大数跨境

ئارمان-مەريەمگۈل چوغلۇق

ئارمان-مەريەمگۈل چوغلۇق aybarawazi
2025-01-23
3
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 




ئارمان

مەريەمگۈل چوغلۇق


خوشمۇ دېمەي كەتتىڭ  شۇ  زامان،

مەن قالدىم ھەسرەتتە،

قەلبىمدە ئارمان...

كەلسەڭ ئەگەر قۇيار ئىدىم چاي،

ساقلىغان يۈرەكتە ساڭا گۈزەل جاي.


سەن 

بۇلۇتلار ئارىسىغا مۆككەن خلۋەت ئاي،

كۆز يېشىم بۇلدۇقلاپ تاشار،

ھەسرىتىم  توختىماي ئاشار.

سەن ياشىدىڭ، كۈلدۈڭ.

مەن ئۆلدۈم  شۇ  ئان،

مۇزلىدىم، قاتتىم، يۈتتۈم زەرداپ قان.

بۇ كۈتۈشتە ئاز قالدىغۇ جان... 


چۈشۈمدە كۆرىسەم يانىمەن،

كۈرۈشۈشكە يوق ئىمكان،

قەلبىتە تۈگمەس غەليان

يۈرەكتە ئۆچمەس گۈلخان ،

كۆيەر جىسمىم  ۋۇلقان،

ئۆتكىلى بولماس ئوكيان،

كۆزۈم كۆزۈڭدە، ئىزدەيمەن ھەر يان ... 


ئۈنۈم  پۈتكەن  يېغىدىن،

يارلاندىم ئىشىقنىڭ تېغىدىن،

ئويغاندىم  ئالەمنىڭ  نۇرىدىن،

ساقايدىم  كونا  يارىدىن

خۇشلۇق تاپتىم بارچىدىن،

ئەمما سىنى تاپالمىدىم ھىچ ئان...

نەگە كەتتىڭ تېنىڭدە بارمۇ جان،

نەدە بولساڭ ئامان بول گۈزەل يار،

ھەر چاغ ساڭا شۇنداق دىگىم بار...

 

16- سىتەبىر سەھەر،  شايار


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k