
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئازاپ كوچىسىدىكى ئايال ) ناملىق كۆپ قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت


لېۋىڭ گويا مەي بولغان ئالما
مىرەخمەت مامۇت
كۈتۈش
سېغىنىش يېنىڭغا باردىمۇ جانان،
بارغاندەك مەلەمدىن ئۆتكەن شۇ قۇشلار.
چەكتىمۇ ئىشىكىڭنى مەندەك شەپىسىز،
چېچىمنى يەلپۈتۈپ ئۇچقان شاماللار.
دېرىزەڭ تۈۋىدە ئاچتىمۇ چېچەك،
قەلبىمدەك سۆيگۈگە تەشنا ئەتىرگۈل.
تۇرامدۇ ھېلىمۇ ساڭا ئەركىلەپ،
شۇ كۈنى باغرىمدا مۇڭلانغان كۆڭۈل.
ھېلىمۇ قارامسەن ئەركە يۇلتۇزغا،
كەچلىرى شۇ كەپسىز قەلبىڭنى ئىزدەپ.
بىلىسەن ھېلىمۇ ئاشۇ دوقمۇشتا،
بىر ئۈمىد ساقلايدۇ كېلەرمىكىن دەپ.
ئەمما
شۇنچە يىراق، شۇنچىلىك يىراق،
ئۇچۇۋاتقان قاغىلار بىزگە.
ئەمما، سۆيگۈ بېرەر تىنىمسىز،
سايراپ ئېيتقان ھەر بىر سۆزىدە.
شۇنچە ئېغىر، شۇنچىلىك ئېغىر،
دادىلارنىڭ تاغدەك سۈلكىتى.
ئەمما ئۇچرار ھەربىر قەدەمدە،
سۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ھېكمىتى.
شۇنچىلىك ئاق، شۇنچىلىك ئاپئاق.
يېغىۋاتقان قارنىڭ سۆيگۈسى.
ئەمما، كېلەر بىزگە يول باشلاپ،
مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر يۈزى.
شۇنچە قىسقا، شۇنچىلىك قىسقا،
تۈگىمىگەن ھاياتنىڭ سۆزى.
ئەمما، قالار كەينىدە ھامان،
ھەر قەدەمدە ئاشىقنىڭ كۆزى.
قىرىق ياشلىق بوستان سېكىلەك
ئۈمىد بەلكىم ئۇزۇن كىرپىكتۇر،
يا ئوقىدەك سانجىلغان ماڭا.
ئۇزۇن بولدى بولدۇڭ سايىۋەن،
مېنىڭ تاتلىق خىياللىرىمغا.
لېۋىڭ گويا مەي بولغان ئالما،
جاۋغايلىرىم ئۇزۇن ھاياجان.
سۆيگۈ ئاققان دەريادۇر كۆزۈڭ،
مەن پىلتىڭلاپ ئۈزگەن بېلىجان.
قەلبىمىزدە تۇتاش بىر يول بار،
شۇ يول بىلەن تىپىرلار يۈرەك.
ھېسلىرىمنى قىلدىڭغۇ قامال،
قىرىق ياشلىق بوستان سېكىلەك.

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

