
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى ) ناملىق كۆپ قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 19-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ
| 4 | 3 | 2 |
1 |
| 8 | 7 | 6 | 5 |
| 12 |
11 | 10 | 9 |
| 16 | 15 | 14 | 13 |
| 17 |
ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى
پوۋىست
قەلەمدە: ئاينۇر خۇشرۇي
18-قىسىم
كانان ئاۋۇ يەگە قاراڭە…
كانان مەن كۆسەتكەن تەرەپكە قاراپلا كۆزىمنى تۇتىۋالدى،
-ئەمدى نىمىش قىلمىز؟سۇ ئۈستى باغچىسغا بېرىپ چۆگىلەپ ئويناپ كىلەمدۇق؟ ياكى تىنىچ بىر جايغا بارايلى…
-قاراڭە ئاۋۇ ماشىنىغا ئىچىدە بىرسى باكەن… ماشىنا تەۋرەۋاتىدۇ تىخى…
كانان ئىغىزمنىمۇ ئىتىۋالدى… بۇ كىچىك ئادەم كەممەيدىغان باغچىنىڭ بۇرجىكىدىن چىقىپ ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇردۇق… يىگىرمە مىنۇت ئۆتۈپ بىر ئاپتوبۇس كەلدى… ئاپتوبۇسقا چىقاي دەپ ماڭسام بىرى يۈگرەپ شاپىلداپ كىلىپ مېنى بىر سوقۇپ يۈگرەپ دىگۈدەك چىقىۋالدى… كىرا ماشنىسى كەلمەيدىغان بۇ بۇرجەكتىكى يولدىن چىقىپ كىتىشكە مەنمۇ ئالدىرايمەندە كەينى ئىشكىدىنلا چىقتىم… مىنى سوقۇپ چىققان بەدىنى بوغما يىلاندەك لىكىلداپ قاغان ئۇ دەل ھېلىقى ئۆيىمدىكى بىىشەم خوتۇنكەن… كانان ئىككىمىزنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ چاپىنىنىڭ سىيرىتمىسىنى بىر تارتتى،شۇ دەقىقە قىپقىزىل بوپ كەتكەن بويىنىغا كۆزۈم چۈشتى، چىچىنى ئوڭشاپ چازىسىنى قايتا قىسىۋىلىپ بويۇن يۈزلىرىگە پۇرقىرتىپ سۇ چاچتى…
بەدىنى تۇزلۇق سۇ پۇراپ كەتكەن بۇ خوتۇن مېنى كۆمىدى،داۋاملىق بەدىنىگە ئەتىر سۈكەپ ئاۋارە… ئۇنىڭ خەخ بىلەن نىمىش قىپ كەگىننى بىلمىگىدەك كىچىك ئەمەستە مەن… ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم،مېنى پاتۇرمىسىمۇ دادامغا بۆك كىيدۈمەي كۆتىنى قىسىپ يۈرسىچۇ!…
ماشىنا چوڭ يولغا چىقىپ سەل ماڭغاندىن كىيىن ئاۋات بىر كوچىغا كىردى.ئۇ خوتۇن ماشىنىدىن چۈشۈپ قامماقچى بوپ ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ ئىگىزرەك جايدىن ئىشىك يىنىغا چۈشتى.بىر قولىدا تېلېفۇن بىر قولىدا سومكا، ئىشىك يىنىدا بىر ئەركىشى بىلەن پاراڭلاشتى،،« ئىرىم قايتىپ كەپتۇ ھەئە… دەرھال قايتمىسام بوممايدۇ… كىيىن كۆرشەيلى يا ئۆيىمگىلا باراسە يەنە بىر كەتسە ئون نەچچە كۈندە ئاران كىلدۇ… ماقۇل جىنىم ئادىشىم…»ماشىندىكىلەنىڭ ئەركىشى بىلەن پاراڭلاشقىننى ئۇقۇپ قىلشىنى خالىماي ئادىشىم دەپ قويدى تىخى، مەن ئىگىزرەك يەدە قۇلقىمنى ئۇنىڭ بىشىغا تاقاپ دىگۈدەك تۇرغاچقا ئەركىشىنىڭ ئاۋازىنى ئىنىق ئاڭلىدىم…« خوش تاتلىق خوتۇن» دەپ قويدى ھېلىقى ئەر، ھۆ… دەۋەتتىم شۇ زامان،ئۇ كاۋا خوتۇن ئىشىكتىن چۈشۈش ئۈچۈن بىر پۇتىنى ئىلۋىدى سىمىز كاسسىغا ۋاققىدە تەپتىم، مۈدۈرۈپ يول بويدىكى سۇ توشۇپ كەتكەن چىمغا ۋاققىدە چۈشتى، يەدىن ئاران ئۆرە بولۋىدى بىر پاي ئايىقى سۇغا پىتىپ كىتىپ يەنە بىر يىقىلدى… ماشىنىمۇ كەڭ ئىىشىكىنى يىپىپ يىنىك قوزغالدى،قورسىقىمنى تۇتقان پىتى قاقاھلاپ تازا كۈلدۈم…
-ئادەمنىڭ قىلقىنى قىسىڭىزچۇ،ئەپتىڭىزدىنمۇ تەربىيەسىز بالىكەنسىز…ئاچىڭىزدەك ئادەمنى يىقىتۋىتىپ يەنە ھاياسىزلاچە كۈلۋاتسىزغۇ…
-ۋايەي نىم بوپ كىتىپ باردۇ بۇ جەمئىيەت…
پۈتۈن ئاپتوبۇستىكىلە جەمئىيەت،ئەدەپ ئەخلاق قائىدە ھەتتا قانۇندىن سۆزلەپ ئىغىزى بىسىلمىدى… بىر ئايال بارمىقىنى چىنەپ ئالدىمغا يۈگرەپ كەپتۇ ئادەمدەك قىلىق قىممىدىڭ دەپ
-مەن تەپكەن ئۇ خوتۇن سىنىڭ ئاپاڭمىتى،بالاڭمىتى يە… تەپسەم مەن تەپتىم نىم كارىڭ…
ئورنىمدىن شاققىدە تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۈرپەيدىم، بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا بارمىقىنى چىنەپ سۆزلىدى ،مېنى يول توستۇڭ دەپ سوقۇپ بايىقى پىداكار ھەققانىي تۇيغۇسىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئاپتوبۇستىكىلەگە ئىسپاتلاپ بىرىپ،بىر ياخشى جەمئىيەت قەھرىمانى دىگەن نامنى قالدۇرۇپ چۈشۈپ كەتمەكچى بوپ مېنى بىر ئىتتىرمەكچى بولۋىدى كانان بىر ئۇرۇپ جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى…
كىيمىمنى ياتاققا بىرىپ ئالماشتۇرۇپ گىرىمنى قايتا قىلىپ ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيگە قايتىپ كىرشىمگە ئۇ خوتۇن بىرنىملەنى ئۇرۇپ تاراقشىتىپ يۈردى، دادامغا تېلېفۇن قىپ ئالاماي ئۇچۇر يازدىم، دادام ئىككى دەپ سان قايتۇرۇپ قويدى، دادام ئىككى كۈندىن كېيىن كەگۈدەك دەپ چۈشەندىم.ئۇ خوتۇن مېنى تىللاپ قاغاپ ئۈلگۈردى، مىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن خۇشىم بوممىغاچ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئالىدىغان نەسەمنى ئىلىپ كەتمەك بولدۇم…پول بە دەپ قولۇمنى تەڭلىدىم،ئۇ تەڭلەنگەن قولۇمغا قاراپ ھومايدى:
-نىم قەلەندەدەك قولۇڭنى تەڭلەيسە…
-ئايلىق خىراجىتىمنى…
ئۇ تىرنىقىنى ئوڭشاپ…دادامغا تېلېفۇن قىلدىم، پۇل بە دىسەم مېنى قەلەندە دەپ تىللىدى دىدىم، دادام قايتۇرۇپلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدى،ئۇ خوتۇن تېلېفۇننى تۇتىۋىلىپ ياتىقىغا يۈگۈردى، دادامغا بىر پارچە يىگىرمە ئوتتۇز سانتىلىق ئۇچۇر يوللىۋەتتىم…
-سىزنىڭ ئالدىڭىزدا يۇۋاش ئولتۇرۇپ مىشىلداپ يىغلاپ قويسا ئىرىپ كىتىۋەمەڭ، بۇ خوتۇن ئۇنچە يۇۋاش ئەمەس… بايا خەخ بىلەن كۆرۈپ قالدىم،بويۇنلىرنى قىزاتىپ خەخنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشتى…لىققىدە تۇز سۈيى پۇراپ كىتىپتۇ… ئىشەنمىسىڭىز ھازىرلا قايتىپ كىلىپ بوينىغا قاراپ بېقىڭ…
ئۇ خوتۇنغا تەھدىت سىلىپ بۇ يىللادا ھاردىم، تاياق يىسە ياخشى،ئاجراشسا تىخىمۇ پەيزى بومامدۇ…ئۇ ئەپتى بىلەن بەرىبىر دادام بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتمەيدۇ……
دادامنىڭ بۈگۈن چوقۇم ئۆيگە پەيدا بولدىغىننى پەرەز قىپ كەتمىدىم،ئۇ خوتۇن ئىككى كۈندىن كىيىن كىلدۇ دەپ بالىسى بىلەن مىھمانخانىدا كىنو كۆرۈپ بۇيرۇتۇپ ئەكەگەن تاماقنى يەپ ئولتۇردى… مەنمۇ بىر ياندىكى سافادا ئولتۇردۇم…
-ئاپا… بۇ نىمانداق بەتتام ئوخشىماپتۇ…
-يىمە بولدى بىر يانغا قويۇپ قوي.
ئالە بۇ بىلىقنى،بۇ كاۋاپنى يە… بەك مىزىلىك پىشىپتۇ…
ئىككىسىنىڭ قىلقىغا قاراپ سائىتىمگە قارىدىم، بىرە ئىككى سائەتكىچە دادام كەپ بولالارمۇ؟ بەك كەچ قاسا ئۇخلاپ قاسام ئويۇندىن قۇرۇق قالامەنمۇ؟
-ھەي…ئاچ قىلىپ ئۆلۈپ قاما يەنە… مە…بۇنى يە…
بالىسى يەپ ياراتماي بىر يانغا تاشلىغان توخۇ قوردىقىنى شەرەتلىدى، تېلېفۇنىمنى ئويناپ ئولتۇرىۋەدىم…
دادام بۈگۈن كەچ كەممىدى،ھېچنىمنى ئۇقماي ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئەتىسى ئەتىگەندە بىر جىدەل بىلەن ئويغاندىم، دادام ئۇ خوتۇننى ئۇرۇپ بەدىنىنىڭ ساق يىرىنى قويمىدى، قاپىقى كۆپكۆك،يۈزلىرى ئىششىق، ئىغىز-بۇرنى قان… دادامنىڭ ئادەم ئۇرسا ئىچى ئاغىرىمايدۇ، ئۇ خوتۇن ئۆلەرمەن بوپ يىتىپ قاغىچە ئۇردى…ئۇ ئوڭدىىسىغا يىتىپ يىغلىغىنىچە:
-خىتىمنى بە سەن بىلەن ئۆي تۇتمايمە…
-يوقال ھازىرلا يوقال…
دادام شۇنداق دەپ ئۇنى يەنە بىرنى تەپتى، ئۇ ھۈ تارتىپ يىغلاپ ئۆملەپ يۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇ خوتۇننىڭ يىغىسىدىن بىزار بوپ سىرتقا ماڭدىم… دادام مايكامنىڭ پوسمىسىنىلا تۇتۇپ:
-نەگە بارىسىز؟
-تاماق… تاماق يەپ كىرەي…
-ماڭىمۇ ئاغاچ كىرىڭ …
ھە دەپ سىرتقا ماڭدىم، ئۇ خوتۇننىڭ دادام ئۇرسىمۇ تىللىسىمۇ ھەتتا ئادەمدەك مۇئامىلە قىماي ئايلاپ ئۆيگە قايتماي يۈرسىمۇ نىمىشقا دادامغا چاپلىشىپ ئاجراشمايدىغىنى چۈشەنمەيتىم.。دادامغا بىر كىشىلىكلا ئەكىردىم…
-ئۇ ئىككىسىگىمۇ ئەكىرمەپسىزغۇ؟
-ئۇلا خاپا بوممايدۇ دادا بۇ ئۆي مۇشۇنداق ئۇ ئىككىسى ماڭا بەمەيدۇ مەن ئۇلاغا بەمىسەممۇ كۆڭلىگە ئاممايدۇ……
بۇ گىپىم بىلەن دادام ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى،ئۇ خوتۇن مەن ئەتكەننى ياراتمايدۇ دەپمۇ ئۈلگۈردى.
-تۇرمۇش پۇلىمنى ئۇدۇل ماڭا بىرىڭ ھازىرغىچە ئۇ مېنىڭ تۇرمۇش پۇلىمغا ئاز خىيانەت قىممىدى،…
دادام ماقۇل بولدى، ئون كۈندە بىر كارتامغا بەشمىڭدىن سەپ بىرمە يەتمىسە يەنە دەڭ دىدى. ئۇ خوتۇنغا ئايدا خەجلىگىلى ئۆيگە خىراجەت قىغىلى ئون مىڭلا بىرمە دىدى، يەنە چاي ئولتۇرۇش ھېچيەگە بامايسە دىدى. دادام خىتىڭنى ئال دەپ تىللاۋاتقان بوغاچ ئۇ خوتۇن يىغلاپ مىشىلداپ ماقۇل دىدى… ئەمدى پۇلنى غازاڭدەك خەجلەپ خالىغىننى ئىلىپ ھەشەمچىلىك قىلامايدىغان بولدى. دوسلىرى ئالدىدا مەيدىسىگە ئۇرۇپلا ئىككى ئۈچ مىڭلىق تاماق ھېساۋاتىنى ئويلاشمايلا قىۋىتىدىغان، ئىككى ئۈچ ئايدا بىر ئىچكىرگە ساياھەتكە چىقىدىغان، نەگە چاقىرسا ئايرۇپىلان بىلىتى ئەپلا ئۇچىدىغان، ھەتتا بىر نوركىنى ئوتتۇز قىرىق مىڭغا، بىر ئاياقنى يىگىرمە نەچچە مىڭغا ئالدىغان كۈنى كەممەسكە كەتكەن ئىدى… ئۇ خوتۇن بۇ ئۆيگە كەگەندىن كىيىن ئۆزگەتىپ ياسىۋاغان كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئىچىدە لىققىدە ماركىلىق ئاياق، سومكا، نوركا، يەنە نۇرغۇن مۇراسىم كىيمى، ئالتۇن، قىزىل كۆك ياقۇتلۇق زىبۇ-زىننەت، قاشتىشى بىلەيزۈكلە توشۇپ كەتتى يەنە قانائەت قىمماي سىرتتا دانلاپ يۈردۇ ھېلىقى ئاشنىسى بىلەن…
دادامغا تىرناق ياسىتىپ چىچىمنى ياسىتىپ كىلمە دىدىم، دادام مەن ئاپىراي دەپ بىللە باماقچى بولدى، ئۇ خوتۇن تاماق ئىتىپ تۇرمە دىدى، مەن قايتۇرۇپلا چۈشتە گۈلىستان ئاپامنىڭ تامىقىنى يىگىم با دىدىم، دادام چوڭ ئۆيگە بامىغىلى ئۇزۇن بوغان بوغاچ گۈلىستان ئاپامنىڭ نەچچە كۈن تۇرۇپ كىلەي دەپ كەگىننى ئاڭلاپ تىزلا قوشۇلدى،تىرناقنى ياسىتىپ بولغاندا دادام چوڭ ئالقىنىغا بارمىقىمنى قويۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ كەتتى. دادام تىرناق ياسىتىپ يۈرسەم ياقتۇرمىغان ئوخشايدۇ دەپ سەت بوپ قاپتىمۇ دەپ سورىدىم،دادام نامسىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى بارماقلىرىمنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ:
-يىڭى تۇغۇلغاندا تىرناقلىرىڭىزغا بەكراق قارىمىسا كۆرگىلى بولمايتى،ئۆملەيدىغان چاققىچە بىر بارمىقىمنىمۇ تۇتامايتىڭىز…چوڭ بوپ كىتىپسىز…چوپچوڭ قىز بوپسىز شەھلا…
دادام ئالقىنىمنى يۈزىگە ياققاچ شۇنداق دىدى، جىممىدە ئولتۇرۇپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتكەن دادامغا قاراپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى، دادامنىڭ يىشىنى ئىيتىپ ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم …
ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ نەچچە كۈندىلا ئالىي مەكتەپتكى قىزلانىڭ ياسىنىشىنى كۆزىتىپ يۈرۈپ ھازىرقى كىيىنىشىمگە ئەتىر چىچىشنى قوشتۇم.ئۆزۈمچە دوسلىرىم بىلەن كەچلىك كۇلۇپقا بىرىپ كۆرۈپ كەمەك بولدۇم… تازا تەييارلىق قىلۋاتاتتىم كانان سېنى بۈگۈن ئاپامنىڭ يىنىغا ئەكىتەي دەپ كەپتۇ،بىللە تاماق يەپ كەچلىك بازاغا باغىدەكمىز…، ئالۋاستىنى دوراپ ياشىنۋاغان ئىدىم،ياتاق بىناسى ئالدىغا چۈشسەم كانان تاس قالدى قوقۇپ توۋلىۋەتكىلى…
-نىمە بۇ كىيۋاغىنىڭ؟ تىرناقلىرىڭدىن ئايلىناي ئىككى مىتىر ياستىۋىلىپ نىم قىلىسە،چوكا قىپ ئىشلىتەمسە…
-ياق… بۇ شۇ…
-ئەمىسىچۇ بۇنى ئىلۋەت… يەنە بۇندىن كىيىن ئەتىر چاچما…
كانان تىرنىقىمنى كارسىلدىتىپ سۇندۇرۇپ بولدى.
-ئۇرۇشۇپ قاساق مىنى ئاشۇ يوغان تىرناق بىلەن تاتىلاپ بىر نىمە قىلۋەتەمدىكى دەپ قوقىدىكەنمە شۇ… يىغلىمىغىنە بولدى بىرنى كۈلە…
كىيىمدىن گىرىمدىن قۇسۇر ئىزدەپ بوپ بەزلىۋىدى يەنە ئەپلەشتۇق… يولدا ماڭغاچ كىيمىمگە گىرمىمگە ئازراق ئۆزگەتىش قىلدىم، بۇ ئالۋاستىدەك كىيمىم بىلەن كاناننىڭ ئاپىسىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالامەنمۇ دەپ قوققانتىم، مېنى كۆرۈپ دەقىقە ھاڭۋىقىپ تۇرۋىتىپ بىر چىرايلىق كۆرۈشتى، بىر دوستى ئۇچراپ مېنى سورىۋىدى تۇققانلانىڭ قىزى دىدى، دوستى بۇ ئەپتىمگە قاراپ ئەجەپلەندى ھەم ئازراق سۆز قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قاممىدى:
-بويۇن بىلەكلىردە چەكمىلا كەمغۇ بۇ قىزنىڭ… بىر قارىسا ئالۋاستىغا بىر قارىسا يەنە بىر كىملەگە ئوخشىغىلى ئازلا قاپتۇ…
-ھازىرقى باللا مۇشۇنداق غەلىتە نەسىلەنى ياقتۇردىكە… قانداق قىلىمىز ئەمدى، ئاتا-ئانا بالىنىڭ قىزقىشىنى توسىمە دەپ ئارلىقىمىزنى يىراقلاشتۇرۇپ يۈرسەك قاملىشامدۇ…چوڭ بولغاندا ئازراق ئەقىل كىرسە ئۆزلىكىدىن بۇنداق نەسىلەنى ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ…
-دەيمەندە ئەمدى… ھازىرقى باللانىڭ نىمىسى كەم؟ شۇنداق چىرايلىق كىيىملە با كىيەي دىسە پاسۇن بىلەن رەڭ جىق… مۇشۇ جىن ئالۋاسىتىنىڭ نەسىنى نىمىشقا ئەتىۋالاپ كىتىدىغاندۇ…
كاناننىڭ ئاپىسى مۇنداقلا كۈلۈپ قويۇپ كانان ئىككىمىزنى نىرىراقتىكى جايغا سۇغا بۇيرىدى…
يىنىمغا گۈپۈلدەپ ئەتىر پۇرايدىغان،كىيىملىرى بەكلا چىرايلىق،گىرىمنى قونچاقتەك قىغان تەخمىنەن يىگىرمە ئالتە ياشلادا با چىرايلىق قىز كىلىپ سۇ بۇيرىدى…ئاندىن ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈپ تۇرۇپ:
-ياخشىمۇ سىڭلىم… كىيمىڭىز چىرايلىقكە… مەن ياقتۇردۇم…
ئۇ ماڭا قاراپ كۈلىۋىدى مەنمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدۇم… بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى تۇنجى بوپ كىينىشىمنى ياقتۇردۇم دىگەن بىردىنبىر ئادەم ئىدى…
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن دۆلەت بايرىمىلىق پائالىيەتكە تەييارلىق قىلدىم، ئەلۋەتتە بىر توپ ئوقۇغۇچى ساز چالاتتۇق، مەن سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن سەھنىگە چىقاتتىم. مەشىق قىلغىلى كىچىلىك ئۆتكىزدىغان زالغا كىردىم،
-يەنە ئۇچراشتۇق… ياخشىمۇسىز …
ماڭا سالام قىپ تۇرغانغا ئىنچىكلەپ قاراپ ھېلىقى تەنھەركەت كىيمى كىيگەن بالا ئىكەنلىكىنى ئاران ئەسكە ئالدىم، بىرمۇنچە ئادەم قاراپ تۇرسا يەنە ھومايغىم كەممىدى، چىرايلىق سالاملاشتۇق…
-مەن دوستۇمغا ھەمرا بوپ كەگەن…
-مەن دوسلىرىم بىلەن نۇمۇر ئورۇندايمە…
-بىلىمەن ئالدىنقى كۈنى تۇنجى رەپىتىسىڭلاغا كەگەن،بەك ياخشى چالدىڭىز… تالانتىڭىز باكەن، قالتىسكەنسىز…
-ئاشۇرۋەتتىڭىز،قىزقىپ مۇنداقلا چەپ قويمە شۇ …
بىرى ئىسىمىمنى چاقىرىپ گەپ سورىدى،جاۋاپ قايتۇرۇپ بوغاندا ئۇ بالا:
-شەھلا… ئىسمىڭىزنى كىم قويغان بولغىيتى، بەك چىرايلىق ئىسىمكەن…
ئۇ قىزغىنلىق بىلەن مەندىن گەپ سوراپ توختىمىدى، تەييارلىق ۋاقتىم توشقاندا مەجبۇرىي سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتى،پەستە ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ ساقلىدى ئۇ،دوستى نومۇر ئورۇنلاپ، ئورۇنلىغان نۇمرى پائالىيەت تەشكىللىگەن چوڭامغا يارغاندىن كىيىن كەتتى… زالدىن چىقسام ئەنزەر دوستى بىلەن مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ،
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ




