
…………
…………

قەلبىم بىر شەھەر
گۇچېڭ
بارات تۆمۈر تەرجىمىسى

،قەلبىم
،بىر شەھەر
.ئەڭ كىچىك بىر شەھەر
،ئاۋات رەستىسىز
.ئاھالە، پۇقراسىز
،شۇنچىلىك جىمجىت
،شۇنچىلىك تىمتاس
،پەقەتلا بىر تال ياپراق
،پەقەتلا بىر پارچە گۈلزار
يەنە مۆكۈۋالغان
.بالىلىق مېھرى باردۇر ئۇ يەردە
،چۈشۈم
،بىر شەھەر
،ئەڭ كىچىك بىر شەھەر
،يوق سۈرلۈك قەسىرلەر
.يوق سىرلىق قەبرىلەر
،شۇنچىلىك تىمتاس
،شۇنچىلىك خىلۋەت
،پەقەتلا بىر قەۋەت سۇس تۇمان
،پەقەتلا بىر لەھزە مەيىن شامال
يەنە ئۈزۈلمىگەن
.بالىلىق رىشتى باردۇر ئۇ يەردە
...ئاھ
،مەن بىر كىچىك شەھەر
.ئەڭ كىچىك بىر شەھەر
،پەقەتلا سىغار بىر ئادەم
.پەقەتلا سىغار بىر ئادەم
،چۈشۈمدىكى نىگار
.قەلبىمدىكى يار
!مېنىڭ جانانىم
نېمىشقا كەلمەيسەن؟
نېمىشقا كەلمەيسەن؟
تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

