچىدىن: «سىز بىئولوگىيىنى بىلەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ، بېلىقچى باش چايقاپ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، دوكتۇر ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا سىز ئۆمرىڭىزنىڭ تۆتتىن بىرىدىن مەھرۇم قاپسىز» دەپتۇ.


قېيىق بىردەم ماڭغاندىن كېيىن دوكتۇر يەنە بېلىقچىدىن: «سىز پەلسەپەنى بىلەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ، بېلىقچى ئۇنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، دوكتۇر ئۇنىڭغا: «ھەي، سىز ئۆمرىڭىزنىڭ يەنە تۆتتىن بىرىدىن مەھرۇم قاپسىز» دەپتۇ.

ئارىدىن يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن دوكتۇر يەنە زېرىكىپ بېلىقچىدىن: «سىز ئىلىم-پەننى بىلەمسىز؟» دەپتۇ، بېلىقچى داۋاملىق بېشىنى چايقاپتۇ، دەل شۇ چاغدا قاتتىق بوران چىقىپ، دەريادا شىددەتلىك دولقۇنلار ئۆركەشلەپ، قېيىقنى داۋالغۇتۇشقا باشلاپتۇ، 
بېلىقچى بۇ چاغدا دوكتۇردىن: «سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ. دوكتۇر بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيقاندىن كېيىن ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا: «ئۇنداقتا سىز پۈتۈن ئۆمرىڭىزدىن مەھرۇم قاپسىز» دەپتۇ.


ئىلھام: مىڭ خىل ھۈنىرى باردىن ئەمەس، سەر خىل ھۈنىرى باردىن قورقۇش كېرەك. خىزمەت سورۇنىدا بەزىدە بىرلا ئىشتا پىشىپ ۋايىغا يەتسىڭىزمۇ بەخىرامان جېنىڭىزنى ساقلىيالايسىز.


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k