大数跨境

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى16-قىسىم

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى16-قىسىم aybarawazi
2025-02-11
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆتنە ئالەم ) ناملىق كۆپ قىسىملىق  رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 17-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


















بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز  بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ  


………………… 


بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ 

4 3 2
1
8 7 6 5
12
11 10 9

15 14 13


ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى

پوۋىست

قەلەمدە: ئاينۇر خۇشرۇي

16-قىسىم

ھېلىقى مىنىڭ كاسامغا ئۇرغىنى مەن ئىنكاس قايتۇرۇپ بوغىچە ۋەلىسپىتنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ تار بىر كوچىغا قايرىلىپ كىرىپ كەتتى.كاسام ۋاژىلداپ ئىچىشىپ كەتتى، بىر تەرەپتە  سىنىپ مۇدىرى ئىلمىي مۇدىر تۇراتتى، مەكتەپتىن قايتىپ  چىققان شۇنچە جىق باللا مازاق قىلىپ كۈلگەن بوغاچ ئەلەمدە يىغلاپ ئولتۇرۇپ قالدىم…

-بولدى ئەمدى ئۇنداق نازۇك بوپ كەتمەڭ… مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قويدى شۇندامۇ باللا…

كانانغا ئەگىشىپ ھەممە بالىلار شۇنداق دىدى…كانانغا سەت بىر ئالىيىپ يىغلىغانچە ئۆيىمگە كەتتىم، كاناننىڭ مېنى قوغدىمىغىنى،ھېچ بولمىسا ئۇ بالىنى ئىككى ئىغىز تىللاپ ماڭا تەسەللى بەمىگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىيداپ گەپ قىماي،يىنىمغا كەسە سىلكىپ يۈردۈم، نەچچە كۈن ئۆتۈپ  مەكتەپنىڭ ۋاسكىتبول  مەيدانىدا  چوڭ  جىدەل چىقىپ كەتتى دەپ كىرىپتۇ ئىسىمدىشىم،تەتىلگە ئاز قاغاندا كاناننىڭ بۇ جىدەلگە ئارلىشىپ قىلشىنى خالىمايتىم، نەتىجىسنى بۇ قىتىم ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىردۇ دەپ ئىشىنەتتىم،نەتىجىسى چىقسىلا ئوقۇتقۇچىلا ئەلاچى ئوقۇغۇچى قاتارىدا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلدۇ، ئۇرۇشۇپ قاسىمۇ ھەيدەيمە دىمەيدۇ دەپ ئىشىنەتتىم، ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلانى كۆدۈم، جىدەلنىڭ باشلامچىسى كانانكەن، كانان رەتنىڭ بىشىدا ئولتۇردۇ، كانان ئۇرغان بالا ئوقۇتقۇچىلا كىلىشتىن بۇرۇنلا  ئۆزى  دوختۇرخانىغا  كىتىپتۇ مەن ئۆلۈپ قالدىغان بولدۇم دەپ كاناننىڭ يىرىم يۈزىگە يالىغان  قاننى كۆرۈپ قوقتۇم، قان ئۇيىشىپ كەتكەن بىشىغا قاراپ يىغا تۇتتى. مۇئەللىم ئەھۋالنى بىر قۇر ئىگەللەپ ھەممىسنىڭ ئىسمىنى يىزۋىلىپ يارلانغانلانى دوختۇرخانىغا ئەپ ماڭدى. مەنمۇ ئەگىشىپ دوختۇرخانىغا چىقتىم جوزىدا ئولتۇرغان كاناننىڭ يۈزىدىكى ئۇيىشىپ قاغان قاننى ئاستا ئىيتىۋىدىم كاناننىڭ تۈرلۈپ كەتكەن قوشۇمچىسى ئىچىلىپ تاتلىق بىرنى كۈلدى، ئاغرىدىمۇ دەپ  گەپ سورىسام كۈلگىنىگە ئاچچىغىم كەپ كەتمەك بولۋىدىم كانان قولۇمنى تۇتۋالدى،سىنىپ مۇدىرىم ياندىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئىدى مۇئەللىمنىڭ قارىسىنى كۆرۈش بىلەن كاناننىڭ قولىنى بىر سىلكىۋىدىم قولۇم بىشىدىكى يارلانغان يەگە تىگىپ كەتتى. كاناننىڭ بىشىدىكى ئۇيىغان قانلىرىنىڭ ئارىسىدىن قىپقىزىل يىڭى قانلا ئىقىپ چىقىشقا باشلىدى،  ئۆپكەم ئۆرىلىپ يىغلاپ سالدىم،  

-ئۇششۇق… بىشىم ئاغرىمىدى يىغلىماڭ بولدى…

كانان بىر قولىنى سۇنۇپ يىشىمنى ئىيتىپ قويدى. شۇ كۈنىلا پۈتۈن ساۋاقداشلا ئارىسىدا كانان بىلەن شەھلا يۈرۋاپتۇ،كاناننى دوختۇرخانىدا شەھلا باققۇدەك دىگەن گەپ تارقىلىپ كەتتى.كانان بىر ھەپتىدىن كېيىن ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلدى…بىشىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم،

-ھەممىسى نىمىگە سوقۇشتۇڭ دەپ سوراپ ئاۋارە سىز نىمىشقا سورىمايسىز؟ بىلگۈڭىز يوقما؟…

باللارنىڭ ئىغىزىدا ھەرخىل گەپلە ئۇچۇپ يۈرىيدۇ،يىغىپ كەسە كانان باشقىلانى قەستەن سوقۇپ يەنە ئۆكتەملىك قىلىپ خەخنى مەندىن كەچۈرۈم سورمىدى دەپ قوزغىغان جىدەلكەن، بۇ جىدەلنى تەتقىق قىپ ھەممىسى كاناننى ئۆكتەم ئەسكى دەيدۇ،

ھازىر نەچچە  بالا راس شۇنداقمۇ دەپ قىزىقىپ سورىدى.كانان بالىلار  نىم دەپ سورىسا ھە شۇنداقلا دەپ قويدى، كانان مېنىڭ نىمىشقا ساۋاقداشلاغا ئوخشاش  ئۇرۇشقىننىڭ سەۋەبىنى سورمىغىنىمنى سورىدى.

-سورىغاننىڭ نىم پايدىسى  سىز چوقۇم ھەقىقىي سەۋەبىنى دىمەيسىز… ھەم… ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئۇرغان بوسىڭىز قارشى تەرەپ چوقۇم شۇ تاياققا لايىق بىر ئىش قىلدى…

-نىمىشقا راس گەپ قىممايتىم؟

-سىز ماڭا سوقۇلدى كەچۈرۈم سورىمىدى دەپ ئۇرۇشقىدەك پىت ئۈچەي ئەمەس… خەخكە توقۇپ بەگەن بۇ ھېكايىڭىزگە مەن ئىشەنمەيمەن، چوقۇم قارشى تەرەپ سىزنىڭ تۆۋەن چىكىڭىزگە تەگدى يەنى سىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە ھاقارەت قىلدى… شۇنداقمۇ؟

-ھەي… سىز نىمىشقا ئاپامدەكلا چۈشىنىسىز مېنى؟ راس جىدەلنىڭ سەۋەبى سىز  تەھلىل قىغاننىڭ ئۆزى شۇ…

-لىكىن ئادەم ئۇرغىنىڭىز خاتا…

-مەن ئاۋال تاياق يىدىم… قارىڭە بىشىمغا نەچچە يىپلىق تىكىۋەتتى…

-سىزمۇ قارشى تەرەپنىڭ قولىنى سۇندۇرۇپسىزغۇ؟

كانان ئىككى قۇلقىنى يىنىك تارتىپ ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن دىگەندەك كۆزىنى يۇمۇشلاپ قويدى.شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ئەتىگەنلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدا شاھزات سىنىپقا يۈگرەپ كىرىپ مېنى سىرتقا چىقىڭ دىدى،جىددىي چىرايىغا قاراپ ئەگەشتىم،كارىدۇرغا چىقىپ ئىشىكنى يىپىشىمغا

-يۈرۈڭ ساقچىخانىغا بارايلى كانان تۇتۇپ تۇرلىۋىتىپتۇ…

مىڭەم،قۇلقىم تەڭلا لوقىلداپ ئاغرىپ كەتتى، بىر كۈن بوماي يەنە ئۇرۇشقان كاناننى ئۇرۇپ يانجىۋەتكەن بوسا، ئاندىن جىدەل خۇمارى بىسىقا بولغىيمىدى،

-بامايمە… باللاغا تىل مەشىقى قىلدۇرمە…

ئارقىغا قارىماي سىنىپقا يىنىپ كىردىم، دەرستىن چۈشۈپ بوغىچە كاللامغا كەلمىگەن خىيال كەلدى، كاناندىن ئەنسىرمەي تۇرامىدىم، دەرستىن چۈشۈپ شاھزاتنى ئىزدىدىم، كاناننىڭ ئۆيىگە قايتقىنىنى ئىيتتى،گەپ قىماي ياتىقىمغا كەتتىم، ئەتىسى ئەتىگەندە سىنىپنىڭ ئالدىغا باسام ئىسىمدىشىم يۈگرەپ كەلدى مۇھىم ئىش با دەپ،

-كاناننى مەكتەپتىن ھەيدىۋتىمىز دەپتۇ سەن چىقىپ مۇئەللىمگە يىلىنىپ باقە،ئىمتاھان نەتىجىسى چىققاندا چارە كۆسىمۇ بوپتىكە ئۇنىڭغىچە كانانغا ياخشىراق گەپ قىپ قويساڭ،تەربىيە قىساڭ بولاتتى،

-بامايمە… كانان ھېچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايدۇ ھەيدىۋەتسە تىخى ياخشى،ئۇرۇشمايدىغان بولدۇ،جىدەل خۇمارى بىسىقىدۇ

ئىسىمدىشىمنىڭ ئىسىلىۋىلشىغا ئۇنىماي ئورنىمغا بىرىپ جىم ئولتۇرۋالدىم،

-ياخشىغۇ، خەخ سىنى دەپ ئۇرۇشسۇن سەن مۇشۇنداق قىتىپ ئولتۇرۋال،كانان راس ھەيدىلىپ كىتىدىغان بوسا سىنى كەچۈرمەيمەن…

ئىسىمدىشىم يامانلاپ چىقىپ كەتتى،مېنى دەپ؟ كانان مېنى دەپ ئۇرۇشۇپتىما؟ ئەجىبا ئۇرغىنى ھېلىقى كۈنى… مېنىڭ كاسامغا ئۇرغىنىمىدۇ؟؟

ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئىنىقراق سوراي دەپ چاقىرۋىدىم ئۇ ئاڭلىمىدى،ئەگىشىپ  مىڭىپ ئىشىكتىن چىقىپ بوغاندا دەرسكە كىرىش قوڭغۇرقى چىلىندى، مۇئەللىم كاناننى ئەگەشتۈرۈپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى،بالىلارنى تەرتىپكە سىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ بوپ، بالىلار قالايمىقان جىجاپ قويغان دوسكىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قولۇمغا لۆڭگە ئالدىم، مۇئەللىم كاناننىڭ مەكتەپتىن چارە كۆرۈپ چىكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. دوسكا ئۆچۈرۋاتقان قولۇم تىترەپ پۈتۈن بەدىنىمدىن يىغا قايناپ كۆزۈمگە ئىتتىرەتتى…

-شەھلا ئىشخانامدا دەرس خاتىرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمە،چىقىپ ئەكىرىڭە…

لۆڭگىنى قويۇشنى ئۇنتۇپ چىڭ سىقىمداپ سىرتقا ماڭدىم، مۇئەللىم كەينىمدىنلا سىنىپتىن چىقتى،كاناننىمۇ ئىشخانىسغا كىر دەپ چاقىردى،ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى يەنى قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى دوست دىدى كانان مۇئەللىم مەكتەپتىن ماڭىمۇ چارە كۆردىغىننى،چۈنكى  مېنىڭ بالدۇر مۇھاببەتلىشىپ مەكتەپنىڭ تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغىنىمنى ئىيتتى،كانان مۇئەللىمنىڭ سۆزى تۈگەپ بوغىچە رەدىيە بەدى،

-ياق مۇئەللىم ئۇنداق ئىش يوق شەھلاغا ئۇۋال قىماڭ

-ئۇۋال قىمماڭ،ئىككىڭلانىڭ دەرستىن چۈشۈپ سىرتتا ئۇچرىشىپ يۈردىغىنىڭلانى مېنى بىلمەيدۇ دەپ قالدىڭما؟

-ئۇ… بىز…شۇ شەھلا، يەنە بىر شەھلا شاھزاتلا بىلەن  سىرتتا جىق يۈرۈپ قاغاندىمىز لىكىن شۇ بىللە تاماق يەيمىز مۇئەللىم ئارتۇق ئىشمۇ يوق.

مۇئەللىم قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق چاپلىشىپ يۈردىغان مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى، گەپ ئالاماي تولۇقسىزدىكى سىنىپ مەسئۇلىمىزنى ئىزدەيمە دىدى تولۇقسىزدىكى ئۇ مۇئەللىم بۇ ئۇقۇشماسلىقنى يىشىپ بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخىمۇ چىگلەش قىلۋىتەتتى،

-مۇئەللىم مىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىم ئالاھىدە، مېنىڭ ئاپام…

ئەسلى ئائىلەمدىكى ئىشلانى بىرە قۇر دەپ مۇئەللىمگە چۈشەندۈرۈپ كانان ئىككىمىزنىڭ بۇنچە يىقىن ئۆتىشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر دوسلۇق مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى دىمەكچى ئىدىم كانان پۇتۇمغا دەسسىدى، كۆزىگە قاردىم بىشىنى يىننك چايقىدى، ئۆيىڭدىكى سەتلىكىنى بۇلاغا دىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالمىدىم ئەلۋەتتە،

-ئاپىڭىز نىمە،ئۆيىڭىزدە  نىم بوغان؟

-ھېچنىمە، شۇ ئاپاممۇ كاناننى تونىيدۇ، بىز راسلا دوست. 

مۇئەللىم كاناننى سوتلاۋەدى، كانان دوستلۇق مۇناسىۋەتتە دىدى، مۇئەللىم ئىتىراپ قىممىدىڭ دەپ  كاناننى تىللىدى، ۋارقىرىدى. -ئوغۇلبالا بوساڭ بىر ئىغىز راس گەپ قىلە شەھلا پەقەتلا دوستۇڭمۇ؟ ھەربىي مەكتەپتىن قىچىپ چىقىشىڭ شەھلانىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئەمەسمۇ؟ جىدەل چىقىرىشىڭ شەھلانىڭ ئۆچىنى ئىلىش ئۈچۈنمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنى ياخشى كۆرەمسە يوق؟

مۇئەللىم كاناننىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ۋارقىرۋىدى كانانمۇ مۇئەللىمگە ۋارقىرىدى،

-ھەئە مەن شەھلانى ياخشى كۆرىمە، ئۇنىڭدەك ئەلاچى چىرايلىق قىزنى كىم ياخشى كۆمەيدۇ؟ ئۇنى مەنلا  ئەمەس  پۈتۈن  سىنىپتىكى باللا ياخشى كۆرىدۇ…ئۇنى قانداق ئىزاغا قويغىنىنى ئەجىبا سىز كۆمىگەنمۇ مۇئەللىم…شەھلالا ئەمەس ھەرقانداق بىر  قىزبالنى شۇنداق ئوساللاشتۇسا مەن يەنىلا بىرىپ  ئۇراتتىم……

مۇئەللىمنىڭ كاناننىڭ ياقىسىنى تۇتقان قولى بوشىدى، يىشى ئەمدى ئوتتۇزغا ئۇلاشقان بۇ ئەر مۇئەللىم جوزىسىدا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى…ئىشخاندىكى ئىككى ئايال مۇئەللىم چاي ئوتلىغاچ كىلىپ كاناننى جۈرئىتىڭ باكەن دەپ دولىسىغا ئۇرۇپ قويدى،

-سىنى مىنىڭمۇ  مەكتەپتىن ھەيدىۋەتكىم يوق كانان،لىكىن مەكتەپنىڭ تۈزىمى ھېچكىمگە كەڭچىلىك قىممايدۇ……

كانان بۇندىن كىيىن ئۇرۇشمىسۇن دەپ مۇئەللىمگە يىلىندىم،ياندىكى گەپ ئاڭلاۋاتقان  ئوقۇتقۇچىلارمۇ كاناننى ئەپ قالالىغىدەك بوسا ئەپ قالايلى دىدى، مۇئەللىم بىزنى ئېلىپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانسىغا ئەچىقتى، خىلى ياخشى پاراڭلىشىپ تۇردى كانان خاتالىقىنى تونۇپ، ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى مۇدىر بەمەكچى بوغان ئىدى،كانان ئۇرغان بالا ئاتا-ئانىسىنى،ساقچىنى باشلاپ مۇدىر ئشخانسىغا كىردى، كاناننى تۈرمىگە سولىتۋىتىمە دەپ ئۇرۇشتى قارشى تەرەپ، جىدەل ئايرىپ تەھلىل قىسا  تۇنجى كۈنى كاناننىڭ ئۇدۇل بىرىپلا ئۇرغىننى ئىككىنجى قىتىمدا ئۇ بالا كاناننى توسۋىلىپ مېنى،ئاپامنى يەنە كانانننڭ ئاپىسىنى  تىللاپ  جىدەلنى   باشلىغىننى بىلدىم. كاناننىڭ ئاپىسىنى ئەر ئاماس تۇل خوتۇن مېنى كىچىككىنە تۇرۇپ بۇزلۇپ كەتكەن دەپتۇ كانان چىرايلىق گەپ قىپ « نىم گىپىڭ بوسا ماڭا دە ئاپام بىلەن شەھلانى چىشلەپ تاتما » دىسە  كاناننى يۇندا پۇرايدىغان،يۇندىكەش  دەپتۇ، مۇدىر ئەھۋالنى ئىگەللەپ نەتىجىسىنى چىقىرىپ بوغىچە  ئۇ بالا ماڭا قولىنى شىلتىپ مېنى تىللاپ ئۈلگۈردى

-ھەممىنى قىغان مۇشۇ مەينەت… چىرايىغا چىكەتكەن كىچىك بۇزۇق… بۇ يىشىدا تولۇق ئۈچتە  پوق بامۇ بۇ مەينەتكە…

ئۇ ئىتىلىپ مەن تەرەپكە سىلكىنۋىدى قوقۇپ جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم، كانان ئۇنىڭ يۈزىگە بىر مۇش ئۇرۇپ ئارقىسىغا قايتۇرۋەتتى،سىنىپ مۇدىرى قولتۇقىمدىن يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويدى،ئۇ بالا مېنى نىمىگە قىستۇرۋالدۇ؟ دادامنىڭ، مۇئەللىمنىڭ سىنىپ ئاتلىتۋەتكىنى مىنىڭ خاتالىقىممۇ؟تۇختىماي سەت گەپ قىپ مىنى تىللاۋەدى، سىنىپ مەسئۇلى ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ مۇدىرنىڭ ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىماسلىقنى ئەسكەرتتى، قىزبالغا بۇنداق ھاقارات قىمما دىدى بىراق ئۇ ئاڭلىمىدى، كانان قاراپ ئولتۇرمىدى، ئىتىلىپ بىرىپ قارا-قۇيۇق  ئۇرۇپ كەتتى. 

سىنىپ مەسئۇلىم ئۇ بالىنى كاناننىڭ ئۇرشىغا قاراپ تۇردى،كاناننى توسمىدى،مەكتەپ مۇدىرى شىرەدىن ئايلىنىپ كىلىپ ھاي دەپ بوغىچە مېنى تىللىغان بالا نەچچە مۇش يەپ بولدى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ بولامىغان ئىدى، سىنىپ مەسئۇلى كاناننىڭ قولىنى تارتىپ تۇرغۇزدى، ئۇ بالا  ئۆزىنى رۇسلاپ بوپ ئۇرمە دەپ ئىتىلۋىدى مۇئەللىم توسۋىلىپ كاناننى ئۇرشىغا يول قويمىدى.

-نىمانداق ئەدەپسىز نىمە سەن، مۇدىر كۆدىڭىزمۇ مەكتەپتە مۇشۇنداق مۇشتۇمزۇرنى ئوقىتىدىغان بوسىڭىز مەن سىزنىمۇ قوشۇپ ئەرىز قىلىمەن.

مۇدىرغا قول شىلتىپ چالۋاقىدى ئۇنىڭ ئاپىسى بوغان ئايال،ئاندىن بىر چەتتە ھېچنىمگە ئارلاشمىغان ساقچىنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنىمۇ تىللىدى، ساقچىنى تىللاپ بوپ كاناننى تىللىدى، كاناننى مەكتەپتە ئوقىيمە دەپ خام خىيال قىمما دىدى،

-بۇنداق ئادەم تەلەتىدىن چىقىپ كەتكەن  نىمە بىلەن بىر مەكتەپتە مەنمۇ ئوقىمايمە مەكتەپتىن ئۆزىم چىكىنىمە… مۇدىر بۇ ئادەم ئەمەس بالاڭنى ئوقۇتۇپ  ياخشىراق ئادەم قىپ قويسۇن…

ئۇ ئايال كاناننى ئۇرۇش ئۈچۈن قول كۆتۈرۋىدى بىر ياندا ئويۇن كۆرۋاتقان ساقچى تۇتۋالدى،كانان بىلەن ھېلىقى بالا تىللىشاتتى ھەدەپ بىر-بىرىگە ئىتىلۋاتاتتى. بىردەمدە نەتىجىسى چىقتى،كانان مەكتەپتىن ھەيدەلدى…كاناننى مۇدىر بىلەن سىنىپ مەسئۇلى سىرتقا تارتتى.

-نەدە نىمىش قىساڭ  ھەق تەرەپتە تۇرۇپ ياشا بالام…  چوقۇم  ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش شەرت ئەمەس،لىكىن ياخشى ئادەم بولمىقىڭ كىرەك…   مۇدىر كاناننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويدى،كانان مەن سىنىپ مەسئۇلى سىنىپقا قايتىپ كىردۇق،مۇئەللىم دەرس ئۆتمەي بىزنى بىر سائەت كانان بىلەن خوشلىۋىلىشىڭلا دىدى. ھازىر قوش سائەتلىك دەرس ئىدى ئۆزئارا پاراڭلىشىپ يىرىم سائەت ئۆتكەندە مۇئەللىم مۇنبەرگە چىقىپ تىنىچ دىدى،ھەممىمىز مۇئەللىمگە قارىدۇق

-ياخشى كۆردىغان ئادىمىڭلا بامۇ؟

مۇئەللىم دوسكىغا مەكتەپتىكى مۇھاببەت دەپ چوڭ قىلىپ يىزىپ قويدى، مۇھەببەت،مەسئۇلىيەت،يەنە كەلگۈسى توغرىلىق ئۆزىنىڭ تەجرىبە،ھېسلىرى يەنە كىتاپتىن ئۆگەنگىننى يىغىپ بىزگە سۆزلىمەكتە ئىدى. مۇئەللىم مۇھەببەتنى بەك ئۇلۇغ سۈپەتلىدى،ئاخىردا سىلەنىڭ بۇ يىشىڭلاغا ماس كەممەيدۇ دىدى، كانان نىمىشقا دەپ سورىدى،



مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0