大数跨境

ئايال-پاتەم بەكرى

ئايال-پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-03-08
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 



ئايال


پاتەم بەكرى


 تەقدىر سېنى تولۇن ئايدەك ياراتقان ئايال. 

 قۇياش كەبى زېمىنغا نۇر تاراتقان ئايال. 

  قىزىل گۈلدەك بۇلبۇللارنى سايراتقان ئايال. 

 ئەركەكلەرنى گۈل ھۆسنىگە قاراتقان ئايال. 

 مۇھەببەتنى كۈيلەپ ناخشا ياڭراتقان ئايال. 


 سەن بولمىساڭ ئېتىزلاردىن چىقمايدۇ دانمۇ؟ 

 سەن بولمىساڭ تونۇرلاردا پىشمايدۇ نانمۇ؟ 

 سەنسىز ھايات كەچۈرەلمەس گادايمۇ بايمۇ. 

 سەنسىز دەۋر سۈرەلمەس، ھەتتاكى خانمۇ. 

 بۆشۈك بىلەن دۇنيانى تەڭ تەۋرەتكەن ئايال. 

 سەن بولمىساڭ پەرزەنتىڭنىڭ پىشمايدۇ ئېشى؟ 

 سەن بولمىساڭ ئەركەكلەرنىڭ قاتىدۇ بېشى؟ 

  پاك پاكىزە بولماس، سەنسىز ئۆينىڭ ئىچ تېشى. 

 شۇڭلاشقا سەن ئەرزاتىنىڭ ئۇز قەلەم قېشى. 

 ئون ئىككى ئاي ئۆيدە قازان قايناتقان ئايال. 


  سەن بولمىساڭ ئېچىلمايدۇ ھويلىدا گۈللەر؟ 

 سەنسىز ئۆيدە ياڭرىمايدۇ خۇش ناۋا كۇيلەر، 

 سەنسىز شادلىق ئىچىدە ھەم ئۆتمەيدۇ كۇنلەر، 

 ئۆزۈڭ بىر ئاي، شۇڭا نۇرلۇق قاراڭغۇ  تۇنلەر، 

 ئۆينى ئۆيگە ئەرنى، ئەرگە ئوخشاتقان ئايال. 

 گۈل ياشلىقىڭ تۇيدۇرماستىن كەتسىمۇ يىراق. 

 گۈل چېھرىڭگە سانسىز قورۇق چۈشسىمۇ بىراق. 

 گەر ئايرىلىپ ئۆز يارىڭدىن چەكسەڭمۇ، بىراق. 

 پەرزەنت ئۈچۈن چاندۇرماستىن ياقىسەن چىراغ. 

 گۈل ھاياتنى مېھنەت بىلەن، پارلاتقان ئايال. 


 جاپا چېكىپ، گەرچە قولۇڭ بولسىمۇ، قاداق. 

 يانچۇقۇڭدا قالمىسا گەر بىر تىيىن يارماق، 

 بىر ئۆي ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈيسەن ھەر ۋاق، 

 ۋايسىمايسەن پەرزەنتىڭگە تۈرمەيسەن قاپاق. 

 پەرزەنتىڭنىڭ كۆڭلىنى، شاد يايراتقان ئايال. 

 تاڭ ئەلچىسى بولۇپ سايراپ، تۇرىسەن سەھەر. 

 سېنىڭ بىلەن ھايات قايناق سەھرا يۇ شەھەر. 

 ھەر ساھەدە  ئالەم شۇمۇل قۇچىسەن زەپەر، 

 قانداق ياشار ئىدى ئەرلەر، بولمىساڭ ئەگەر، 

 مەيدىسىدە شەرەپ گۈلى چاقناتقان ئايال. 


 تېنىڭ ساغلام ئۆمرۈڭ، ئۇزۇن بولسۇن گۈزەللەر. 

  تىلى كۆيسۇن سېنى ئەقلى قىسقا دېگەنلەر. 

 روناق تاپسۇن، سېنىڭ ئۈچۈن غەملەر يېگەنلەر. 

 ياشاپ كەتسۇن چىن دوستلۇقنى ئەلا بىلگەنلەر. 

 ساداقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلاتقان ئايال. 

2022-2-ئاي ئاقسۇدا يېزىلدى

 ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى. 


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0