大数跨境

سەبى قىزچاق ـ ئىبرەتلىك ھىكايە

سەبى قىزچاق ـ ئىبرەتلىك ھىكايە aybarawazi
2025-02-11
1
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 



     ..ئالتە ياشلىق كەپسىز قىزچاق خوشاللىقىدىن ئۆيىگە يېڭىلا سېتىۋالغان كىرىسلولارنى كېسىۋەتكەن ئىدى .ئىشتىن ھارغىن قايتىپ كەلگەن ئاتا          قولىدا قايچا تۇتقان قىزىنى ۋە كېسىلگەن كىرىسلولارنى كۆرۈپ  غەزىپى ئۆرلەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى .‏ قىزىنى ئەدەپلەپ قۇيۇش ئۈچۈن،  قىزىنىڭ كىچىككىنە قوللىرىنى          ياندىكى    ئۇرۇندۇققا باغلاپ قويدى ۋە ھارغىن ئاتا ئاستا-ئاستا غەپلەت          ئۇيقىسىغا  غەرىق بولۇپ كەتتى، تاڭ يۇرىدى،  ئۇيقىدىن   كۆزىنى ئاچقان ئاتا -ئانا ئۇرۇندۇققا باغلاقلىق تۇرغان قىزىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن جانسىز قوللىرىنى كۆرۈپ چۆچىدى ۋە دەرھال  قىزىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى ئەمما ئۇلار تولىمۇ كېچىككەن   بولۇپ ، دوختۇرلار پەقەت ئوپىراتسىيە قىلىپ قولنى كېسىشتىن باشقا چارە يوقلىقىنى ئېيىتتى...          كىچىككىنە قوللار رەھىمسىز پىچاق تەرىپىدىن كېسىۋېتىلدى...          ‏    قۇياش يەنە ئۆز پېتى ئاستا-ئاستا كۆتىرىلىشكە باشلىدى،    




      ئاچچىق پۇشايمان ھەسرىتىگە تولغان ئاتا يەنە بىر ئائىلىنىڭ غېمى          ئۈچۈن سەھەردىلا ئۆيدىن ئايرىلىپ ئىشىقا ماڭدى، ئەمما  پۈتۈن كۈن  قىزىنىڭ كىچىككىنە كۆكىرىپ كەتكەن جانسىز قوللىرى  كۆز ئالدىدىن ئەگىپ كەتمەيىتتى. ئاخشام بولدى، ئاتا تاغ    يۈدىۋالغاندەك ئېغىر قەدەم بىلەن ئىشىكتىن كىردى ۋە تۇنجى بۇلۇپ    قاناتلىرى كېسىۋىتىلگەن پەرىشتىدەك قىزىنىڭ ئۆزىگە ئۈمىدلىك باققا كۆزلىرىنى كۆردى، قىز سەبىيلەرچە ئاتىسىغا<<ئاتا ، مەن پۈتۈن كۈن ھىچ نەرسىگە چېقىلمىدىم، بىر جۈپ قوللىرىمنى قايتۇرۇپ بەرگىنە>>؟ دېدى          ‏قايغۇ - ھەسرەتكە تولغان ئاتا،پۇشايمان قىلدى ۋە ۋىجدان ئازابى تارتتى . 
        ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن بالىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، چۈنكى  سەبىيلەرنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن بىلەيزۈكنىڭ بىر تال تەپكۈشچىلىك قىممىتى يوق


………………… 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k