大数跨境

ۋايىغا يىتىش - مېھرىبان نىياز

ۋايىغا يىتىش - مېھرىبان نىياز aybarawazi
2025-03-06
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 




  ۋايىغا يىتىش  

   مېھرىبان نىياز   

米日完古丽·尼牙孜 | 至死不渝

بوسۇغىدىن مۇھەببەت بىلەن ئاتلىدىم.
گۇگۇم پەيتىدە غېرىبلىقىمنى كۆتۈرۈپ،
مۇھەببەت بىلەن قايتىپ كەلدىم.
 
سەن يوق چاچلىرىمنى سىلايدىغان،
سەن يوق كۆزلىرىمگە قارايدىغان،
سەن يوق مۈرەڭگە بېشىمنى قويۇپ
ئۆزۈمنى ئەركىن تاشلايدىغان.
 
سەن يوق-
بەلكىم ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان،
خىيالىمدا كۆكلەۋېرىپ
ئۈمىدنىڭ ھىدىنى قەلبىمگە چاچقان.
 
سەن قۇياشسەن، ئايمەن بەلكىم،
بىر-بىرىمىزگە يېتەلمەيدىغان.
بىر پاراللېل سىزىقمىز بەلكىم،
ئىنتىلىمىز ئۇچراشمايدىغان...
 
خۇشپۇراق چېچەكلەپ ۋايىغا يەتتىم،
دولقۇن ياساپمۇ ۋايىغا يەتتىم،
قۇملۇق بولۇپمۇ ۋايىغا يەتتىم،
باياۋان بولۇپمۇ ۋايىغا يەتتىم،
تىمتاسلىق بولۇپمۇ ۋايىغا يەتتىم،
ھېچنېمە بولماسلىقتىمۇ ۋايىغا يەتتىم...
شۇندىمۇ
مۇھەببەت بىلەن بوسۇغا ئاتلاپ ياشاۋاتىمەن،
بەلكىم بۇ يول تۇتاش قەبرىگە
شۇ يەردىمۇ يەنە سېنى ساقلايمەن...




 تارىم ژۇرنىلى سالوندىن ئېلىندى 



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k