大数跨境

ئاياللار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ئاياللار  بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن aybarawazi
2025-03-08
0
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 



 ئايال سەن ئۆزۈڭنى ، ئايا .


 ئايالسەن دۇنيانىڭ پارلاق قۇياشى .

 ئايال سەن پەرزەنتنىڭ سونماس قاناتى 

 يەنە سەن بىر ئەرنىڭ جۈپتى قاياشى  

 پاسىبان ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايا


 يىقىلساڭ پاتىدۇ ئۆيۈڭنىڭ كۈنى .

  خورلۇقتا پەرزەنتىڭ ئۆچىدۇ ئۈنى .

ئۆلمەيدۇ  چىقىدۇ يولدىشىڭ جېنى  .

ئەزىزىم  ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايا  


 ئايالسىز يانمايدۇ ئۆينىڭ چىرىغى 

 ئايالسىز نەدىكەن مىللەت كەلگۈسى 

 ئايالسىز كېلەرمۇ  ئەرنىڭ كۈلكىسى .

 جانىجان ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايا 


قىلىسەن ئۆي ئۈچۈن ئۆزۈڭنى پىدا .

 بالا دەپ بولىسەن جېنىڭدىن جۇدا  .

  ئەزىز دەپ بىلىسەن ئېرىڭنى ئوردا .

  پىداكار ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايان .


  بىباھا گۆھەر سەن ئاتا ئاناڭغا ؟

  تېپىلماس جانان ، سەن قېرىندىشىڭغا ؟

يىگانەبىر گۈلسەن دوست يارەن ئارا .

  قەدىرلىك ئايال ، سەن ئۆزۈڭنى ئايا .


  بار نۇرغۇن ۋەزىپەڭ قىسقا ھاياتتا .

  بولۇشۇڭ كېرەكتۇر سەن ئۇلۇغ ئانا .

  قىلشىڭ كېرەكتۇر ئەھدىڭنى ئادا .

  جاپاكەش ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايا .


 كۈلۈڭلار ئاسماننىڭ ئاي يۇلتۇزلىرى .

چىمەنزار باغلارنىڭ سەرخىل گۈللىرى .

 كۆكلىسۇن  ھاياتنىڭ زوقمەنالىرى .

  گۈزىلىم ئايال سەن ئۆزۈڭنى ئايا .



سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k