大数跨境

🧡بىر قىزنىڭ كۈتىدىغىنى

🧡بىر قىزنىڭ كۈتىدىغىنى aybarawazi
2025-02-12
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ



…………………… 



🦋

-----

-----








بىر قىزنىڭ كۈتىدىغىنى

بىر قىزنىڭ بىر دەستە گۈل تاپشۇرىۋالغۇسى كېلىدۇ
زورلاپ سۈيلەپ ئەمەس
نامسىزلا ...

بىر قىزنىڭ كەچقۇرۇن ئاچچىق نەرسە يىگۈسى كېلىدۇ
مەقسەت تاماق ئەمەس
ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ تېلېفوندا
مەن پەستە » دېگەن تونۇش ئاۋازنى »
تۇيۇقسىزلا ...

جىققىدە مۇھەببەتلىك قۇرلارنى
كۆرگۈسى كېلىدۇ سەھەردە
مۇھەببەتلىك پاراڭ خاتىرىسىنى
چىقىرىۋالغۇسى كېلىدۇ چەمبىرەككە
دوستلىرىغا بىلدۈرىۋالغۇسى كېلىدۇ
ئۆزىگە نەقەدەر ئامراق بىرىنىڭ بارلىقىنى
داۋراڭسىزلا ...

كىچىك بالىلاردەك تاقىلدايدۇ
خالايدۇ كۆڭلىدە ئىشتىن چۈشكەن تونۇش گەۋدىنىڭ
ساقلاۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈشنى
بوينىدىن باغلىنىپ ئەمەس بەلكى
تەبىئىيلا ...

كۈلمەڭ، ئويلىنىپ كەتمەڭ
قىزلار دەل شۇنداق ئويلايدۇ
ئېتىراپ قىلىنسام
ئۇ ھەققىدىكى «قۇرۇق پاراڭلار» نىڭ خاتىمىسى بولسام
تىلى شىكەر دىلى يامانلارغا كەسكىن جاۋاب قىلسا
ئىسمىمنى ئاڭلىسا ئۇنىڭ مەشۇقى دېسە
ئىسمىنى ئاڭلاتسام سېنىڭ ئاشىقىڭ دېسە
ئەغيارلار، ئەقرىبالار
بارچە قىزنىڭ ئارزۇسى مانا
مۇشۇنچىلىكلا ...


مەنبە : تور دۇنياسى


ئاپتورىنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئ‍ىنكاس رايونىدا ئەسكەرتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


🍁🍁



 



🦋


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k