
…………
…………


گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان مارىي خانقىز . بىر كۈنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى تاماملاپ ئادەت بۇيىچە
توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا كىرىپ ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى . ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز توك ئۆچۈپ يېنىپ نۇرمالسىزلىق كۆرلۈپ توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئىشىكى ئىتىلىپ قېلىپ مارىي خانقىز ئىسكىلاتقا سۇلۇنۇپ قالدى .
مارىي خانقىز ۋاقىراىدى ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشكىنى ئۇرۇپتۇ ، يىغلىدى . ئەمما ئۇنىڭ
ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى .
چۈنكى بۇ چاغدا زاۋۇتتىكىلەرنىڭ
ھەممىسى دىگۈدەك ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . توڭلىتىش ئىسكلاتى ئىچىدە ئادەم
بارلىقى كىمنىڭ خىيالىغا كەلسۇن ؟ ۋاقت
ئۆتىۋىرىپتۇ ، مارىي خانقىز بارغانسىرى ھالسىزلىنىۋاتاتتى ، جېنى ئازلا قالغان مارىي خانقىز ھۇشىدىن كەتتى ئەتىسى مارىي خانقىز دوختۇرخاندا ھۇشىغا كەلدى ۋە ئۆزىنىڭ قانداق بۇلۇپ ھايات قالغىنىغا ئىشەنمەي قالدى
، ئەسلىدە زاۋۇتنىڭ قاراۋۇلى ئىشكنى ئېچىپ كىرىپ ، ئۇنى قۇتقۇزۋاپتۇ .
مارىىي خانقىز ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە بولمىسىمۇ قانداق
قىلىپ ئىشكنى ئېچىپ كىرگەنلىكىنى سوراپتۇ .
قاراۋۇل خانقىزغا چۈشەندۈرۈپ دەپتۇ :
مەن بۇ زاۋۇتتا
ئىشلىگىلى 35 يىل بولدى ، ھەر كۈنى نەچچە
يۈز ئىشچى كىرىپ چىقىدۇ .
ئەمما پەقەت سىزلا ھەركۈنى ئەتىگەندە ۋە ئىشتىن
چۈشكەندە مەن بىلەن سالاملىشىسىز . باشقا نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ئىشىك باققۇچى دەپ پەس كۆرۈپ كۆزگە
ئىلمايدۇ . بۈگۈن ئەتىگەن سىز ئادىتىڭىز
بۇيىچە ھەر كۈنىدىكدەكلا
سالاملاشقان ئىدىڭىز .

ئەمما ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن مەن سىزنىڭ خەيرى خوش دىگەن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىمىدىم . مەن سىزنىڭ شۇ
سالىمىڭىزنى كۈتتۈم . ئەمما سىز چىقمىدىڭىز . شۇڭا مەن بىر ئىش بولغانلىقىنى ھېس
قىلىپ سىزنى ئىزدىدىم . ئىزدەپ ئىزدەپ ئاخىرى توڭلىتىش ئىسكىلاتى ئىچىدىن تاپتىم .
ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ۋە ھۆرمەتلەشنى ئۆزىڭىزدىن تۆۋەن ئۇرۇندىكى كىشىلەردىن باشلاپ قىلىڭ ھەسىلەپ ھۆرمەتكە ئىرىشىسىز يۇقۇردىكىلەر سىزبىلەن ئۇنچىۋۇلا ھەمدەمدە بۇلۇشقا ئالدىرمايدۇ


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

