大数跨境

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى17-قىسىم

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى17-قىسىم aybarawazi
2025-02-11
0
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆتنە ئالەم ) ناملىق كۆپ قىسىملىق  رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 18-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


















بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز  بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ  


………………… 


بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ 

4 3 2
1
8 7 6 5
12
11 10 9
16 15 14 13


ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى

پوۋىست

قەلەمدە: ئاينۇر خۇشرۇي

17-قىسىم

-چۈنكى سىلەنىڭ ھېچنىمەڭلا يوق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭلاغا ئاغىدەك ئىقتىدار ھەم ئىقتىسادىڭلا يوق…

-لىكىن كۆڭلىدە ساقلىسا بولىدۇ شۇنداقمۇ؟مەسىلەن تۇرمۇشىمىزدا بىر ئادەملىرمىز بولىدۇ ئۇنى كۆسەك خۇش بولمىز، بىللە تاماق يىيەممىگەن چاغدا تاماق يەۋىتىپ  تاماق يىگەندىمۇ دەپ گىلىمىزدىن ئۆتمەيدۇ، كۆرۈشكەندە سىرتقا پايپاق كىيمەي چىقىپ ئوشۇقى توڭۇپ قالامۇ دەپ پايپىقىغا قاراپ باقىمىز دىگەندەك.

مۇئەللىم كاناننىڭ گىپىدىن كۈلۈپ كەتتى،

-سەن كىمنىڭ پايپىقىغا قارايسە،چىرايلىق قىزنىڭ ئۆزىگە قارىماي پايپىقىغا قارايسە دىگىنە…

-يا مۇئەللىم،شۇ ئەنسىرەپ  كۆڭۈل بۆلۈپ دىمەكچى ئىدىم…

كانان قىزىرىپ كەتتى، مەنمۇ شۇ ئۇنىڭ تۇنجى بوپ ئىشتىنىنىڭ پۇچىقىقىنى قايرىپ قارايدىغان ئادىمى مەن  بوغاچ كاناننىڭ گىپىنى چۈشەنمەي قاممىدىم…

مۇئەللىم ئۆزى توغرا دىگەن ئۆلچەمنى بىرە قۇر سۆزلىدى،مۇئەللىمنىڭ سۆزلىگىنى خىلى چوڭ تىمىلىق ئاسراش كۆيىنىش ئىدى، جىدەل ماجرا بىلەن ئۇنىڭ ئاقىۋتىنىمۇ سۆزلەپ ئۈلگۈردى،ئەلۋەتتە كانانغا مۇش بىلەن ھېچنىمە ھەل بوممايدۇ دىمەكچى ئىدى.

-مۇئەللىم سىز دىگەن ئۆلچەملەنى مەن چۈشەنمەيمە،لىكىن  بىلىدىغىنىم   مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ بوزەك قىلنىشىغا قاراپ تۇرامايمە.

ئاسان ئاچچىقلىندىغان چىچىلدىغان مىجەزىڭنى تاشلىمساڭ ئۆزۈڭ ياخشى كۆگەن قىزنىمۇ ئۇرۇپ قويشىڭ مۇمكىن…قىزبالا دىگەن نازۇك بولىدۇ ئۇرۇش ئەمەس تىللاپ قويساڭمۇ ساڭا قارىمايدۇ…ئاجىز،بەدىنى ئاجىز،ئۆزى ئۇششۇق مانا بۇ ئايال …

مۇئەللىم دوسكىغا يوغان قىلىپ،ئۇششۇق ئاجىز دىگەن ئىككى خەتنى يىزىپ يوغان چەمبەرگە ئەپ قويدى…ئوغۇل ساۋاقداشلا قاقاھلاپ كۈلۈپ ئالدى-كەينىدە ئولتۇرغان قىزلانى ئۇششۇق دەپ چىچىنى، كىيمىنى  تارتىپ  جىلە قىلىشقا باشلىدى…

بىر كۈنى كاناننى چۈشەپ قاپتىمەن چۈشۈمدە يەنە شۇ سىنىپ بالىلار چۈشلۈك تاماققا چىقىپ كەتتى،سىنىپتا مۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.  دەرىزىدىن بوش ئاڭلىنىۋاتقان گىتتار ناخشىسى دىققىتىمنى بۆلدى، ناخشا توۋلاۋاتقان كانان ئىدى. مەيداندا ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان بالىلار بارغانسىرى جىقايدى.

-مەن ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس… مەن دىگەن ئەركىن ئادەم  سىلە ئەمدى مېنى باشقۇراممايسىلە…  نېرى تۇر… نېرى تۇر دەيمەن.  

كانان ھە دەپ ئۇنى چىقىرۋەتمەكچى بوغان ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ۋارقىرايتى،

-شەھلا سىزنى سۆيىمەن… سىزنى بەك… بەك ياخشى كۆرىمەن ئاڭلىدىڭىزمۇ؟  سىز كاناننىڭ يۈركىدىن تۇنجى ئورۇن ئاغان قىز…

كانان بىناغا قاراپ توۋلايتى،ئىككى قولىنى ئىغىزى يىنىغا ئەكىلىپ ئاۋازىنى ئىككى تەرەپتىن توسۇپ ۋارقىرايتى. ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن ئەر ئوقۇتقۇچىلا كاناننى ئىتتىرىپ يۈرۈپ دەرۋازا تەرەپكە ئەكەتتى. كاناننىڭ ئەخمەقلىقىدىن كۈلۈپ ئويغىنىپ كەتتىم، تۇنجى قېتىم يۈركىمنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى،پەسكە تارتىشىپ ئىچىشۋاتقىنىنى سەزدىم، كاناننى كۆرەمىگەن كۈنلىرىم بەكلا مەنىسىز ئىدى. سەزگۈم مېنى كاناننىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنى ياخشى كۆرىمە دە دەيتى، ئەقلىم بۇنداق قىلشىمنى توساتتى. كاناننى سىغىنىپ سىرتقا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇردىم، دىرىزىگە تىكىلىپ يىغلىۋتەيلا دەپ قاغان ئىدىم مۇئەللىم چاقىردى يىشىمنى كۆزۈمگە سىڭدۈرۋىتىپ مۇئەللىمنىڭ ئىشخانسىغا ماڭدىم.ماڭا بۇندىن كىيىن ياخشى ئۆگىنىش توغرىلىق بىرمۇنچە كىتابىي گەپلەنى قىلدى ماقۇل دەپ قويدۇم.

كانان ناشتىلىق ئاغاچ كىلىپ ئۆگىتىپ قويغاچ ھازىر ئاچ قالدىغان كۈنلىرىم باشلاندى، چۈشلۈك تاماققا چىققىچە ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ ئاران قالاتتىم، كاناننىڭ قۇرۇق ئورۇندۇقىغا قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى،بارغانسىرى شىرەگە بىشىمنى تولا قويۋالدىغان،بىشىمنى شىرەگە قويساملا ئۇخلايدىغان بوپ قالدىم،تولۇق ئۈچنىڭ بىسىمى خىيالىمغا كىرمەيتى، ئۈچ قىتىملىق مانىۋىر ئىمتاھاندا  يۈز ئوتتۇز نومۇر كەينىگە ياندىم. ئۆيدىكىلەنى چاقىرىپ كىلىپ پاراڭلىشىش،ئىشخانىغا چاقىرىپ ئەھۋاللىشىش كارغا كەممىدى. پۈتۈن ئوي-خىيالىمدا كانان نىمىشقا مېنى ئىزدىمەي تاشلىۋتىدۇ دىگەن سۇئالدىن باشقىسى مەۋجۈت ئەمەس ئىدى. سەيدىن كانان كەتكەندىن كېيىن ماڭا باشقىچە كۆڭۈل بۆلدىغان بوپ كەتتى،نەتىجەم چۈشۈپ كەتكەنسىرى يىنىمدىن كەتمەي دەرس تەكرار قىپ بەمەكچى بولاتتى. لىكىن ئۇنى كۆڭلۈم خالىمايتى دەرس تەكرار قىغىم كەممەيتى دىقمىتىممۇ يىغىلمايتى. 

-كاناننى دەپ دەرستە بۇنچە چىكىنىپ كەتسىڭىز ئاقىۋتىڭىز نىم بولىدۇ بىلەمسىز؟ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرىسىز… كانان دىبامۇ دىبا يۈرىۋىردۇ ھارىقىنى ئىچىپ سىزنىڭ بۇ ھالىڭىز بىلەن نىم كارى…

سەيدىننىڭ بۇ گىپىمۇ جاۋاپسىز قالدى.

-مەن… مەن سىز بىلەن بىر مەكتەپتە ئوقىسام… مەكتەپ پۈتتۈرۈپ توي قىسام دەپ ئويلايمەن بىلمىدىم سىز خالامسىزكىن؟

سەۋزىدىن خەۋەر يوق نىمە نىمە يەپتۇ دىگەندەك بۇنىڭ گىپى قۇلاققا خوش ياقمىدى. يوغان بىرنى قاراپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم. ئاپامدىن بىر پارچە خەت كىلىپ يىقىندا قايتىدىغىنىنى ئىيتقاندىن كىيىن ھەركۈنى ئايرىدۇرۇمغا بىرىپ ئاپامنى كەپ قالىدۇ دىگەن تامادا ساقلاشقا باشلىدىم،بىرە ئايغىچە بارمە دىگەن  ئاپام ئىككى ئايغىچە  كەممىدى،ئايرىدۇرۇمدا ساقلاپ-ساقلاپ ئىچىدىن چىققان بىر توپ  ئادەملە ئازلىغاندا، تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ يىغلاپ قايتاتتىم. بىر كۈنى يەنە شۇنداق يىغلاپ ئولتۇراتتىم تونۇش ئاۋاز قۇلقۇمنىڭ يىنىدا ياڭرىدى   

بۇرۇن دادام كەممىسە شۇنچىلىك كۆڭلۈم يىرىم بولاتتى، لىكىن بۈگۈن كەممىسە ئەتە كىلىدۇ دەپ ئۈمۈدلىنىپ ساقلايتىم،لىكىن ھازىر كەسە كەممىسە مەن ئۈچۈن بەرىبىر… يوقلىقىغا كۆنۈپ قالدىم…

كانان قەغەز تەڭلەپ ئالدىمدا زوڭ ئولتۇردى،تۇيۇقسىز يوقاپ يەنە تۇيۇقسىز پەيدا بوپ قاغان كاناننىڭ قولدىكى قەغەزنى ئاممىدىم يەنە تەڭلىۋىدى قولىغا ئۇرۋەتتىم.

-خاپا بولماڭە شەھلا،سىزنى مەنمۇ  بەك سىغىندىم،لىكىن مەكتەپكە كىرەممىگەندىكى ئۇچراشمىقىمىز تەس بوپ كەتتى،تېلېفۇنىڭىز بوممىغاچ ئالاقىلشاممىدىم…

-كىم سىزنى سىغىنىپتۇ؟…

ئۇنىڭغا دومسىيىپ ئولتۇرۇپ بوغىچە بۇرنىم ئىقىپ كەتتى، قولۇمدا بۇرنىمنى تۇتۇپ بوغىچە بارماقلىرىم ئارىسىغا ئىقىپ كىردى،

-قەغەز بىرىڭە؟

-بەمەيمەنغۇ تازا…بايا بەسەم نىمىشقا ئاممىغان…

كانان قولىدىكى قەغەزنى يانجۇقىغا سىلۋىلىپ بەگىلى ئۇنمىدى، بۇرنىم يەنە ئاقتى،

-يەنە بەمىسىڭىز بۇرنىمنى كىيمىڭىزگە ئىيتىپ قويمە…

قولۇمنى كاناننىڭ يىڭىگە چاپىنىنىڭ پىشىغا ئىيتىشقا باشلىدىم…

-ھەي… نىمانداق قىلىسىز… كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرمەڭە…ھىي…

كانان مېنى ئىتتىرۋېتىپ ئورنىدىن  تۇردى،يەنە قولۇمنى ئىيتتىم،كانان قىچىپ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ قوغلاپ زالدا يۈگۈرۈشۈپ كەتتۇق. پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ مىنىڭكىدىنمۇ بەك غىرىپ بىچارە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

-ۋاقىت تاپسىڭىزلا بۇيەدە بوتۇلكا يىغىشىڭىز بىر باھانە،ئەمەلىيەتتە  داداىڭىزنى تۇيۇقسىز كەپ قالامدىكى دەپ ساقلايسىز شۇنداقمۇ؟ ئىغىزىڭىز ھەجەپ قاتتىقكەن، ھەممىنى ئىنكار قىپلا تۇرىدىكەنسىز…

كانان چوڭقۇر بىرنى تىنىپ يىنىمدا ئولتۇردى.

-قانداق قىلىمەن، دەرت ئىيتىپ بىرەي دىسەم كىمگە ياقىدۇ؟ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سىز مۇشۇ يەردە مېنى چىڭ قۇچاقلىۋلىپ يىغلىغانتىڭىز ھە… ھازىرمۇ يىغلىغىڭىز بامۇ؟ قۇچىقىم سىز ئۈچۈن جۇمۇ ماڭقىڭىزنى ئىيتىپ  قويسىڭىزمۇ مەيلى دەيمە …

كانان ئىككى قولىنى ئىچىپ قويدى، خىجالەتچىلىكىتىن ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم. كانان ئورنىدىن تۇرۇپلا قولۇمنى تۇتۋالدى. ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ يۈرەك سوقىشىم تىخىمۇ تىزلىشىپ كەتتى كانان مىنى قۇچاقلىۋىدى تىنىچلىنىپ قالدىم،قوقۇنۇچ تەشۋىش غىرىپلىق نەلەگىدۇر غايىب بولغان ئىدى، مېنى كۆتۈرۈپ پىرقىرتىپ چۆگىلەپ كەتتى…  ئالىي مەكتەپ تەكرارىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى مەن بالدۇر مۇھەببەتلىشىپ قىلىش سەۋەبىدىن دەرستىن چىكىندىم، ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا تولۇق كۇرۇسقا ئۆتەممەي قالغىلى تاس قالدىم. نەتىجەمنى كۆرۈپ دادام تەرىنى تۈرۈپ قارىديۇ گەپ قىممىدى،

-بۈگۈن سېنى مەن ئىشلەۋاتقان جايغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كىلەي ھاياتىم بولامدۇ؟

كاناننىڭ يول باشلىشى بىلەن كەچلىك كۇلۇپقا كەلدۇق. كانان مۇزىكا تەڭشەپ مۇزىكىغا ئەگىشىپ بىر قولىنى پۇلاڭشىتىپ بىشىنى ھە دەپ  سىلكىيتى.بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭغا توختىماي ھاراق  تەڭلەندى،كانان ساناپ ئۈچ  بوتۇلكىدە پىۋا ئىچىپلا رەت قىلدى.

سائەت ئۈچ بوغاندا بۇيەدىن يىنىپ چىقىپ كاناننىڭ ياتىقىغا كىردۇق،

-سىز بىردەم ئۇخلىۋال،

-سىزچۇ نىمىشقىلىسىز؟

-مۇزىكا ئىجادىيتىم با ھاياتىم، تاشلاپ قويسام بوممايدۇ…

كانان بۇرنىمنى يىنىك چىمداپ قويدى،ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ مەكتەپلەگە ئورۇنلىشىپ غەلبىلىك ئوقۇش باشلىۋالدىم، تۇنجى كۈنىلىك دەرستىن چۈشۈپ ئىسكىرىپكامنى كۆتۈرۈپ كۆل بويىغا كەلدىم، يامغۇر چۈشۈپ بۈگىنكى ھاۋا خىلى سوۋۇپ قاغان ئىدى، مۇزىكامنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىسكىرىپكامنى قىپىغا ساغىچە چىچىم مۈرەمدىن ئۆتۈپ ساڭگىلاپ يەرگە سۆرىلىپ كەتتى، چىچىم يەنە بەك ئۆسۈپ كىتىپتۇ، كەستۈرۋىتەي دىدىميۇ يالتايدىم،ئاپام ئۇزۇن چچىمنى بەك ياخشى كۆرەتتى،چاچنى كەستۈمەي بويىتىپ ئۇچىنى بۈدۈر قىلۋەتىم، كىينىشىمنى،چىچىمنى،ھەممە يىرىمنى ئۆزگەرتتىم، ئۆزگەرتىپ بوپ ئادەم كەممەيدىغان جىمجىت كۆل بويى ئىزدىدىم… بىلىمگە كىلەي دەپ قاغان ئۈستىدىن نەچچە يىرىنى،ئۇچىدىن بىر غىرىچتىن ئارتۇقراق يىرىنى كۆك رەڭدە بويۋاغان چىچىم، خۇنجىلىق ئاياق، نەچچە يىرى دوپپىدەك چوڭ رەڭلىك ياماق ئىشتان، بىلىمنىمۇ ياپامايدىغان كىچىك رەڭلىك خىرۇم چاپان،بۈگۈنكى سوغۇقنىڭ ئەپتىگە قارماي كىيۋاغان مەيدىسى ئويمان كىندىكىم كۆرنىپ قالدىغان مايكا، بەدىنىمدىكى زىبۇ زىننەتمۇ  غەلىتە،بۇ ئەپتىمگە قاراپ ئۇدۇلىمدىن كىلۋاتقانلامۇ مېنى ئەگىپ ئۆتۈشۈپ كەتتى،ئەلۋەتتە غەلىتە نەزەردە قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاممىدى… غەلىتە كىيىم،غەلىتە زىبۇ زىننەتنى ياخشى كۆرۈپ قىلىۋاتاتتىم، قارا،سۆسۈن سىرىق،ئاق،كۆك رەڭلىك غەلىتە لەۋ سۇرۇقلانى سۈرۈپ يۈرىشنى خالاپ قالدىم. بۇرنىم تىشىگلىك،  قۇلقىمنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغىچە بەش يىرى تۆشۈك، ئاستى كالپۇكىمنىڭ ئوڭ تەرىپىمۇ تەشتۈرۈگلۈك، بۇ مېنىڭ يىڭى ئۆزگەرگەن ھالىتىم ئىدى. ئادەم يوق جايدا توختاپ كۆل بويىدىكى توسۇق سىمۇنقا بىر پۇتىمنى ئىلۋىلىپ مۇزىكامنى باشلىدىم…

-بەك ياخشى چالدىڭىز…

بىرى ئارقامدا تۇرۇپ چاۋال چالدى، بىشىمنى بۇراپ قاردىم،تەبىئي قوڭۇر رەڭدە بويۋاغان چىچىنى كەينىگە تاراپ پىشانىسىگە ئازراق چاچ چۈشۈرۋاغان، تەنھەركەت كىيمى كىيۋاغان بويى تەخمىنەن بىردە توقسان چىقىدىغان بىر يىگىت ئىدى، بىشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ قويۇپ ئىسكىرىپكىنى قىپىغا سالدىم…

-مىنىڭ ئىسمىم ئەنزەر… تونىشىقىنىمدىن خۇشالمەن…

ئۇنىڭ ئىسكىرىپكىنىڭ قىپىغا تىگىشىپ تۇرغان چوڭ ئالقىنىغا بىر قاراپ چىرايىغا قارىدىم، خالىمايدىغىنىمنى چىرايىمدىن كۆرۈپ بىلدى بوغاي دەرھال قولىنى تاتىۋالدى،

-ماقۇل…ماقۇل ئەمسە… كىيىن كۆرىشەمىز…

ئۇ بوينىغا ئىسىغلىق نائۇشكىنى قۇلقىغا سىلىپ يۈگرەپ كىتىپ قالدى.

كاناندىن تېلېفۇن كەلدى، كۆرۈشكەندە بۇ ئەپتىمدىن قوقۇپ كەتمىسۇن دەپ بىر سائەتتىن كېيىن كۆرىشەيلى دىدىم، كاناننىڭ يەنە كۈندەشلىكى تۇتۇپ ھازىر كۆرشىمە دەپ تۇرۋالدى،

-مەن ياتاققا كىرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقاي ئاندىن كۆرىشەيلى…

-بىرسى بىلەن كۆرۈشمەيۋاتقانسە،نىمانداق كەينىگە سۆرەيسە شەھلا…

ئۇنىڭ گۇمانخورلىقىغا چوڭقۇر بىرنى ئۇف دەۋەتتىم،

-مەن كىينىش ئۇسلۇبىمنى  ئۆزگەرتكەن شۇ،سىزنى قوقۇپ كەتمىسۇن دىدىم…

-قايسى ھالىتىڭ بوسا ماڭا ئوخشاش… سەن مەن ياخشى كۆردىغان شەھلا شۇ… مەن يەنە ئون مىنۇتتا مەكتىپىڭ ئالدىغا ئۈنۈپ بولىمەن بولامدۇ

تېلېفۇننى قويۇپ كاناننىڭ ئالدىغا ماڭدىم،ماڭا كۆز قىرىنىمۇ سامماي ئۆتۈپ كىتىپ باردۇ، كەينىدىن توۋلىدىم، ماڭا چەكچىيىپ بىر ھازا قارىدى،

-قانداق؟ بۇ ھالىتىم بومماپتىما…

-يا… ياق… مەن… شۇ… بۇ…

كاناننىڭ ئىغىزىغا گەپ كەممەي بارمىقىدا ئاستى ئۈستى بەدىنمنى شەرەتلەپ تۇرۇپ قالدى…

ئۇ كىيىنكى نەچچە سائەت ھېچنىمە قىماي ماڭا تىكىلىپ قاراپلا ئولتۇردى، تاماق يىگەندىمۇ، كىنو كۆگەندىمۇ، يول بويىدا ئولتۇرغاندىمۇ شۇنداق  تىكىلىپ ئولتۇرىۋەدى …

-ماڭا ئۇنداق قاراۋەمەڭ… ياقتۇرمىغان بوسىڭىز…

-ياقتۇرمىساڭ ئايرىلىپ كىتەيلى دىمەكچىما؟

گىپىمنىڭ ئاخىرى چىقماي كانان ئىغىزىمغا پاققىدە سالدى…كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ چەكچەيدىم،ئەسلى كانان ياقتۇرمىغان بوسا ئەمدى كەيمەي دىمەكچىتىم،ئەمدى دىگەن گەپ ئىغىزىمدىن چىقىپ بوغىچە كانان يەنە بىر سالدى ئىغىزىمغا، يەۋاتقان مارۇژنىنى ئۇنىڭ ئىغىزىغا ۋاققىدە چاپلىۋەتتىم…

-بەك ئەسكىكەنسە…

-سىز ئۇرسىڭىز ھېچگەپ ئەمەس مەن قايتۇرسام چىدىماي قالدىڭىزما؟

-سىنى ئەكىلتىپ قويدۇم، مۇنداقلا قولۇمنى تەككۈزۈپ قويسام مۇشۇنداقمۇ قىلامسە ئەمدى

كانان يۈزىنى ئىيىتقاچ ئورنىدىن تۇردى،ئاپپاق مايكا چاپىنى رەڭلىك مارۇژنىنىڭ تامچىسىغا تولۇپ كەتكەن ئىدى،

-بەك تىرىككەك جۇمۇ سەن…

-ئاۋال سىز خاپا قىلدىڭىزغۇ،

كاناننىڭ چاپىنىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ تارتتىم،ئۇنى يىنىمدا- ئولتۇرغۇزۇپ  يەنە داۋاملىق خالتىدىكى يىمەكلىكىمىزنى يىيىشگە باشلىدۇق، كانان نىم بوسا ماڭا يىگۈزۈپ قوي دەپ تۇرۋالىدۇ، بىر ئىككى قوشۇق ئىغىزىغا سەپ قويسام خۇش بوپ ئىغىزى يۇمۇلماي كىتىدۇ، يەنە بىر قولۇمدىكى تۈرمەلنى بىر چىشلىتىپ قويسام خۇيى ئىچىلىپ قالدى. ھەپتە ئاخىرى بوغاچ ئۆيگە قايتىپ كىتەي دەپ ئويلىدىم، بۈگۈن دادام كەگەندە ئۆزىدىن پۇل ئاماقچى ئىدىم. كۆزۈم نىرىراقتىكى بىر ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە چىڭ چاپلانغا بەش بارماققا چۈشتى،

-كانان ئاۋۇ يەگە قاراڭە…



مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0