
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆتنە ئالەم ) ناملىق كۆپ قىسىملىق رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

بۇ ئەسەرنىڭ 16-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ
………
…………
بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ
| 4 | 3 | 2 |
1 |
| 8 | 7 | 6 | 5 |
| 12 |
11 | 10 | 9 |
| 14 | 13 |
ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى
پوۋىست
قەلەمدە: ئاينۇر خۇشرۇي
15-قىسىم
-بۇيەدە نىمىش قىلۋاتسىز؟سىز ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندۇ؟
-سىزچۇ بۇيەگە مېنى ئىزدەپ كەگەنما؟ مىنىڭ قايتىپ كەگىنىمنى كىمدىن ئاڭلىدىڭىز؟
كانان ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنى يۆلەپ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۈستى-بىشىمىزدىكى قارنى ئىيتتۇق.
-سىزنى ياخشىراق كۆرۋالاي… مۇنداق قىلىڭە…
كانان ماڭلاي چىچىمنى قايرىپ يۈزىمنى ئىككى ئالقىنىغا ئالدى، ئۇنىڭ بويى مەندىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى لېكىن ھازىر خىلىلا بوي تارتىپ كىتىپتۇ…
-بويىڭىز نىمداق ئۆسۈپ كەتتى.
بويىنى بويۇمغا سىلىشتۇرۇپ بىشىمنى يىقىن ئەكەلدىم،كانان قولتۇقىمدىن قۇچاقلاپ چۆگەلتىپ ئاندىن قۇيۇپ بەدى.
-سىزنى دادىسى ئۆتكەن مەكتىپىدە ئوقۇتماي يىزىغا ئاپىرۋەتتى دەپ ئاڭلاپ مەكتەپتىن قاچقان تۇتۇلۇپ قىلىپ جازاغا ئۇچرىدىم،ئۆيگە بىرىپ مۇھىم ئىشىمنى قىلۋىلىپ كىلەي دىسەم ئۇنمىدى ئاندىن مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم مەكتەپتىن قايتۇرۋەتتى…
مەكتەپتىن قايتۇرۋەتكىننى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يىرىم بوممىدى،ئەكسىچە داۋاملىق بىر مەكتەپتە ئوقۇيمىز دەپ خۇش بولدۇم.
-بىللە ئوقىيامماسمىزمىكى شەھلا، مېنى قايسى مەكتەپ قوبۇل قىسا بىر يىل كۆزتىدۇ، ھەممىسىنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلىگلىك … بىر خاتالىق ئۆتكىزسەملا ھەيدەيمە دەپ تەھدىت سالىدۇ ھەي ئىشقىلىپ ماڭا ئارام بەمەيدۇ ئوقىماي چىقىپ ئىشلەيمىكى…
-بىللە ئوقۇيلى ماقۇل دەڭە… مەن با تۇسام سىزگە ياردەم قىلىمە،نەتىجىڭىز ياخشى چىقسىلا ھېچكىم سىزگە ئارتۇق گەپ قىلاممايدۇ…
كاناننىڭ داۋاملىق ئوقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دەرس تەكرارلاپ بىرىشنى باشلىماقچى ئىدىم،ئۇ نىمىشقا يىزىغا كەتكىنىمنى سورىدى،مومامنىڭ ئىشىنى دەپ بەدىم،
-مەن تىخى سىزنى…يىزىغا كەتكەن بوسا سىزنى يىزىدا تۇرۇپ شۇيەدىكى بىرسىگە زورلاپلا تويىنى قىلۋىتەمۇ دەپ بەك قوقتۇم بىلەمسىز يۈركىم ئاغرىپ كىچىسىمۇ ئۇخلىياممىدىم!
-مەن تىخى كىچىك تۇرسام،
ھۈپپىدە قىزىرىپ يەرگە قارۋالدىم
-سىز ئۇنداق دىگەن بىلەن ئىدىيىسى قالاق ئادەملە سىزنى كىچىك دىمەيدۇ، بىر تۇققىنىڭىزنىڭ شۇ ئىديىسى بوپ باقسۇن ھەممىسىگە تارقىتىدۇ…مەن بۇنداق ھېكايىلەنى كۆپ ئاڭلىغان، يىزىغا ئاپىرۋىرتىپ ئىككى ئۈچ يىلدىلا تويىنى قىۋىتىدىغان ھېكايە ھازىرمۇ بىر يەلەدە يۈز بىرۋاتقاندۇ بەلكىم…
كانان بىشىمنى سىيلاپ قويدى. يەنە بىر سىنىپقا كىرىپ ئوقۇيدىغان كۈنىمىز باشلاندى، كاناننىڭ دەرستە ئورۇندۇق تىپىپ قەلەم چىشلەپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆسەملا قولىغا قەلەم سانجىۋتەتتىم، پۇتىغا تىپەتتىم، چىچىنى تارتاتتىم، ئۈخلىغىلى قويمايتىم بىر مەۋسۇم ئوقۇپ نەتىجىسى ئوتتۇرا قاتلامدىن ئۆتتى،كاناننىڭ ئاپىسىمۇ بەك خۇش بوپ كەتكەن ئىدى.
مۇئەللىم مېنى نەتىجىڭىز ياخشى دەپ سىنىپ باشلىقى قىپ قويدى. بالىلارنى باشقۇرۇپ بولاماي بەزىدە يىغلاپ كىتەتتىم،كانان ئوتتۇرغا چىقىپ ياردەم قىلاتتى. بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا كانان ئىككىمىز سىنىپتا تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئولتۇرغان ئىدۇق،كاناننىڭ ئەڭ يىقىن دوستى جانجىگەر ئادىشىنىڭ بىرى ئەرافات مەيداندا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ دەپ خەۋەر كەلدى، كانان يۈگرەپ چىقىپ كەتتى، مەنمۇ ئەگەشتىم كاناننىڭ ئۇرۇشۇپ چارە كۆرلىپ ھەيدىلىپ كىتىشىنى خالىمايتىم، بىنادىن چىقىپ ئاران يىتىشتىم كانانغا،ئۇنىڭ بىلكىگە ئىسىلىپ بىنا ئىچىگە تارتقاچ:
-خۇش بوپ قالاي ئۇرۇشماڭ، ئۇرۇشسىڭىزلا ھەيدىلىپ كىتىسىز ماقۇلمۇ؟
-مەن بىرىپ قاراپ باقاي…
كانان قولۇمدىن يۇلقۇنىپ يۈگرەپ بىردەمدە كۆزدىن يۈتتى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ چۈشتىن كىيىنكى دەرس باشلانغاندا كانان فورمىنىڭ چاپىنىنى قولدا كۆتۈرۈپ يىنىمغا كىلىپ ئولتادى،بىر يۈزى ئىششىپ كالپۇكىنىڭ يىرىقى قاناپ كەتكەن ئىدى،سەت بىرنى قاراپ قويۇپ پاقىلداپ ئورنىمدىن تۇرۇپ كىتاپنى ئىلىپ ئالدىدىكى ئورۇنغا بىرىپ بىر ئوغۇل بىلەن ئورۇن ئالمىشپ ئولتۇرۋالدىم.
بۇ ئۇرۇشنى ھېچقانداق ئوقۇتقۇچى بايقىمغان بوسا كىرەك تىپتىنىچ ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى كارىدوردا كانان بىر بالىنى قوغلاپ ئۇردى بىرىپ كاناننى توسۋالدىم،كانان ھە دەپ ئۇنىڭغا ئىتىلماقچى بولاتتى،كانان بىر قولىنى دولامدىن ئارتىلدۇرۇپ ئۇ بالىغا تەڭلىدى
-ئوغالبالا بوساڭ يەنە بىر دىگىنە گىپىڭنى…
ئۇ بالا يەردىن ئۆملەپ قوپۇپ
-ياخشى كۆرمە دىدىم،نىم بولدى…
كانان مېنى بىر يانغا ئىتتىرۋىتىپ يۈگرەپ بىرىپ ئۇ ئوغۇلبالىنىڭ ئىغىزىغا بىر مۇش سالدى، ئۇ بالا ياندىكى سىنىپقا كىرىپ ئىشىكنى ئىتىۋالدى، كانان كەينى ئىشىكنى تىپىپ ئىچىپ ئۇ بالىنى قوغلاپ يۈردى، بىر چاغدا تۇتۋىلىپ پىشانىسىگە بىر مۇش قويۋىدى ئۇ بالا ئوڭدىسىغا چۈشتى بىرىپ كاناننىڭ قولىغا ئىسلىۋالدىم كۈچىم يىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ھىلىقى تاياق يىگىنى كاناننى مۇشتۇمزور دەپ تىللاپ ئۈلگۈردى كانان تىخىمۇ جىلە بوپ قولۇمدىن يۇلقۇنماقچى بولدى يەنە ئۇ بالىنى ئۇرمىسۇن دەپ بىر ياندا پارقىراپ تۇرغان ئەرافاتنى چاقىردىم:
-ئەرافات قاراپ تۇرسىزغۇ،ياردەم قىممامسىز…
ئەرافاتنى كاناننى سىنىپقا قايتۇرۇپ ئەچىقىپ كەتكىلى ياردەم قىل دەپ چاقىردىم، ئەرافات يۈگرەپ بىرىپ ئەمدى مىدىراپ ئورنىدىن تۇرغان بالىنى بىر مۇش ئۇرۇپ ياتقۇزۋىتىپ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ قارا-قويۇق ئۇرۇپ كەتتى…كاناننى قويۇپ ئۇنىڭغا ئىتىلدىم
-نىم قىلۋاتىسىز ساراڭمۇ سىز؟بولدى ئۇرماڭ…ئۇرماڭ دىدىم ،
ئەرافات توختاپ ماڭا لەپپىدە بىرنى قاراپ:
-ياردەم قىل دىدىڭىزغۇ…
دىۋىدى غىققىدە بىر نىمە بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى… ئۇ بالا مەن ئۆلدۈم دەپ ئوڭدىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى، قوقۇپ يۈزىنى شاپىلاقلىدىم،كانان يۈگرەپ كىلىپ مېنى يانغا تارتتى ئاندىن پۇتىدا تەپتى ئۇ بالىنىڭ
- ھەي ئۆلىكىڭنى ساتماي قوپە… ئەمدى ئىغىزىڭدىن شەھلانىڭ ئىسمىنى چىقىردىغان بوساڭ يەنە ئۇنى ياخشى كۆرمە دىيىشكە پىتىنساڭ سىنى ئۇرۇپ خىمىر قىلۋىتىمە…
ئۇ بالا كانانغا لەپپىدە بىر قاراپ كۆزىنى يەنە يۇمدى،ئۇنغىچە بىر قىز توپلىشىپ ئويۇن كۆرۋاتقان تاماشىبىنلانىڭ ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ ئالدىمىزغا كەلدى،
-ھوۋۋۋ… ۋاي ئانام نىم بولدى ساڭا… سېنى كىم ئۇردى؟ شاھزات،ماڭا قارىغىنە…
ئۇ قىز كىلىپ يەردە ياتقان بالىنىڭ يۈزىنى يىنىك تۇتىۋىدى يەردە ياتقىنى لەپپىدە بىر قاراپ
-كىم ئۇراتتى ئاكاڭ ئۇردى ئاكاڭ… قارا يۈزۈمگە ئىششىپ كۆكۈرۈپ كەتتى يەنە ماۋۇ ئاكاڭنىڭ دوستىمۇ ئۇردى…
دەپ كۆزىنى يەنە يۇمبالدى،
-مىنىڭ ئاكام؟قايسى ئاكام؟ ھەي كىمنى دەۋاتقانسە …
مىنىڭ ئاكام بۇ مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ…بىلىسەنغۇ…
-ھە شۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمەسكە،قاراپ باقە فورمىسىمۇ يوق…
ئۇ قىز بىشىنى بۇراپ ھەممىمىزگە بىر باشتىن قارىدى،مۇلايىم چىراي قىز ھەممىمىزگە قاراپ بىر چىرقىرىدى
-شاھزاتنى ئۇرغان قايسىڭ؟ ئالدىغا چىقە ؟
ھەممىسى ئەرافات مەن كانان ئۈچىمىز تۇرغان جايغا قولىنى تەڭلىدى كانان كەينىمگە مۆكىۋاغان ئىدى،ئۇ قىز كىلىپلا ئەرافاتنىڭ ياقىسىدىن سۆرەپ ئۇ بالىنىڭ ئالدىغا ئاپادى،
-سەنمۇ ئۇرە… سىنى نەچچىنى ئۇرغان بولسا سەن ئۇنى ھەسسىلەپ ئۇر…
-ياق… شەھلا…بولدى ئۇرماي…مەن ئادەم ئۇرامايمە…
-ئۇرە دىدىم…
-بۇ ئەمەس…ئاۋۇ بەك ئۇردى مىنى…
ئۇ بالا شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇغاچ كاناننى كۆسەتتى، ئۇ قىز كەينىمگە ئۆتۋاغان كاناننى بىر تارتىپ ئالدىغا ئەچىقىپ يۈزىگە مۇش بىلەن بىرنى قويدى،ئۇردىيۇ قولۇم دەپ سەكرەپ كەتتى،
-بايا شاھزاتنى قوغلاپ ئۇرغان سەنما…
كانان جىم تۇردى،ئۇ قىز قولىنى يەنە ئاغرىتىۋاماي دىدىمۇ ماڭا قارىدى
-سىزنى تونىيمە سىز ئون ئۈچىنجى سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىقىغۇ،بۇ قۇلاق كەستىنى ماڭا سىز ئۇرۇپ بىرىڭ بوممىسا ھازىرلا مۇئەللىم چاقىرىپ توپلىشىپ ئادەم ئۇرغىنىڭلانى دەيمە…
دەقىقە ئويلانغىدەك پۇرسىتىممۇ بوممىدى،ئۇ كىتاپتىن بىرنى ئىلىپ يۆگەپ ماڭا بەدى،بويى بىر مىتىردىن ئاران ئاشىدىغان بۇقىزنىڭ بۇنچىلىك ئۆچى يامانلىقىنى كىم ئويلىغان، بىر ۋارقىراپ ئۇرۇشنى باشلا دىدى،يىنىك ئۇرۇپ قويدۇم كاناننىڭ قولىغا،
-ئەكىلىڭە…
ئۇكىتاپنى تارتىۋىلىپ يۆگەپ كاناننى كۈچەپ بىرنى ئۇرۋىدى،قولى غاراچچىدە قىلدى، ۋايجان دەپ سەكرەپ كەتتى، بىردەمدە قولى ئىششىپ چىقتى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدىم، دوختۇرخانىغا باغاندا ئۇنىڭدىن كاناننى مۇئەللىمگە چاقماسلىقىنى ئۆتىندىم، ئۇ شاھزاتنى بىكادىن ئۇرۇپسىلە دەپ ئۇنىمىدى، ئۇنىڭغا بازاغا بىللە بىرىپ ئۆزى تاللىغان بىر قۇر كۆينەكنى ئەپ بىرمە دىدىم، ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ يەنە بىر ئاياغ ماسلاشتۇرۇپ ئىلۋلاي دىدى ماقۇل بولدۇم ئۇمۇ مۇئەللىم سورىسا مۇنداقلا ئوينىشىپ قويدۇق دەپ كانانغا چاپان يىپىشقا قوشۇلدى،
-ۋايۋۇي مىنىڭ تايچىقىم نىم بولدى،قولىڭىزنى قانداق بوپ يارلاندۇرۋالدىڭىز بالام.
بىر ئەر كىلىپ ئىسىمدىشىمنىڭ قولىنى ئاۋايلاپ تۇتتى،ئىسىمدىشىم تۆكۈلۈپ يىغلاپ بىر ئوغۇل بالىنى ئۇرۇپ مۇشۇنداق ئىششىپ چىققىنىنى ئىيتتى،
-سىزمۇ نىمىش قىلا بوغىيتىڭىز ئوغۇل بالىنى ئۇرمە دەپ، تىرىسى قىلىن بولىدۇ ئوغۇلبالنىڭ، مۇشۇ چوكىدەك قولىڭىز بىلەن ئۇرۇپ ئۆتكىزەلەمتىڭىز
-كىتاپ بىلەن ئۇرغان شۇ،قولۇم قايرىلىپ كەتتى
دادىسى خاپۇمماڭ ئىيتىپ يىشىنى ئىيتىپ بىشىغا سۆيۈپ كەتتى، بىردەمدە ئاپىسى،ئاكىسى كەپ بولدى،شۇنداق ھەسەت قىلدىم ئىسىمدىشىمغا،بەكلا ئەركە ئىدى،ھېچكىم ئۇنىڭكىنى خاتا دىمەيتى، سومكامنى قۇچاقلاپ بۇ جايدىن كەتتىم.
ئەتىسى ئۇنىڭغا ۋەدە بەرگەن كۆينەكنى ئاياقنى ئەپ بەدىم، شاھزاتنى ئەچىقىپ كەچۈرۈم سوراپ مىھمان قىلدىم، بىر كۈن بازار چۆگىلەپ نىم ئۇچرىسا يەپ يۈردۇق، ئەرافات كانان شاھزات،شەھلانىڭ دوسلۇق ھېكايىسىمۇ مۇشۇ يەردىن باشلاندى.
دەرستىن چۈشۈپ سىرتلانى بىللە ئايلىنىپ بىللە تاماق يەيتۇق، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قىش كەلدى، تەتىلگە چىقىشقا ئاز قاغان ئىدۇق، سىرتتىكى بىر قەھۋەخانىغا كىرىش مودا بوپ كەتتى مەكتەپتە، بىزمۇ قامماي بادۇق،
-كانان ئىككىڭلامۇ قول تۇتۇشۇپ ئولتۇرمامسىلە…
شاھزات شۇنداق دىۋىدى نىرىراقتا ئولتۇرغان كانان ماڭا سۈرلۈپ كەلدى،
-سىلە پەقەت مۇھاببەتلىشىۋاتقانلاغا ئوخشىمايسىلە، بىر-بىرىڭلا بىلەن قارىشىپ ئولتاساڭلالا بولدىما، قول تۇتۇشۇپ مۇنداق ئۆزئارا يەۋاتقان نەسەڭلانى يىدۈرۈپ قويۇپ تاتلىق مۇھابەتلەشمەمسىلە دەيمە…
شاھزات شۇنداق دىۋىدى ئەرافات بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقمايدىغان ئامراق ساۋاقدىشى رەشىت بۇرنىنى پۈۋلەپ خىڭ… دىسە خىڭ دەپ بىر-بىرىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئولتۇرۋالدى،مەن قىپقىزىل بوپ بىشىمنى كۆترەممەي ئوت كاۋاپ يۈزىمگە چاپىنىمنى ئاتىۋالدىم،
-كانان رەسمىي تەلەپ قويمىدى تىخى… ھەي بوممىسا بۈگۈن تەلەپ قويە كانان بىز گۇۋاھ بولايلى…
ئىسىمدىشىم شۇنداق دىۋىدى كانان چاپاننىڭ ئىچىگە قولىنى سىلىپ ئىككى يۈزىمنى قاماللاپ تۇتۋاغان قولۇمنىڭ بىرىنى يۈزىمدىن ئاجرىتىپ چاپاننىڭ تىشىغا چىقادى…
-مەن شەھلاغا ئامراق لىكىن ياخشى كۆرۈش دەپ چۈشنىۋامماڭلاچۇ شەھلانىڭ كاللىسى بۆلنىپ كىتىدۇ…
كانان قولۇمغا كىچىككىنە شاكلاتنى بەدى، يىرمىنى يەپ بوپ يۆگەپ قويۇپتۇ شاكلات كەمپۈتنى، چاپاننى چۈشۈرۈپ چىرايىغا قارىدىم، بىر كۆزىنى قىسىپ قويدى كۆزىمگە قاراپ مەن كۆدۈم، مىنىڭ ئۇ تەرىپىمدىكى ئىككى ئوغۇل،ئۇدۇلىمدىكى ئاشىق-مەشۇقلا كۆمىدى. يىرمىنى يەپ قويغان مۇشۇ شاكلات كەمپۈت بىلەن كانان كىچىككىنە گۆدەك قەلبىمگە ھۇجۇم قىغان ئىدى، يۈركىم ئوڭ-سولىغا سەكرەپ كىتىۋاتاتتى. قەھۋاخانىدىن چىققاندا لەپىلدەپ قار يىغۋاتقىننى كۆدۈم،بىردەمدە ئاياق چۆككىدەك قار چۈشۈپ بولدى، قار ئويناپ ماڭدۇق ئۇ تۆتى يۈگرەپ بىزدىن ئۇزاپ كەتتى،يۈگرەپ بىزمۇ يىتىشتۇق، شاھزات ئىسىمدىشىمنى كۆتۈرۈپ پىرقىرتىپ توۋلىدى:
-كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئاڭلىغۇڭ بامۇ؟ سېنى مۇشۇ قار ئۇچقۇنىدەك سۆيىمەن… قار ئۇچقۇنى بوپ سۆيىمەن… شەھلا…
شاھزات ئىسىمدىشىمنى كۆتۈرۈپ پىرقىرتىپ ۋارقىراشقا باشلىدى، قۇلقۇمغا كاناننىڭمۇ ئاۋازى بوش ئاڭلىنىپ قالدى، لىكىن ئۆزىدىن سورىيالمىدىم،جىممىدە كاناننىڭ چاپىنىغا ئىسىلىپ قاردا يول ئىچىپ بىرۋاتقان ئەرافات رەشىتلەگە ئەگىشىپ ماڭدىم،
مەكتەپتە بىر بالا ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ ماڭا سۈركىلىۋەدى، ئىسىمدىشىم نىم گىپىڭ با دەپ ئالدىغا بادى،
-ئاۋۇ دوستىڭىز نەچچە ياشقا كىردى، ئاڭلىسام ئىككى قىتىم سىنىپ ئاتلاپتۇ،ھازىر تىخى سىنىپ باشلىقىكەن…
-شۇنداق…نىم بولدى؟
ئۇ بالا تامىقىنى چاكىلدىتىپ يىنىمغا كىلىپ قولىنى دولامغا قويماقچى بولدى،نىرىسىغا قاچتىم، ئىسىمدىشىم ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ لاۋداسى ئىكەنلىكىنى جىدەل دىسە ئالدىدا ئۇچىدىغننى، ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىپ قامماسلىقنى ئەسكەرتتى، ماقۇل دەپ ئۇ گەپ قىسىمۇ پەرۋا قىلماي يۈرىۋەدىم، بىر كۈنى ئۇ مەكتەپتىن قويۇپ بەگەندە مەيداندا كىتىۋاتسام كەينىمدە توۋلاپ ماڭدى،گەپ قىمىدىم،ئەتىسى مەكتەپتىن قايتقاندا ۋىلىسپىت مىنىپ ئۇ تەرەپكە يىنىمدىن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتتى،ئىسىمدىشىم بىلەن كانان مېنى يەنە بىر تەرەپكە ئۆتكىزۋەتتى. خىلى ماڭغاندىن كېيىن ئۇ شامالدەك يىنىمدىن ئۆتتى، ئۆتكىچە كاسامغا قوپال يوغان ئالقان پاققىدە تەگدى،ھېلىقى مىنىڭ كاسامغا ئۇرغىنى مەن ئىنكاس قايتۇرۇپ بوغىچە ۋەلىسپىتنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ تار بىر كوچىغا قايرىلىپ كىرىپ كەتتى.
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ




