
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆتنە ئالەم ) ناملىق كۆپ قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 15-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ
| 4 | 3 | 2 |
1 |
| 8 | 7 | 6 | 5 |
| 12 |
11 | 10 | 9 |
| 13 |
ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى
پوۋىست
قەلەمدە: ئاينۇر خۇشرۇي
14-قىسىم
ھۆ تارتىپ كۆپكۆك سۇ ياندۇرۇپ كەتتىم. ھېلىقى مەن ئاشخانىدا كۆگەن مۇلازىم بالا مۇئەللىم بۇ قىز سىنىپقا كىتىپ ئارام ئاسۇنمۇ، قولتۇقىمدىن يۆلەپ ئورنىمدىن تۇرغۇزۇدى، بىشىم قايغاندەك قىلدىيۇ ھوشىمنى يوقاتتىم. بىر كەمدە قولۇمغا چىممىدە كىرگەن ئاغرىقتىن كۆزۈمنى ئاچتىم.
-ئىغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك باكەن،قان-قۇۋەت تولۇقلايدىغان دورىلانى ۋاقتىدا يىسۇن…
مومامنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازىدا« رەھمەت دوختۇر»دىگىنىنى ئاڭلىدىم، ئىشىك قىيا چوڭ ئىچىلىپ مومام كىرىپ كەلدى،
-ئەتىگەندە ناشتا قىلىپ ماڭ دىسەم ئۇنىمايسە…قىرى جىنىمغا يا مەن تاماق ئىتەممىسەم… سېنى قاندامۇ قىلامە جىنىم بالام… داداڭنىڭ يىنىغا كىتەيلى بوممىسا بۇيەدە قىينىلىپ قالدىڭ…
-ئۇ ئۆيدە تۇرغىم يوق موما… ھېچنىمە بولمىدىم، يىغلىماڭ ھە…
مومامنىڭ يىشىنى ئالقىنىمدا ئىيتتىم… ھېلىقى مۇلازىم بالىمۇ با ئىدى ئاسما ئوكۇل چۈشۈپ بوغاندا دوختۇرخانىدىن چىقتۇق. گۈلىستان ئاپام كارتامغا پۇل سالدىمۇ ياكى داداممۇ ئىشقىلىپ دوختۇرخانىدا ھېساۋاتنى قىلىپ چىقىپ يەنە ئازراق پۇلمۇ ئىلۋالدۇق،ئابباس بىلەن مومام ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئاداش بوپ كەتتى بىردەمدە،ئۇ مومامنى كۈلدۈرۈپ ماڭغاچ ماڭا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قوياتتى،چىرايىنىڭ ئالاھىدە يىرىمۇ يوق، يالغان كىرپىك سىۋاغاندەك ئەگمە ئۇزۇن كىرپىكى كۆزىنىڭ كىچىكلىكىنى چاندۇرمىغان ئىدى، لىۋىنىڭ ئۈستىدىكى ئۇششاق بۇرتى بەكلا سەت كۆرۈمسىز ئۇنىڭ چىچى… چىچىنى قانداق تەسۋىرلىسەم بولا، تۈپتۈز ھەم مايلىق بەكلا قويۇقلىقىغا باقماي قىشىنىڭ ئوتتۇرسىدىن كەستۈرۈپ ياستىۋاغان ئىدى،
-مىنىڭ ئۆيۈم ئاۋۇ ئىشىك ئالدىدا كۆك ئورۇندۇق قويغان ئۆي شۇ …
-ۋوي ئۆيىمىز بىر يەدىكەنغۇ بالام… ئەتىدىن باشلاپ شەھلا بىلەن بىللە مەكتەپكە با ھە… بىللە بېرىپ بىللە كىلىڭلا… مەكتەپتە شەھلاغا قاراپ قويغىن بالام باشقىلا بوزەك قىلۋامىسۇن…
-خاتىرجەم بولىڭە موما،مەن ئابباسلا بولدىكەنمە ھېچكىم شەھلانى تاك قىپ چىكەممەيدۇ…
ئىسمى ئابباسكەندە بۇنىڭ، خاتا ئىسىمدە قامىغان بوسا ئۇ قوشتىل ئىككىنجى سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقى، يەنە بىزنىڭ تەنتەربىيە باشلىقىمىز، ئۆيگە تەكلىپ قىساق كىرمەي خوش دەپ نىرىراقتىكى ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، دۈشەنبە كۈنى ئەتىسى ئەتىگەندە ئابباس ئىشىك چەكتى، توكلۇق موتۇرىڭىزغا مېنى ئىلىۋىلىڭ دەپ،ئارقامغا ئادەم ئىلىپ ھەيدەپ باقمىغاچقا يىقىلىپ چۈشتىم، ئىككىنجى قىتىم ھەيدەپ كىچىك قايرىلمىدىن قايرىلالماي تامغا ئۈسسۈپ توختىدىم،
-ھېچقىسى يوق… بۇ قىتىم چوقۇم ياخشى ھەيدىيلەيسىز،غەيرەت قىلىڭ…
ئۇ يەنە ئارقىدا پۇتىنى تۈگۈپ ئولتۇرۇپ ھەيدىشىمنى ساقلاپ تۇردى،
-يەنە بىر سوقسام موتۇسىكىلىتمغا كادىن چىقمامدۇ،چۈشۈڭ چۈشۈڭ… سىز مىڭىپ بىرىڭ…
ئۇنى تارتۇشلاپ چۈشۈرۋېتىپ ئۆزەم ھەيدەپ كەتتىم. چۈشلۈك تاماققا چىقىپ توكسىكىلىتنى قايرىسام ئۇ يەنە پەيدا بوپ قالدى،
-بۈگۈن مومىڭىزغا ئۆيدە تاماق قىپ بەمەمسىز…
-مەن ئىتەمەيمە…
-مەن باغۇ، مەن ياردەم قىلىمەن…
-ۋاي ۋۇي نىمانداق چاپلىشۋالىسىز… نىرى تۇرىڭە…
ئالدىمنى توسۋاغان ئابباسنى ئىتتىرىپ يولغا چۈشۈپ موتۇسىكىلىتمغا ماي بىرۋىدىم ماڭمىدى، زەنجىرى چۈشۈپ كىتىپتۇ،ئابباس ئىڭىشىپلا بىردەمدە ئوڭشىۋەتتى گەپ قىمماي كەتتىم.
چۈشتىن كېيىن يىغىلىپ مەيداندا ھەرىكەت ئويناۋاتقاندا ئۇيۇشمىنىڭ نەچچە ئوقۇغۇچىسى مېنى چەتكە تارتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلدى،بىرى يۇرت تەلەپپۇزىدا ئىدى،بىرى ئىت قوغلىغاندەك گەپ قىلدى، ئاساسەن چۈشەنمىدىم…
مۈرەمدىن سىلكىپ ۋاقىراپ سىنىپمنى،ئىسىمىمنى سورىدى، مەكتەپ فورمىسى سەۋەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدىميۇ چۈشەنگەن چىغىمدا ماڭا چۈشەندۈرۈپ ئىنكاس قىغىدەك پۇرسەت بەمىدى.پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم…
بىر كەمدە ئابباس يۈگرەپ دىگۈدەك ئالدىمغا كەلدى…بۇ ئۇقۇشماسلىققۇ يىشلىدى، ئابباسنىڭ ئەگەشكۈچىللىرى بىزنىڭ سىنىپتا خىلى جىق چىغى سىنىپقا كىرشىمگە بىرى تۇمشۇقىنى پۈۋلەپ بىرى سوقۇپ يۈردى، مەن ئاساسەن تىل ئۆگىنىش، ئىغىز تىلىمنى راۋانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىغانتىم، شۇڭا ئۇيغۇرچە سىنىپتا دەرسلەنى چۈشەنمەيتىم،ھەممىسى مېنى دۆت دەپ ياراتماىتى ساۋاتسىز دەيتى……
چۈشتىن كېيىن بۇ سىنىپتا ماڭا بىردىنبىر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدىغان خۇددى ئاپامدەك يىگەن ئىچكىنىمدىن باشقىسىغا كۆڭۈل بۆلدىغان ئالمىرە دەرستىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ كىتىشىمنى ئىيتتى.
-مومام ئاغرىق بارامايمە…
-بۈگۈن بالدۇر كىتىمىز، ئادەتتىكى مەكتەپتىن قايتىدىغان چىغىڭىزغىچە بىزنىڭ ئۆيدىن يىنىپ بولىسىز،ماقۇل دەپ بىللە بىرىڭە…
تۇمشۇقىنى سوزۇپ ئولتۇرۋاغان ئالمىرەنى رەت قىلامماي ماقۇل دىدىم.
چۈشتىن كېيىن ناھىيەگە كىم كىلىدۇ دىدى ئىشقىلىپ پۈتۈن ئوقۇغۇچىلانى بىر سائەت دەرستىن چۈشۈپلا قايتۇرۋىتىپتۇ… ھەربىر سىنىپتىن بەشتىن ئوقۇغۇچى قىلىپ تازلىق قىلدىكەن…سىنىپ باشلىقى قەدىريە مېنىڭ ئىسىمىنى ئاتاپ تازلىق قىلىشقا ئەپ قالدى… پول سۈرتكۈچنى يۇيۋاتسام بىرى يۈگرەپ كەپ جۈمەكنى بىر لىڭشىتۋىدى جۈمەكتىن چاچرىغان سۇ ئىتىلىپ چىقىپ پىشانەمگە تەگدى، بىشىم،ئۈستى بەدىنىم بىردەمدە ھۆل بوپ كەتتى كۈز ئايلىرى بوغاچ خىلى توڭغان ئىدىم…
تىترەپ پول سۈرتكۈچنى ئىلىپ يانغىراق ئۆتۈپ دالدىلاندىم، جۈمەكنى بىر ئىلماپ چىقىرۋەتكەن قىز يىنىمدا ماڭا چۈشەنچە بىرۋىدى قەدىريە كىلىپ پۇتلىشىپ كەتكەن بوپ بىر ئىتتىرىپ ئارقىدىكى سۇ يىغىپ قويدىغان سۈنئىي كۆلچەككە قىستاپ ئاپىرىپ قويدى، ئۇ لەۋگىلا ئەكەپ توختىتىپ قويغان بوغاچ كەينىمگە سىلجىپ سىسىق سۇ كۆلچىكىگە چۈشۈپ كەتتىم، مەيدەمگىچە سۇ بوپ كەتكەن ئىدى،
-ۋاي ۋۇي قەتئىي خاپا بولماڭ شەھلا… قولىڭىزنى ئەكىلىڭە مەن چىقىرۋالاي…
ئۇ قولىنى سۇنىۋىدى ئىشىنىپ قاپتىمە،ھەرقانچە ئۆچى بوسىمۇ كۆكىرىپ پۇراپ كەتكەن بۇ كۆلچەككە چۈشۈرۋەتكىنىگە خۇش بوپ ئەمدى ئۆچ ئامماس دەپتىمە، بىر پۇتۇم قىرغا چىقىپ بوغىچە كۈچەپ ئىتتىرۋەتتى.
بۇ قىتىم پولتۇڭڭىدە چۆكۈپ كەتتىم. مىڭ تەستە كۆلچەكتىن چىقىپ تۇربا يىنىغا بىرىپ يۈزىمنى يۇيۇپ ماڭلاي چىچىمنى ئارقىغا قايرىدىم، قەدىريە دوسلىرى بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈپ مىنىڭ ئەپتىمنى زاڭلىق قىلۋاتقان ئىدى، ئالدىغا ئىتىلىپ بىرىپ ئۈچ دوستىنىڭ ئارىسىدىكى قەدىريەنىڭ يۈزىگە ئىككى كاچات سالدىم،
-سەن… سەن مىنى ئۇرغىدەك بولدۇڭما…
قايتۇرۇپ يەنە بىر كاچات سالدىم…
-ھۈ…ھۈ… مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويسام مۇشۇنداق قىلامسىز تۇغۇلۇپ بىرى تاك قىپ چىكىپ باقمىغان ئابباس قاراڭە يۈزىم ئىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ،ئىششىپ قالدىمۇ قاراپ بىقىڭە…
ئەتراپىمدىكىلە مېنىڭ ئەمەس قەدىريەنىڭ تەرىپىنى ئىلىپ سۆزلەۋاتاتتى جىممىدە مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم…
-قەدىريە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئەتىۋالىق جىيەن قىزى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قىزى يوق قەدىريەنى ئۆز قىزىدەك كۆرىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن ئىيتىشىپ قاغىنىڭىز ھەي يامان بولدىدە…
ئابباسنىڭ بۇ گىپى قۇلقىمغا ياقمىدى، توكسىكىلىتىمنى تارتىپ كىتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ ئاچقۇچنى سالدىم،
-قەدىريە بىلەن ياخشىلىشىپ قالدىغاننىڭ ئىشىنى قىلىڭ شەھلا…بوممىسا ئۇ سىزگە ئارام بەمەي قىينايدۇ ئۆچ ئالىدۇ…
-نىم دىمەكچى… مىنى كەچۈرۈم سورا دىمەكچىما…
-سىزمۇ ئۇرۋالدىڭىزغۇ،باش ئەگسىڭىزمۇ زىيان تاتمايسىز…
-يوقۇلۇڭ ...
بىر ۋارقىراپ ئابباسنىڭ توكسىكىلىتىمنىڭ بىشىدىن تۇتۋاغان قولىنى ئاجىرتىۋەتتىم…
ئەتىسىدىن باشلاپ قەدىريە مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۆچ ئىلىشقا باشلىدى، تازلىق قىغان كۈنىم قەستەن سىنىپقا ئاستى لىققىدە لاي ئاياغ بىلەن كىرەتتى، ھەممە بالىلارغا يىمەكلىك تارقىتىپ گازىر چاققۇزۇپ سىنىپنى قارىغۇسىز قىلۋىتەتتى، دەرس تاپشۇرقىمنى يىغمايتى، ئۆزىم مۇئەللىمنى ئىزدەپ بىرەتتىم، تاپشۇرۇق مەزمۇنى دىگەندەك خەۋەردىن ئەلۋەتتە مەن بىخەۋەر ئىدىم. دەرستە مۇئەللىم گەپ قىپ بوغىچە شەھلا جاۋاپ بىرىپ باقسۇن شەھلا دەپ باقسۇن دەپلا چۈشەتتى، تىلىم ئۇيغۇرچىغا كەممەي مازاققا قالاتتىم،خاتا گەپ قىپ قالاتتىم،بۇنداق ۋاقىتلادا قەدىريە باش بوپ بار ئاۋازى بىلەن كۈلەتتى سىنىپتىكى باللا ئەگىشەتتى، پۈتۈن سىنىپتىكىلە بىر ئىدى،ئالىيە ئانچە مۇنچە ماڭا خەت يېزىپ ئەھۋال سوراپ قوياتتىيۇ ئۇمۇ شۇ تەرەپتە ئىدى…
يىڭى يىللىق پائالىيەتكە ئاتاپ نومۇر تەييارلايدىغان ۋاقىتتا قەدىريە ئۇسۇل ئوينايمە،مەن رىياسەتچىلىك قىلمە دەپ ئۆزىچە ماڭا ئاڭلىتىپ سۆزلەپ خۇش ئىدى…
يىڭى يىل كۈنىسى چۈشتىن بۇرۇن نورمال پائالىيەتكە تەييارلىق قىلدۇق، لىكىن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا قەدىريە دوختۇرخانىغا كەتتى،سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپتىكە نەچچە كۈن بۇرۇن، ئۇسۇل مەشىقى قىلمە دەپ يارا ئىچىلىپ قاناپ كىتىپتۇ…بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمدىن قەدىريەنىڭ ئابباسنى ياخشى كۆردىغىننى ئاڭلاپ قالدىم ئابباس ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىسا چىدىمايمەن مەن بىلەن قىرىشپتۇ …
پائالىيەتنى مەكتەپ بويىچە ئۆتكىزدىغان بوغاچ يىڭى رىياسەتچى تاپماقچى بوپ كىمنىڭ رىياسەتچى بوپ سىناپ باقىدىغىنىنى سوراپ ھەممە سىنىپلادا يىغىن ئاچتى، ئورنىمدىن تۇردۇم، بالىلار مېنى مازاق قىلىپ كۈلدى، كۈلدىيۇ توختىۋالدى چۈنكى سىنىپ مەسئۇلى بەكلا ھەيۋىلىك ئىدى، سىنىپ مۇدىرى يىڭى يىللىق پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلكىنى قوش تىلدا قىلىشنى پۈتۈنلەي دۆلەت تىلىدا قىلىشقا ئۆزگەرتكىنىنى ئىيتتى…
-شەھلانىڭ دۆلەت تىلى سەۋيىسى ھەممىڭلانىڭكىدىن ياخشى، ئىغىزتىلى ئىنتايىن مۇكەممەل ھەم راۋان، بۇ قىتىملىق يىڭى يىل پائالىيتىگە مەكتەپ رەھبەرلىرىلا ئەمەس ناھىيە رەھبەرلىرىمۇ كىلىدۇ، شۇڭا شەھلا بۇ قىتىملىق يىڭى يىللىق پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئەڭ ياخشى نامزات …
ئەر مۇئەللىم ئۇقتۇرۇشنى قىپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئۆيگە بىرىپ ئىسكىرىپكامنى ئىلىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا كىيگەن قارا پارقىراق رەختتە تىكىلگەن ئۇزۇن ئاسما كۆينىكىمنى،توپلەي ئايىقىمنى ئىلىپ مەكتەپكە ماڭدىم.مۇئەللىم مۇشۇلا بويىچە ئىلان قىسىڭىزلا بولىدۇ دەپ قولۇمغا ئارگىنالنى بەدى، كۆرۈپ پىششىقداپ يادلشقا تىگىشلىك مەزمۇنىنى يادلىۋالدىم،ئوغۇل رىياسەتىچى ئابباس بىلەن يەنە بىر ئوغۇل بالىكە، ئابباسنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىپ يەنە بىر بالىنىڭ يىنىدا تۇرۋالدىم، قەدىريەنىڭ ئۇسۇلىنى ئىلان قىلدىغان ۋاقىتتا ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى دەپ ئالماشتۇرۇپلا ئىلان قىلدىم، ھەممىسى بىر-بىرىگە قاراپ قالدى ،مىنىڭ مۇزىكا چالالايدىغىنىمنى ئويلىمغان بوسا كىرەك… بۇ يىللادا ئەڭ جىق چىلىپ كىتىۋاتقان مۇزىكىنى چالدىم…
يىڭى يىللىق پائالىيەتتىن كىيىن ساۋاقداشلانىڭ ماڭا بوغان قارىشى ئۆزگىرىپ مېنى يەكلىمەس بولدى… قەدىريە بىلەن ئەپلىشىپمۇ قاممىدۇق، يىقىنمۇ بوپ كەتمىدۇق… مۇشۇنداق ئۆتۈپ تەتىلمۇ قىلۋالدىم، تەتىل قويۇپ بىرىپ ھەپتە ئۆتۈپلا مومام تۈگەپ كەتتى…… مەجبۇرى ئۈرۈمچىگە قايتتىم، ئۆيىمگە قايتقاندىن كىيىن يەنە بۇرۇنقى سىنىپ مەسئۇلىم بىلەن ئالاقىلشىپ بۇرۇنقى سىنىپىمغا كىرىپ ئوقۇيدىغان بولدۇم…
ئۆگەي ئانام بىلەن چىقىشمىغاچ سىرتتا لاغايلاپ يۈرۈپ كەچتە ئۇخلاش ئۈچۈنلا قايتاتتىم، ئەلۋەتتە ئىنتايىن كەچ قايتاتتىم، تۇرۇپلا كاناننى سىغىنىپ كەتتىم،ئۇنىڭ ئۆيىگە باماقچى بولدۇميۇ يالتىيىپ قالدىم،« ئۇلانى تەتىل قويۇپ بەمىگەن بوسىچۇ؟ چوڭ ئۆيگە قايتىپ كەتكەن بوسىچۇ؟ ئۆيىدە يوق بوسىچۇ؟!»
كاناننى ئىزدەپ بىرىش ئويۇمدىن يالتىيىپ كانكى ئويناپ كەممەكچى بولدۇم.لىكىن نەگە بىرىپ ئويناشنى بىلمەيتىم، ئىلدام ماڭا ئامراق بوغاچ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كىلەي دەپ ئىلدامنى ئىزدەپ بادىم، ئىلدام مىھمانخانىدا يوق، مۇلازىم قىز ماڭا ئۇنى ئوقۇشقا ئىۋەتىۋتىۋەتكىننى ئۈچ يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كىلدىغىننى ئىيتتى ھە دەپ بۇرلىشىمغا
-كىچىككىنە تۇرۇپ يامانلىقىنى قارا تۈلكىنىڭ… ئىلدامنى سەندەك ماڭقىغا تاتقۇزۇپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرا بوغىيتىم…
دىدى غودۇراپ،ئارقامغا بۇرۇلدۇم، ئون تۆت ياشلىق ئادەمدە بىللە تاماق يەپ ئۇششاق-چۈشەك ئەپ بىرىپ، ئوينىتىپ خۇش قىپ قويدىغان، ئۇكام دەپ ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان ئىلدامغا يامان نىيەتتە بوغىدەك كاللا نىمىش قىلدۇ دەيمەندە… مېنى بۇنداق دىگىنىنى ئىچىمگە پاتۇراممىدىم،ئۇنىڭ ئاپپاق مايدىن كۆرىنىپ تۇرغان قاپقارا سەپكۈنى،پاناق بۇرنى،دوقا پىشانىسى توڭكاي چىشىغا قارىدىم،
-ھەي… ماڭا قارا…ئىلدامنى ئاكام ئورنىدا كۆرۈپ ئىزدەپ كەلدىم… ئۇغۇ چوڭ بوساممۇ مېنى ئاممايدۇ، لىكىن ئاڭلاپ قوي سەندەك چىرايىنى سەپكۈن بىسىپ كەتكەن قىرى خوتۇنغا ئوخشايدىغان، توڭكاي چىش، دوڭگا ماڭلاي، بۇرنىنىڭ ئىككى تۆشىكى ئاسمانغا قارايدىغان سەت نىمىگە ئارتۇق بىرنى قاراپمۇ قويمايدۇ ئۇقتۇڭمۇ…
دىدىم،ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ قولدىكى دەپتەرنى پاققىدە ئاتتى
-ئىغىزىڭغا بىقىپ گەپ قىل ھە…بىكا ئەدىپىڭنى بەمەي…
ئالدىمغا يۈگرەپ چىقماقچى ئىدى ئارقامغا ياندىم، ئۇ چۆرگىلەپ مۇلازىمەت پوكىيىدىن چىقىپ بوغىچە سىرتقا قاچتىم، ئىلدامغۇ بەك كىلىشكەن ئەمەس،ئاق سىرىق،بويىمۇ بەك ئىگىز ئەمەس،چىچىمۇ سەل شالاڭ لىكىن بۇنداق سەت ئادەمنى ياخشى كۆرەپ قامماس ھەقانچە بولسىمۇ…
ئىلدامنىڭ چىرايلىق ئوماق قىزلانى تىپىپ پاراڭلىششىنى،ئۇ سەتكە كۆرسىتىپ چىرايلىق قىزنى يىتىلەپ قايتىپ كىلىشنى ئۈمۈد قىپ كەتتىم شۇ دەمدە.
ئاپپاق قارنى غاراسلىتىپ دەسسەپ مېڭىپ كاناننىڭ ئۆيى با قورۇغا كەپ قاپتىمەن، ئىككى بىكەت ئىچىگە مىڭىپ كىرىپ كەتكەن ئىدىم، قورسىقىمنى تويغۇزۇپ ئاندىن ماڭاي دەپ يول بويدىكى تاماقخانىغا كىرىپ پاچاق بىلەن قورىما مىفەن بۇيرۇتۇپ يەپ قورسىقىم تويغاندا سىرتقا چىقتىم. كاناننىڭ ئۇدۇلدىكى يولدىن ئۆتىۋاتقىننى كۆرۈپ كاناننى چاقىرىپ ئالدىغا يۈگۈردۈم، كانان بىشىنى كۆتۈرۈپ مېنى كۆدى ئۇمۇ مەن تەرەپكە يۈگەدى،ئۇچقاندەك كىلىپ مېنى بىر قۇچاقلىغان ئىدى تىيلىنىپ كىتىپ يەرگە جاڭڭىدە يىقىلىپ چۈشتۇق.
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ




