大数跨境

ئۆرۈك چىچەكلىرى ئوخشار بىرقىزغا - ئايىمنىسا سۇلايمان

ئۆرۈك چىچەكلىرى ئوخشار بىرقىزغا - ئايىمنىسا سۇلايمان aybarawazi
2024-12-12
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 


 

ئۆرۈك چىچەكلىرى ئوخشار بىرقىزغا

ئايىمنىسا سۇلايمان



جىمجىت رەڭلەر

،زەڭگەر ئاسمان، يېشىل يۇپۇرماق

.دېرىزىدىن مارايدۇ ھارماي

،ساز چالىدۇ قۇشلار زوق بىلەن

.ئۇسۇل ئوينار كۆكتە  ئاي

،مەھەللىنىڭ جىمجىت سەھىرى

.مەن چۆكۈمەن قەلبىمگە ئاستا

،ئېچىلىدۇ گۈللەر پەرۋاسىز

.سېغىنىشلار بىر ئەزىم دەريا


،ھايات ئېيتار ئۆز ناخشىسىنى

.جىمجىتلىققا جور بولغىنىچە

،ئاستاغىنا كىرىپ كېتىمەن

.شەھرىزاتنىڭ چۆچەكلىرىگە


،ئالدىراشلىق، ۋاقىت جەدىۋىلى

.شامدەك ئېرىپ كەتمەكتە تاراپ

،دولقۇن-دولقۇن جىمجىتلىق ئارا

.ھايات يەنە تۇرىدۇ چاقناپ


يامغۇر ھىدى، سېنىڭ ئاۋازىڭ

بۈگۈن

،شۇ قەدەر يامغۇردا قالغۇم كەلدى

...چىلىشىپ- چىلىشىپ

،يۈزۈمنى يامغۇرغا تۇتۇپ

.لەرزان-لەرزان قىيغىتىپ

،ئالدىرىمايتتىم ھېچبىر دالدىغا

.يامغۇر سۈيىنىڭ شىلدىرلاشلىرى

،ئەڭ گۈزەل كۈي، گۈزەل مۇزىكا

.يامغۇر ھىدى كىلەر نازغىتىپ

،يېشىل ياپراق چۈشسە ئۇسۇلغا

.مەن بالكۇندىن قارايمەن كۆككە

،قۇچاقلىغۇم كېلەر يامغۇرنى

.يامغۇر ھىدى، سېنىڭ ئاۋازىڭ

،بىر سېغىنىش، بىر ئىللىق قۇچاق

.شۇدەم يەنە قىينايدۇ مىنى

،قەلبىمدەكلا سۈزۈك ئاسماندىن

،كېچىلەردە يۇلتۇز ۋە ئايدىن

.مەن سورايمەن يەنىلا سىنى


سەن قەلبىمدە بىرلا تولۇنئاي

،قىزغىن باھار، يېشىل ياپراقلار

.قۇشلار سايرار مەغرۇر، شادىمان

،پورەك-پورەك سېغىنىشلاردا

.ئاق بۇلۇتلار ئۈزۈشەر لەرزان


،ئالتۇن رەڭلىك پەردە كەينىدە

.ئولتۇرىدۇ تەنھا بىر ئايال

،لالە رەڭلىك خىروستال قەدەھ

.سېغىنىشلىق گۈزەل بىر خىيال


،كەل باغرىڭنى ئوتقا تولدۇرۇپ

.كۆيدۈر مېنى كۈلگە ئايلىناي

،نۇردەك پارلا ئاسمىنىم ئارا

.سەن قەلبىمدە بىرلا تولۇنئاي


سەن باھار بولساڭ

،ئۆرۈك چىچەكلىرى نەقەدەر گۈزەل

.ئوخشايدۇ قەلبىمدىكى گۆدەك بىر قىزغا

،گۈزەل بىر تۇيغۇ، تاتلىق بىر پۇراق

.ئاقار يۈرەككە، ياق كائىناتقا

،باھارغا قوشۇلۇپ ئىللىتسام ھامان

.قەلبىڭنى، چىھرىڭنى، ماڭار يولۇڭنى

!قۇشلار سايرىماقتا ئاھ، نېمىلەر دەي

.تۇت يۈرىكىمنى، بەرگىن قولۇڭنى


،قېيدىسام قېيدايسەن، كېلەر يىغلىغۇم

نە بولۇر چىڭڭىدە باغرىڭغا باسساڭ؟

،ئۆرۈك چىچەكلىرى ئوخشار بىر قىزغا

.ھۈپپىدە ئېچىلار، سەن باھار بولساڭ


 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k