
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

…………

ھىكايە
بىر كىچىك بالا قولىدىكى ئىككى تال ئالمىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىپ : بىر ئالمىنى ساڭا بېرەيمۇ ئاپا ؟ دەپ سوراپتۇ.ئاپىسى بالىسىنىڭ كۆيۈمچانلىقىدىن سۈيۈنۈپ ماقۇل دەپتۇ.
بۇ ۋاقىتتا كىچىك بالا ئاپىسىغا قاراپ تۇرۇپ ھەر ئىككى ئالمىنى بىر قېتىمدىن چىشلەپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئانا تۇيۇقسىز بالىسىنىڭ ھەركىتىدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىپتۇ.كۆڭلىدە بالامدا شەخسىيەتچى ياكى ئاچكۆزلۈك بىخ سۈرۈشكە باشلاپ قالغانمىدۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ چىقىپتۇ.
كىچىك بالا ئالمىنى ئالدىرىماي چايناپ بولغاندىن كېيىن ئاپىسىغا بىر ئالمىنى سۇنۇپ : ماۋۇ ئالما ئەڭ تاتلىقكەن،بۇنى سەن يېگىن دەپتۇ، بالىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن ئانىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەپتۇ…
مۇھەببەت بەزىدە ساقلاشقا ئېھتىياجلىق،چۈنكى ئۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن جەريان كېتىدۇ

ھەقىيقى مۇھاببەتنى ئىپادىلەش قىيىن ئاتا -ئانىمىزنى سۆيۈمىزيۇ ئەمما دىيەلمەيمىز ئىپادىلەش ئۈچۈن قىينىلىمىز مانا بۇ ھەقىيقى مۇھاببەت
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


