ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
قوغۇنچى
ئېزىز تۇرسۇن
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى قوغۇنلۇق
ھازىرقى قوغۇنلۇققا ئوخشىمايتى؛
بۇرۇن قوغۇنلارنىڭ ئۆيى يوق،
قوغۇنچى ساتمىدا ئىدى.
ھازىر
قوغۇنچىنىڭ ئۆيى يوق،
قوغۇنلار لاپاستا.
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى سويمىلار،
ھازىرقى سويمىلارغا ئوخشايدۇ؛
پىشسا چىلگىلەر پۇرايدۇ،
ئاق كۆكچىلەر ئېتىلىدۇ،
بىشەكشىرىن ھالۋا بولىدۇ…
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى قوغۇنچىنىڭ يۈزى
«ئاق ناۋات»تەك تورلىشىپ كەتتى،
تاپانلىرى«بوز كۆكچى»دەك ئېتىلىپ كەتتى،
مىھرى«بىشەكشېرىن»دەك قىيام بولدى…
-قوغۇن ساتىمەن، قوغۇن…!
بىر قوغۇنچى قوغۇن ساتماقتا،
مەندىن يېراق، يېراق قىشلاقتا…
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


