大数跨境

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى7-قىسىم

ئەڭ يېڭى ئەسەر ئۆگەي ئانامنىڭ ئاشنىسى7-قىسىم aybarawazi
2025-02-01
2
导读:سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر !


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئۆتنە ئالەم ) ناملىق كۆپ قىسىملىق  رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 





بۇ ئەسەرنىڭ 8-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


















بۇ ئەسەرنى تۇلۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز  بۇ سۆرەتىنى بېسىپ ئاڭلاڭ  


………………… 


بۇ ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئاستىدىكى تىرناق ئىچىدىكى سانلاردىن تاللاپ ئاڭلاڭ 

4 3 2
1


6 5





7-قىسىم

-بۇ تۇنجى كىرىمىم ئەمەس… ئىشىنەمسىز بۇ بىر يىلدا ئاپامدىن پارچە خىراجەت ئەپ باقمىدىم…

كانان قولىدىكى پارچە پۇللارنى ساناپ يانجۇقىغا سالدى. ھەر ئىككىلىمىز مۇزىكا ھەۋەسكارىكەنمىز،يولدا ماڭغاچ قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق خۇددى كىچىكىدىن بىللە چوڭ بوغانلادەك…

-ئازراق پۇل يىغىۋاسام كىتتاردىن بىرنى ئالىمەن… كۆرۈپ  قويدۇم لىكىن  يەنە مىڭ بەشيۈز كەم…

-ئەزانراقىنى ئىپ تۇرسىڭىز بولىدىغۇ؟

-ئوخشىمايدۇ، ھەممە نەرسە پۇلىغا چۇشلۇق بولىدۇ، يۇيۇپ ياماپ كىيىۋىرمە دىگلى كىيىم بوممىسا يا ئۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئالىمە دىگىنى خىلى بولدىغان گىتتار سۈپىتى ئىسىل مۇزىكا ئىشلەيدىغانلا ئاساسەن شۇنى ئىشلىتىدۇ.

كانان ماڭا كىتتارنىڭ رولىنى يەنە ھەرخىل ماركا باھالىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەتتى.  

-كەم پۇلىڭىزنى مەن بىرەي ئەتىلا بىرىپ ئالايلى قانداق؟

-چاقچاق قىلۋاتامسىز؟ بىر كىچىككىنە قىز بالىدا مىڭ نەچچە يۈز كوي نىمىش قىلىدۇ… ۋاي بولدى قىلىڭە مىنى چامماي…

كاناننى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەتە كۆرۈشۈشكە دىيىشىپ خوشلاشتىم، چوڭ ئاپامنىڭ يىنىغا قايتىپلا بۇ بىر ئاي ئاپام توختىماي بەرگەن پارچە خىراجەتلەنى پۇل ساقلاش قۇتىسىدىن ئىلىپ سانىدىم، بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش يۈۋەنكەن…كىچىك تاغامنىڭ يىنىغا چىقسام ئەللىك يۈئەنلا پۇلۇم با دىدى. ئەلقەم ئاكام مەندە ئون كويلا با دىدى، ئەتىسى كانانغا بىر مۇنچە پارچە پۇلنى تۇتقۇزدۇم. ئۇ دەقىقە تۇرۇپ كىتىپ

-شەھلا…بۇ… بۇ سىزنىڭ…

دەپلا گىپىنىڭ ئاخرىنى دىيەممىدى،

-بىر ئىككى يۈز كەم بوغانغا گىتتارنى بەمەي قامماس، ئاۋال بىرىپ باھا تالىشىپ باقايلى، پەقەت بوممىسا بىر نەچچە كۈندىن كىيىن  ئالامىز…

كانان ئىككىمىز دۇكانچىنىڭ كۆزىگە كىرۋىلىپ يۈرۈپ ئۈچمىڭ سەككىز يۈئەنگە گىتتارنى ئالدۇق،

-ھەي قىز مىيەگە كىلىڭە…

دۇكانچىنىڭ شەرەتلىشى بىلەن ئالدىغىراق بادىم،

-سىز ئۇيغۇرسىز ھە…

-ھەئە نىم بولدى

-ئىغىزتىلىڭىز قالتىسكەن سىڭلىم، بۇ مۇكاپاتىڭىز بوسۇنمۇ.ئەكەگەن ئىزىغا بەگەن  بولاي بۇنى ئاكىڭىز بىلەن  خەجلەڭ…

دىگەچ ئىككى يۈز يۈۋەننى ئايرىپ ماڭا تەڭلىدى،  

دەپ كاناننى ئىشارە قىلدى… خۇشلىقتىن پۇلنى ئىلىپ بۇ مال ساتقۇچى ئاكاش بىلەن خوشلىشىپ  چىقىپ  كەتتۇق.

كانان دوراپ چىلىپ يۈرۈپ خىلى مۇزىكىلارغا چالالايدىغان بوپ قالدى، مەكتەپكە يىغىلغاندىن كىيىن كانان ئىككىمىز بىر ئورۇندا ئولتۇردۇق. سەيدىن ئالدىمىزغا يۆتكىلىپ كەلدى. گۈلچىھرە سىنىپتا مەن بىلەن قىرىشسا كانان قەتئىي يۈز بەمەي ئۇنى ئوساللاشتۇراتتى.  بىر مەۋسۇم مەكتەپتە كاناننىڭ ھىمايىسىدە ئۆتتۈم. ئۇ دەرۋازىدىن كىرگەندىن كېيىن بىرىنجى بوپ قىلدىغان ئىشى مەندىن ناشتا قىلغان قىممىغىنىمنى سوراش ئىدى، ئاندىن سومكىسىنى ماڭا بىرەتتى، ئىچىدىن ھەرخىل نازۇ-نىمەت چىقاتتى.سۈت شاكىلات ساپلىق كەمپۈت بىر ئىككىدىن ئالما نەشپۈت دىگەندەك كۈندە ئوخشىمايدىغان نەرسىلە چىقاتتى،ناشتا قىلىپ  بوغاندىن كىيىن  ئۇ ياكى جوزىغا بىشىنى قويۇپ ئۇخلايتى ياكى دەرستىن قىچىپ توپ ئوينىغىلى چىقىپ كىتەتتى،  مەن ئۇنىڭ تاپشۇرقىنى ئىشلەيتىم، دەرستە مۇئەللىم ئۇنىڭدىن سۇئال سورىسا چوقۇم قۇتۇلدۇرۋالاتتىم، سەيدىن ئۇنىڭ دەرس تاشلىغىنىنى يوشۇراتتى، مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا ياپاتتى.

بىر كۈنى گۈلچىھرە بىلەن نىمىشقا پىتىشماىدىغىنىمنى سورىدى كانان،مېنى دائىم قارلاپ تىلغا قويدىغىننى دىدىم، گۈلچىھرەنىڭ بىر كۈنى مىجەزى يوق مەكتەپكە كەپتۇ، چىرايى سارغىيىپ جوزىدا ئاران ئولتۇراتتى، بىر كەمدە جوزىدىن پەسكە يىقىلىپ چۈشتى، دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچى جىددىيلىشىپ ئۇنى ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا كۆتەگۈزۈپ سىرتقا ئەپ ماڭدى. بىركەمدە سىنىپ مۇدىرى جىددىي كىرىپ كەلدى، يىشى قىرىق ياشلادىن ئاشقان ئايال مۇئەللىم ئۇدۇل مەن ئولتۇرغان قاتارغا بۇرۇلۇپ سۆزلىدى،

-شەھلا گۈلچىھرەنىڭ ئاپىسىنىڭ تېلېفۇنى ئىلىنمىدى،  دەرھال  ئۆيگە قايتىپ ئۆيىڭىزدىكىلەگە خەۋەر قىلىپ قويۇڭ،ئاچىڭىزنىڭ ئەھۋالى ئىغىردەك قىلدۇ،بالىنى بىز دوختۇرخانىغا ئەپ ماڭدۇق…ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا بىرىڭلا…

يۈگرەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم گۈلچىھرەگە ئۆچ بولغىنىم بىلەن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئۆيدىكىلەگە چوقۇم ئەڭ تىز سۈرئەتتە خەۋەر قىلشىم كىرەك ئىدى، ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقىدىكى بىر كىلومىتىر يولنى يۈگرەپ مىڭىپتىمەن،ئۆينىڭ ئىشكىنى خىلى چەككەندىن كىيىن گۈلىستان ئاپام ئىشىكنى ئاچتى،كۆزىنى ئۇۋۇلاپ تەستە ئىچىپ ماڭا قاراپ قويۇپ ئارقىسىغا ماڭدى

-مەكتەپتە پائالىيەت بامىكە نىمانداق بالدۇر كەلدىڭ؟

گۈلىستان ئاپامنىڭ يىپەك ئۇخلاش كىيمىنىڭ يىڭىغا ئىسىلدىم

-گۈلچىھرە…گۈلىستان ئاپا…گۈل…گۈلچىھرە……

گۈلىستان ئاپام جىددىيلىشىپ مۈرەمنى تۇتۇپ گۈلچىھرەگە نىم بوغىننى سورىدى بىر ھۆتەل كىلىپ گىپىمنى دىيەممىدىم،

-دوخ…دوختۇرخانا… دوختۇرخانىغا ئەكەتتى…

بۇ گىپىمنى ئاڭلاپ گۈلىستان ئاپام ساپما ئايىقى،ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا ئۆي سىرتىغا چىقتى…

ئاسقىدىكى چاپان، ئىشىك يىنىدىكى ئاياق،يەنە گۈلىستان ئاپام ئىشىك يىنىدىكى ئاياق ئىشكابىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئەپ قويدىغان كىچىك خۇرۇم قول سومكىسىنى ئەپ كەينىدىن يۈگۈردۈم…

خۇدىنى بىلمەي ماشىنىنى قورۇدىن چىقاماي تۇرۇپلا يول چىرىغىغا سوققان يىرىگىلا چۈشۈپتىمە، يىنىغا بىرىپ ماشىنىدىن تارتىپ چۈشۈرمەكچى بولدۇم.

-تاكسىدا بارايلى… تاكسىدا ماشىنا ئوت ئاممىدى.

ھە دەپ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ چاپاننى ئاياقنى تەڭلىدىم،قولۇمدىكى چاپاننى بىر قولىدا ئاغاچ قورۇ سىرتىغا يۈگەدى، دوختۇرخانىغا بىرىشىمىزغا سىنىپ مۇدىرى ئالدىمىزغا كىلىپ گۈلچىھرەنىڭ سىرىق ئىتىنىڭ يىرتىلىپ كەتكىننى، ئەھۋال ئىغىر بوغاچ كىسىپ ئىلۋىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى،دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغىننى ئىيتتى، گۈلىستان ئاپام قولىغا تەڭلەنگەن ۋاراقلاغا بىر قاراپ يىشىنى قويۋەتتى يىغلىغاچ ئىمزا قويدى، ئىمزا قويۇپ بوپلا مېنى تارتىپ قۇچاقلاپ بىشىمغا يۈز كۆزىمگە سۆيگەچ ھۈ تاتىپ يىغلىغىلى تۇدى، بۇ قۇچاقلاش شۇنچىلىك يقىشلىق ئىدى، گۈلىستان ئاپامنىڭ بەدىنىدىن كىلۋاتقان سۇس ئەنبەر پۇرىقى يۈز كۆزىمگە ئىقىۋاتقان ياش مېنى ئاجايىپ تۇيغىلاغا چۆمدۈرمەكتە ئىدى…سىنىپ مۇدىرى كىتىش ئۈچۈن  يىنىمىزغا كەلدى، ئۇ مېنى بىللە مەكتەپكە قايت دىمەكچى بولسا كىرەك ئىسىمىمنى چاقىردى، گۈلىستان ئاپام خۇدىنى ئۇقماي ئىككى يىنىغا تەۋرەپ ئولتۇرغان بوغاچقا ئالقىنىغا چۆكۈرۈپ تۇتىۋاغان قولۇمنى ئاجراتمىدىم،

-مۇئەللىم مەن رۇخسەت سورىسام بولامدۇ؟

مۇئەللىم دەقىقە تۇرۋىتىپ ماقۇل دەپ كىتىپ قالدى، ۋاقىت ئىنتايىن ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، بىر كەمدە چىرايى ئاپپاق بوپ كەتكەن گۈلچىھرەنىڭ كارۋىتىنى ئىتتىرىپ سىستىرا چىقىپ كەلدى، جوزىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان گۈلىستان ئاپام يۈگرەپ گۈلچىھرەنىڭ يىنىغا بادى، چىرايى تامدەك ئاقىرىپ كەتكەن گۈلچىھرەنىڭ كالپۇكى كۆكىرىپ قاغاندەكمۇ قىلاتتى،كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ئىغىزىدا بىرنىملەنى دەپ غۇدۇرماقتا ئىدى…

نەچچە سائەتتىن كىيىن گۈلچىھرە ۋايجان دەپ يىغلاشقا باشلىدى، لىكىن دوختۇر ئۇنى چۈشۈپ مىڭىپ بەسۇن دىگەن بوغاچقا ماڭغۇزمايمۇ بوممايتى، بىر قولتۇقىنى يۆلىۋىدىم گۈلچىھرە قورسىقىمنى ئاغرىتۋەتتىڭ دەپ قولىنى شىلتىپ يۈزىمگە مەيدەمگە بۇرنىمغا كەينى-كەينىدىن   ئۇردى، قالايمىقان توۋلاپ يىغلاپ ئىككى ماڭدامنى ماڭامماي دادا ئاپىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىسىلىپ تۇرۇپ قالدى، يۈزىمگە يىگەن تاياققا يىغلىدىممۇ ياكى ئۇنىڭ قورسىقىنى تۈگۈپ پىشانىسىدىن تەر چىقىپ يىغلاۋاتقان ئەپتىدىن قوقتۇممۇ ئىشقىلىپ يىشىم توختىمايۋاتاتتى…

گۈلچىھرە ئۆيگە قايتىپ خىلى كۈنلەدىن كىيىن مەكتەپكە قايتىپ كەلدى،سىنپتا ئۇنىڭ سىيماسىنى كۆرۈپل تەتۈر قاراپ ئولتۇردۇم، گۈلچىھرە ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرماي ئۇدۇل يىنىمغا كەلدى.

گەپ قىماي ئالدىمغا تاماق قاچىسىىنى قويۇپ قويۇپ ئارقىسىغا قايتتى.

قاچىنىڭ ئىغىزىنى ئاچتىم،مىززىلىك قاتلىمىنىڭ پۇرىقى كەلدى،ئەڭ ئۈستىگە يىپىپ قويغان قېلىن تورنى ئاچتىم، چىرايلىق پىشقان قاتلىما نان،ئاستىدىكى قاچىدا لىققىدە توغرالغان ئۇششاق گۆش، شوخلا،چىلان لەيلەپ تۇرغان شورپا با ئىدى…كەچتە مەكتەپتىن قايتىڭلا دەپ بوغىچە سومكامنى يىغىشتۇرۇپ پارتامغا سىلۋىتىپ ياتاققا ماڭدىم.

-شەھلا…

گۈلچىھرە ئارقامدىن توۋلىدى،ئاڭلىمغان بوپ قەدىمىمنى تىزلەتتىم،بىر كەمدە گۈلچىھرە قولۇمدىن كاپپىدە تۇتۋالدى،

-ئاپام سىنى ئەمدى ياتاقتا ياتمىسۇن ئۆيگە قايتىپ كەسۇن دىدى.

-مەن سەن بىلەن بىر ئۆيدە ياتمايمە…مەن ساڭا ئۆچ گۈلچىھرە سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ بىر ئۆيدە تۇرغۇم يوق.

قولىنى كۈچەپ سىلكىۋىتىپ ماڭماقچى بولدۇم لىكىن ساغىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ يالتايدىم،گۈلچىھرە پاڭڭىدە يىغلىدى

-ماڭا ئۆچلىكىڭنى بىلىمەن… ئوپراتسىيەدىن چىققان چاغدا سىنى قەستەن ئۇرمىغان…

ئۇ يىغلىغاچ يەدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ قالدى،يىشىنى كۆرۈپ ئىرىپ كىتىپ بىللە كەتمەكچى بولدۇم، لىكىن مەن كىتەي دىگەندە گۈلچىھرە ئورنىدىن تۇراممىدى…يىنىمىزدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كانان بىلەن سەيدىن كىلىپ گۈلچىھرەنى كۆترۈپ دىگۈدەك مەكتەپ سىرتىغا ئەچىقتى…گۈلچىھرەنىڭ ئىغىزىدىن گەپ چۈشۈپ قىلۋاتاتتى…

ماشىنا توسۇپ دوختۇرخانىغا ماڭدۇق،كانان بىلەن سەيدىن چوڭلارغا خەۋەر قىلايلى دىسە گۈلچىھرە ياق ئاپام يەنە يىغلايدۇ دەپ ئۇنىمىدى.

ئۈچىمىز گۈلچىھرەنى سۆرەپ يۈرۈپ دوختۇرغا كۆسەتتۇق،يارا ئىغىزى ئىچىدىن ياخشى تۇتماپتىكەن،گۈلچىھرە كەينىمدىن يۈگەگەندە ئىچىلىپ كىتىپتۇ.گۈلچىھرەنىڭ توۋلىشى يىغلىشى بىلەن يارا ئىغىزىنى تازلاپ قايتا تىكتى.گۈلچىھرە ساپسىرىق بولۇپ ماڭاماي بىشى يانغا كىتىپ باراتتى،ئۇ قورسىقىم ئاغرىدى دەپ يىغلايتى،مەن ئۇنىڭ يىغىسىغا قاراپ بايىقى يارا ئىغىزى كۆز ئالدىمغا كىلۋىلىپ يىغلايتىم.

-گۈلچىھرە… گۈلچېھرە ماڭا قاراڭە… سىز بەك قەيسەرغۇ…ئەمدى يىغلىماڭ ھە…يىغلىسىڭىز تىخىمۇ ئاغرىيدۇ.

سەيدىن گۈلچىھرەنىڭ يىشىنى ئىيتىپ تەسەللى بەدى، خىلىدىن كىيىن ئۆيگە قايتتۇق،گۈلچىھرەنىڭ يارىنىڭ ئىچىلىپ كەتكىننى ئۆيدىكىلەگە دىمە دىدى ماقۇل بولدۇم،ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە كەچ سائەت توققۇزغا ئاز قاغان ئىدى، نەدە يۈرگىنىمىزنى سورىدى چوڭلا،گۈلچىھرە دوختۇرخانىغا بىرىپ تىڭىقنى ئالماشتۇرۇپ كەلدىم دىدى.

-بالام…ئۆزىڭىز يالغۇز بادىڭىزما؟ ئەتە مەن بىللە ئاپىرمە دىگەنغۇ نىمىشقا يالغۇز بارىسىز……

تاغام گۈلچىھرەنىڭ تاتىراڭغۇ مەڭزىنى ئالقىنىغا ئالدى،گۈلچىھرە مېنىڭ يەنە كاناننىڭ،سەيدىننىڭ بىللە باغىنىمىزنى ئىيتتى، تاغام بايىقى يارا تازلاتقان جەرياننى دوختۇرنىڭ دىگەنلىرنى كوچىلاپ سورايتى،گۈلچىھرە ئىككىمىز بۇ قىتىم  ئۇرۇشماي بىر جايدا ئولتۇردۇق نورمال پاراڭلاشتۇق كەچتە ئۇخلايدىغان چاغدا گۈلچىھرە ماڭا قاشنىڭ يىنىدىن كۆزنىڭ ئاستىغىچە توسىدىغان ماسكىغا ئوخشايدىغان بىر نەسە تەڭلەپ:

-دادام كارۋات يىنىغا چىراق ئورنىتىپ بەدى،چوڭ چىراقنى ئۆچۈرسەم  بەك يورۇقمۇ بەك قاراڭغۇمۇ ئەمەس،بۇنى تاقىۋىلىپ ئۇخلا…

ئەتىسى ئەتىگەندە گۈلچىھرە ئورنىدىن تۇرامىدى، مەن كەچتە قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا دەرس تەكرار قىلىپ بىرەتتىم،گۈلچىھرە ئاپىسىنىڭ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلشىنى مەن بىلەن ئەپ ئۆتىشىنى كۈندە تاپىلايدىغىننى مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرسە ئاپىسىنىڭ خاپا بولدىغىننى ئىيتاتتى. 

بىر كۈنى گۈلچىھرە دادام توي قىسا قارشى تۇردىغان تۇرمايدىغانلىقىمنى سورىدى، خالايمە دىدىم، چۈنكى مەكتەپتىن قايتىپ كەسەم كەلدىڭمۇ دەيدىغان ئاپا دەپ چاقىردىغان ئاپام بولشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم، ئاتا-ئانىلا يىغىنى ئاچىدىكە دىسەم مەكتەپكە مەن بىلەن باردىغان،مۇئەللىم مېنى ماختىسا ئورنىدىن تۇرۇپ مەن شەھلانىڭ ئاپىسى دەيدىغان ئاپام بولشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم، بالىلارغا ئوخشاش ئاپام مۇنداق دىدى ئاپام بىلەن مۇنداق قىغانتۇق دەپ  پاراڭلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم…

-بىزنىڭ سىنىپتىكى ئەقىدەنىڭ ئۆگەي ئاپىسىدىن كۈندە تاياق يەيدىغىننى تاپشۇرقىنىمۇ ئىشلىگىلى قويماي ئىشقىلا سالدىغانلىققنى بىلمەمسە؟

-لىكىن...لىكىن ھەممە ئۆگەي ئاپا ئۇنداق بومماس…

گۈلچىھرە ماڭا سەت ھومىيىپ قويۇپ كارتۇن فىلىم قويۇش ئۈچۈن تىزگىنەكنى ئالدى…

گۈلچىھرە سورغان سۇئالنى تاغاممۇ سورىدى،بوۋا موماممۇ سورىدى خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم،

-ۋاياي نىمانداق كاللاڭ ئىشلىمەيدىغاندۇ سىنىڭ… ئۆگەي ئاپا تىپىپ بىرمە دىسە خۇش بوپ سەكرەپ كەتكىنىڭنى… ئۆگەي ئاپاڭ سېنى پۈۋلەپ تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ قويا بولغىيتى…

گۈلىستان ئاپام پىشانەمگە سەت بىرنى نوقۇپ سافادىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ياتىقىغا ماڭدى،دادام ماڭىمۇ قارىماي بىرنىملەنى ئويلاپ ئولتۇراتتى، دادامغا گەپ قىماقچى بوپ يىنىغا باماقچى ئىدىم گۈلىستان ئاپام توۋلىدى ئاندىن ئۇنىڭ يىنىغا ماڭدىم. 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيىڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k