大数跨境

قۇسۇر ئىزدىمە -ئاپتۇرى پاتەم بەكرى

قۇسۇر ئىزدىمە -ئاپتۇرى پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-01-21
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 




قۇسۇر  ئىزدىمە

پاتەم بەكرى


 قۇياشمۇ ھەر كۈنى چىقمايدۇ پارلاپ. 

  كۆرۈنمەس، گاھىدا بۇلۇت ئارىلاپ. 

 يۈرمىگىن بىھۇدە قۇياشتىن زارلاپ. 

 ھوزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 سىنچىلاپ قاراپ باق ئاخشامدا ئايغا؟ 

 مەڭزىگە چۈشكەن شۇ نۇقسانى خالغا

 سەن ئۈچۈن ئايلانماس جاھان ھېچ جايدا. 

 ھوزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 ھۇزۇرلۇق، قەلبلەر تارتمايدۇ ئازاب. 

 مۇھەببەت خۇش ھىدى ، ئەتراپقا تاراپ. 

 ياشايسەن ھەر جايدا ھەر كىمگە ياراپ. 

 ھەر ئىشتىن ھۇزۇر ئال قۇسۇر ئىزدىمە.


 ئۆيدىمۇ يېمەيسەن كۈندە بەتتىنى، 

 كۈتىۋال ، كەڭ قورساق بولۇپ ئەتىنى . 

 ئۆزگىگە قىلمىغىن گەپنىڭ سەتىنى. 

 ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 ئوخشىماس، گاھى ئاش ئۆزۈڭ ئەتسەڭمۇ. 

  ئاددىي بىر ئىنسانسەن كۆككە يەتسەڭمۇ؟ 

 ئۇنتۇلماس ياخشى نام يىراق كەتسەڭمۇ. 

 ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 باشقىلار كەينىدىن، قىلمىغىن غەيۋەت. 

 زەررىچە خۇشلۇققا ئېيتىپ تۇر، رەھمەت. 

 مىننەتدار قەلىبكە، يەتمەيدۇ زەخمەت. 

 ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 چاغلىما ئۆزۈڭنى ھەممىدىن قالتىس. 

 بولساڭمۇ مىليادىر يا داڭلىق ئارتىس. 

  مېھىرلىك ياشىغىن، ئالمىغىن قارغىش. 

 ھوزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 ئويلىغىن ھەر ئىشتا ياخشى تەرەپنى. 

 ئۆزۈڭگە قوي ئاۋال كۈچلۈك تەلەپنى، 

 كەمتەر بول ئالىسەن ئەلدىن شەرەپنى. 

 ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 ھۇزۇرنى ئىزدىسەڭ ھاياتىڭ بىر گۈل. 

 ئىزدىسەڭ قۇسۇرنى قەلبىڭ، قاقاس  چۆل، 

  ھۇزۇرسىز گۈلگە ھەم قونمايدۇ بۇلبۇل، 

  ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


 كۆپتۈرمە تۆگىدەك  ، تۈگمىدەك ئىشنى. 

 ھەر يۈرەك خالايدۇ قۇلاق تىنجىشنى ، 

 ئۆتكۈزگىن سەنيادا باھاردەك قىشنى. 

 ھۇزۇر ئال، ھەر ئىشتىن قۇسۇر ئىزدىمە. 


2025-1-1-كۇنى

سەنيادا  يېزىلدى

 ئاپتور ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى. 


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0