
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بىر پادىشاھ باغقا كىرىپ ،باغدىكى گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن يالغۇز ئايلانغىلى بېرىپتۇ . ئەمما ئويلىمىغان يەردىن باغدىكى رەڭگارەڭ ئەتتىر گۈل ، قىزىل گۈل ۋە مىۋە دەرەخلىرىنىڭ قۇرۇپ كەتكىننى ئەتراپتىكى ياۋا ئوت - چوپنىڭ ياخشى ئۆسىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران بۇلۇپ ياۋا ئوت چۆپتىن سوراپتۇ : بۇ قانداق ئىش باغدىكى ئەتىۋار گۈللەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ سەن تېخى ياشىرىپ كىتىپسەن ئەھۋالدىن قارغاندا سەن گۈللەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ قۇرتىۋەتتىڭمۇ نىمە ؟؟
ياۋا ئوت-چۆپ جاۋاب بېرىپتۇ : ئەتىۋا گۈللىرىڭىزگە چۈقۇم بىر ياخشى باغۋەن كېرەك ، ئۇنى بىرسى بېقىپ كۆندۈرۈپ قويغان باقمىسىلا قۇرۇپ كېتىدۇ
گۈللەر چۇقۇم بىرى كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالىدۇ دەپ ئۈمۈتتە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن
شۇڭا گۈللەر قۇرۇپ كەتتى ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان .
-ئۇنداقتا سەنچۇ ؟
مىنى ھېچكىم ياختۇرمايدۇ ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايدۇ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئۈمۈد بېرىپ ياشىمىسام كىممۇ مىنى ئۆستۈردۇ ؟

ياۋا ئوتتەك ياشاشنىڭ زامانىدۇر

ئۈمۈدسىزلىك يېرىم ئۆلۈم ئۆمۈتنى باشقىلاردىن كۈتۈش پۈتۈن ئۆلۈم

بەلكىم باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانسىز ياكى باشقىلار ياختۇرشىغا ئېرشەلمىگەنسىز دىمەك بۇ تېخىمۇ كۈشلۈك ياشاڭ دىگەننىڭ بىشارىتى
ھەرگىز ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ ئەمەس
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


