
ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت

نىقاب ۋە قەلب
نىقاب ياسايدىغان بىر يىگىت بار بولۇپ، بىر كۈنى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىل بولغان دوستى ئۇنى يوقلاپ كەپتۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن: چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدۇ، زادى نېمە ئىش سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۋاتىدۇ دەپ سوراپتۇ
نىقابچى يىگىت: ئۇنداق ئىش يوق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ
دوستىمۇ ئارتۇق سورىماستىن، باشقا كۈنى كۆرۈشۈشكە دەپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپتۇ
نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار يەنە كۆرۈشۈپتۇ. بۇ قېتىم دوستى: بۈگۈن بەك خۇشال كۆرۈنىسەن، بىرەر خۇشاللىق ئىشلار بارمۇ نېمە ؟ دەپ سوراپتۇ
نىقابچى يىگىت: ئۇنداق ئىش يوق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ
بىراق دوستى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سوراشقا باشلاپتۇ. ئۇلار پاراڭلىشىش جەريانىدا، نەچچە كۈن ئاۋۋال نىقاب ياسايدىغان بۇ يىگىتنىڭ بىر رەزىللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نىقابنى ياساۋاتقان بولۇپ، شۇ ۋاقتىدا پۈتۈن كاللىسىدا رەزىل قىلمىش، رەزىل كىشىلەرنىڭ چىرايدىكى ئىپادىلەرنى ئويلاۋاتقان ئىكەن. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە بولسا، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نىقابنى ياساۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئويلاۋاتقىنى ياخشى، ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ھەمدە چىراي ئىپادىلىرى ئىكەن
خۇلاسە
قەلبىڭىزگە نېمىلەرنى قاچىلاۋاتقىنىڭىزغا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى قەلبىڭىزگە نېمە قاچىلىغان بولسىڭىز جىسمىڭىزدىن شۇ نەرسىلەر ئەكس ئېتىدۇ
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


