
…………
…………

يېڭى يىلدا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمگە بېغىشلايمەن!
ئاتا-ئانامغا:
ياشلار ئىش ئۇقمايدۇ، «ئاتا-ئانىمىز بىزگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ» دەپ قالىدۇ. ئەمما ئىلگىرى بىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت بوران-چاپقۇننى توسۇپ تۇرۋاتقان ئۇلار، مەلۇم بىر پەيتتە بىزنىڭ ھەمراھلىقىمىزغا تېخىمۇ مۇھتاج بولىدۇ.
مەن سىلەرگە دىمەكچى بولغىنىم: «ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، سۆيۈملۈك ئاتا- ئانام سىلەر دائىم مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكىم بولىسىلەر، ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان پەيتتە سىلەرنىڭ تەبەسسۇمىڭلار ئەڭ گۈزەل مەنزىرە بولىدۇ. ئاتا-ئانىمىزنى چاقىرغان چاغدا جاۋاب قايتۇرالىشى بۇ ئۆمرۈمىزدىكى ئەڭ خاتىرجەم پەيتلەردۇر. كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ئاتا-ئانىلارنىڭ تىنچ، خۇشال بولۇشىدىنمۇ ئارتوق بولمايدۇ. مەن ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتۈپ سىلەرگە كۆپرەك ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشنى ئويلايمەن. يېڭى بىر يىلدا ئاتا-ئانامنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!».

ھەمراھىمغا:
«بۇ ئۆمرۈمدە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش مىنىڭ بەختىمدۇر، مېنىڭ لايىقىم، سىز بىلەن ھەمراھ بولغان كۈنلەردە، ھەر بىر كۈن يېڭى بايقاش ۋە خۇشاللىققا تولغان. سىز بولغاچقا شامال لەرزان، بۇلۇت بسۈزۈك، ئاسمان تېخىمۇ كۆكتۇر. سىز خۇددى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرغا ئوخشايسىز، ھاياتىمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى يورۇق ۋە ئىللىق قىلىسىز. سىز مىنىڭ ئائىلە ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقىنىمنى بىلىسىز، مەنمۇ سىزنىڭ جاپالىرىڭىزنى ھىس قىلىپ تۇرىمەن. مۇھەببەت دىگەنلىك ئىككى ئادەمنىڭ بىرلىكتە تېخىمۇ يىراققا قاراپ، ۋاقىت بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدۇر. سۆيۈملۈك ھەمراھىم، مەيلى قاينام تاشقىنلىق گۈزەل ھايات ياكى جاپالىق كۈنلەر بولسۇن، پەقەت سىز بولسىڭىزلا مەن ئۈچۈن ھەر بىر كۈن بەختلىك كۈن بولىدۇ. كەلگۈسىدە قانداق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈشتىن قەتئىينەزەر مەن قەتئىيلىك بىلەن يېنىڭىزدا بولىمەن».

دوستلىرىمغا:
«بۇ دۇنيادىكى يەنە بىر چوڭ خۇشاللىق دائىم ھەمراھ بولىدىغان دوستى بولۇشتۇر. سۆيۈملۈك دوستۇم، مېنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت!
بۇ بىر يىلدا بىز جەم بولۇپ باقتۇق ھەم ئايرىلىپ باقتۇق، ئەمما دوستلۇق تۈگۈنى بىزنى باشتىن ئاخىر زىچ باغلىدى. ئىچىم سىقىلغاندا سىز نەسىھەت قىلدىڭىز، خۇشال بولغاندا خوشاللىقلىرىمىزدىن بەھرىمەن بولۇشتۇق. چۈشكۈنلەشكەندە سىز ئىلھام بەردىڭىز. يول تاپالمىغاندا، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردىڭىز. سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ سانسىزلىغان خۇشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزدىڭىز، ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدىكى ھەربىر ئىشقا شاھىد بولدىڭىز.
مەيلى ۋاقىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، ماڭا داۋاملىق ھەمراھ بولۇپ مېڭىپ، ئۆز-ئارا ئەسلىشىپ، ئۆز-ئارا قەدىرلەپ، يىللارغا ھەمراھ بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن».


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

