ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
دوختۇرخانغا كىرگىنىمگە بۈگۈن بىر ھەپتىلەرچە بولۇپ قالدى، بىمارلار زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەچكە كېسەلخانىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي ئادەتتە ئۈچ كارۋات قويۇلىدىغان بۇ كېسەلخانىغا بۈگۈن يەنە بىر كارۋات قوشۇلۇپ، بۇ كارۋاتقا 40 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال بىمار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىچىمدە ھېلىمۇ قىستىلىشىپ قىلۋاتساق نېمە قىلا بۇ ئايالنى بۇ كېسەلخانىغا ئەكىرىپ دەپ غودۇڭشۇپ قويدۇم.
سېسترانىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى كىرگەن ئايخان ئىسىملىك بۇ بىمار ئادەتتە كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان يېلىم ماددىلىق ھۈجەيرە ئۆسمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىكەن.
دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشچە بۇ غەيرىي كېسەل مېڭە ئۆسمىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، راك پەيدا قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.
دوختۇر ۋە سېستىرالارنىڭ ئايخان ئاچىنىڭ كېسىلى توغرىسدا قىلشىقان شۇ پارىڭىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۆزۈمنىڭ كېسلىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان يىشى ئانامدىن ئانچىمۇ كىچىك بولمىغان ئايخان ئاچىغا بىردىنلا ئىچىم ئاغرىدى.
ئايخان ئاچا دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭ قارىماققا ناھايىتى سۈرلۈك كۆرىنىدىغان ئېرى روزاخون ئاكا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلۋاتاتتى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىگىز،قامەتلىك، ناھايىتى سۈرلۈك كەلگەن روزاخون ئاكا تۇيۇقسىزلا دېققىتىمنى تارىتتى.

بۈگۈن مانا ئايخان ئاچىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرگىنىگە 5كۈن بولدى، ئەمدىلا كۆزۈم ئۇيقۇغا بىرىپ تۇرشىغا، روزاخون ئاكىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان ئايخان ئاچا بىلەن ئىزچىل پەس ئاۋازدا تاكاللىششى قۇلقۇمغا كىرىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، ئادەتتە سۈرلۈكلىكىگە باقماي ئايخان ئاچىغا شۇنداق كۆيىنىدىغان روزاخون ئاكىنىڭ نېمە سەۋەپتىن ئايخان ئاچا بىلەن تالاش-تارتىش قىلغىنى مېنى سەل قىززىقتۇردى.
ئادەتتىمۇ ناھايىتى ئىتتىك قۇلغۇغۇم تېخىمۇ ئىتتىكلىشىپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا پۈتۈن دېققىتىمنى بەردىم، ئايخان ئاچا ئۆيگە كىتەيلى دېسە، روزاخون ئاكا ھە دەپ «نەگە كېتىسەن نەگە، كەتمەيسەن، ئۆيگە باساڭ ئىككى كۈندە يەنە ۋايجان دەپ ياتىسەن»دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەن ئايخان ئاچىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويىۋاتاتتى.
ئۇلارنىڭ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قىلغان تالاش-تارتىشلىرىدىن، بىر يېزىدىكى ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ سايىسى ئاستا-ئاستا كۆز ئالدىمدا روشەنلىشىۋاتاتتى.
ئادەتتە مىجەزىم بەكلا ئوچۇق-يورۇق بولغاچقا، كېسەلخاندىكى باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ تونۇشۇپ قالغانغا ئوخشاش ئايخان ئاچا بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ بىر-بىرىمىزگە ئامراق بولۇپ قالدۇق.
ئايخان ئاچا بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىكىكى پەرزەنتى بولۇپ، بالىنىڭ چوڭىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى، قىزىنىڭ بۇلتۇر ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكىنى، ئوغلىنىڭ بولسا تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى، 12 مو يەر، ئالتە قوي ۋە ھەر يىلى موزايلاپ بىردىغان بىر كالسىنىڭ ئۇلارنىڭ بارلىق بىساتى ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە روزاخۇن ئاكىنىڭ مېنى ھەيران قالدۇرغان يەنە بىر ئىشىنى بايقاپ قالدىم...
دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا يان تېلفۇن ئومۇملاشمىغاندا ئورنىتىپ قويۇلغان، ھازىر بولسا ئاللىقاچان توختىۋېتىلگەن ئاممىۋىي تېلفۇن بولۇپ، بۇ تېلېفون بىز ياتقان كېسەلخانىنىڭ سىرتىدىكى ئۈچ-تۆت مېتىر يىراقلىققا ئورنىتىلغان، گەرچە بۇ تېلېفون ئاللىقاچان كاردىن چىققان بولسىمۇ لېكىن روزاخون ئاكىنىڭ ھەر كۈنى مۇشۇ تېلفۇن بىلەن ئىلىپ باردىغان كۈندە بىر قېتىم تەكرارلىندىغان ھەركىتى يەنە بىر قېتىم مىنىڭ دىققىتىمنى تارىتتى.
روزاخون ئاكا ھەر كۈنى كەچقۇرۇن كارىدورغا چىقىپ ئاللىقاچان كاردىن چىققان ئاشۇ تېلىفون بىلەن ئۆيگە تېلېفون قىلىدۇ.
مەن بۇ تېلفۇننىڭ ئاللىقاچان كاردىن چىققىننى بىلگەچكە روزاخون ئاكىنىڭ بۇ ھەركىتى مېنى تېخىمۇ بەك قىزىقتۇردى .
ئۆيگە تېلفۇن قىلغاندا ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى يۇقىرى ھەم توم چىقىدۇ، گەرچە ئۇ ھەر قېتىم مەقسەتلىك ھالدا كېسەلخانىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېسەلخاندىكى ئادەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى يەنىلا ئېنىق ئاڭلىيالايتتى.
ھەر كۈنى ئۇ چوڭ-كىچىك ئىشلارنى، ئوغلىدىن كالا بىلەن قوينىڭ قورسىقى تويغان-تويمىغانلىقى، ھويلىنىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سالغان-سالمىغىننى سورايدۇ، ئوغلىغا ئۆگۈنۈش قىلىپ بەك كەچ قالماسلىقىنى، ئىككىنچى كۈندىكى دەرسكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى تاپىلايدۇ.
ئۇنىڭ پارىڭى ئاخىرىدا«ئاپاڭنىڭ كېسىلىدە چوڭ چاتاق يوق، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېتىمىز» دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئايخان ئاچا دوختۇرخانىغا كىرىپ سەككىزىنجى كۈنى، دوختۇرخانا باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.
شۇ كۈنى ئەتىگەندە كېسەلخانسىدا بىر ئەر، بىر ئايال كۆپەيدى،ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئۇلارنىڭ ئايخان ئاچىنىڭ ئاكىسى نۇرمەممەت بىلەن سىڭلىسى رەيھان ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
ئوپراتسىيە ئۆيگە ئىلىپ مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئايخان ئاچا سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ،لېكىن ئېرىدىن بىر مىنوتمۇ كۆزىنى ئۈزمىدى.
ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن، ئايخان ئاچا تۇيۇقسىز ئېرىنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
ـــ دادىسى، ئەگەر مەن ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدىن ساق چۈشەلمىسەم، مېنى ئۆينىڭ كەينىدىكى ئورمانلىققا كۆمۈپ قويسىڭىزلا بولدى. ئاخىرەتلىكىمنى قىلىمەن دەپ بىھۇدە پۇل خەجلىمەڭ، بۇ قېتىم چوقۇم مېنىڭكىنى ئاڭلىشىڭىز كېرەك! دېدى.
ئايخان ئاچىنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقۋاتقان بولۇپ كەينىدىنلا كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى.
ـــ ماقۇل، سەن ئۇنىڭدىن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ دېدى روزاخون ئاكا ئۇنىڭغا قاراپ.
پارقىراپ تۇرغان سۇيۇقلۇق ئايخان ئاچىنىڭ ۋېنا قان تومۇرى ئارقىلىق ئاز-ئازدىن بەدەنگە كىرىپ كەتتى.
ئايخان ئاچىنىڭ قاپىقىنىڭ ئاستا-ئاستا ساڭگىلىشىغا ئەگىشىپ،روزاخون ئاكىنىڭ يۈزىدىكى مۇسكۇللارمۇ بارا -بارا قىتىشقا باشلىغان ئىدى.
سېستىرا ئايخان ئاچىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. روزاخون ئاكا بىلەن نۇرمەممەت ۋە رەيھانلارمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى، تۇيۇقسىز مىنىڭ روزاخون ئاكىغا ئىچىم ئاغرىدى، ئۇنى ئايخان ئاچا ئوپراتسىيە ئۆيىدىن چىققۇچە نېمە بولۇپ كېتەر دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا روزاخون ئاكا نۇرمەمەت ئاكىنىڭ مەجبۇرىي تارتىپ ئەكىرشى بىلەن كېسەلخانغا قايتىپ كىردى.
نۇرمەممەت ئاكا رەڭگىدە قان دىدارى قالمىغان روزاخون ئاكىنى كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدى، بىراق روزاخون ئاكا يەن ئورنىدىن تۇرۋالدى، يەنە ئولتۇرغۇزسا يەنە تۇرۋالدى، ئۇ توختىماي قولى بىلەن كارىۋات بېشىدىكى بۇلۇڭنى تاتىلايتى، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن ھەقىقەتەن بەك ئەنسىرەپ جىددىيلىشۋاتقىننى كۆرۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
كېسەلخاننى بىردىنلا جىمجىتلىق قاپىلىدى. بۇ جىمجىتلىقنى يەنىلا روزاخون ئاكا بۇزدى.
ـــ ئاكا، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولماس ھە! ئوپراتسىيەدىن ساق-سالامەت چىقالامۇ؟ بۇ ئۆيگە ئۇ بولمىسا بولمايدۇ.
دېدى روزاخۇن ئاكا نۇرمەمەت ئاكىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چىرايى بەئەينى قارىماققا يار-يۆلەكسىز قالغان يېتىم بالىغىلا ئوخشاپ قالغاندى.
ـــ دوختۇر ھېچ ئىش يوق دېگەندىكىن ھېچ ئىش بولمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ! دېدى نۇرمەمەت ئاكا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.
20مىنۇتلاردىن كېيىن،روزاخون ئاكا يەنە چىقىپ كەتتى، بىردەمدىن كېيىن نۇرمەمەت ئاكا ئۇنى يەنە تارتىپ ئېلىپ كىردى.
شۇ تەرىقىدە بۇ ئىش بەش-ئالتە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، ئاخىر ئايخان ئاچا كۆپچىلىكنىڭ ھىمايىسىدە كېسەلخانىغا قايتىپ كىردى.
ئايخان ئاچىنىڭ بېشىغا ئاپئاق داكا ئورالغان بولۇپ، چىرايى سەل تاتىرىپ كەتكەن، كۆزلىرى سەل يۇمۇلغان بولۇپ، ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئايخان ئاچىنى ئالدىراش ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، روزاخون ئاكا يەنە چىقىپ كەتتى، قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ قولىدا بىر خالتا نەرسە بار ئىدى.
دوختۇرخانىغا كىرگەن كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۈندە ئۈچ موما ۋە نەچچە تال سۇڭپىياز بىلەن بىر ۋاق تاماق يەيدىغانروزاخون ئاكا بۇ قېتىم بىر خالتا مانتا سېتىۋالغان ئىدى.
ئۇ توختىماي نۇرمەممەت ئاكا بىلەن قېيىنسىڭلىسى رەيھاننى كۆپرەك يېيىشكە دەۋەت قىلدى، ئۆزى پەقەت ئىككىنىلا يەپ، كەينىدىنلا نەچچە ئىستاكان قايناق سۇ ئىچتى.
كەچقۇرۇن ئۇ ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ ئۆيگە تېلېفون قىلمىدى.
بۇ كۈنى كەچ كېسەلخانىنىڭ چىرىغى ئىزچىل يىنىق تۇرىدى.
يېرىم كېچىدە سۇخانىغا چىقىش ئۈچۈن تەمشەلگەن ۋاقتىمدا بولسا، روزاخون ئاكىنىڭ ئايخان ئاچىنىڭ كارىۋىتىنىڭ بېشىدا ھەيكەلگە ئوخشاش مىدىر-سىدىر قىلماي ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرغىننى كۆرۈپ تۇيۇقسىز شۇنداق بىر ئىللىق سىزىم بەدىنمىدىن تارىدى، سۇخاندىن چىقىپ كارۋىتىمغا كىلىپ ياتقاندا بولسا،ئايخان ئاچىنىڭ كارۋىتى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئەمدىلا مەڭزىدىن سىرغىغان ياشنى ئوغۇرلىقچە سۈرتىۋاتقان روزاخون ئاكىغا قاراپ شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى.
قارىماققا ناھايىتى سۈرلۈك، قوپال كۆرنىدىغان بۇ ئەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مېھىرىبان، ئاقكۆڭۈل ئەرلىكى، ئايخان ئاچىنىڭ ناھايىتى يىقىشلىق ھەم مۇلايىم ئايال ئىكەنلىكى ئاستا-ئاستا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، كېيىنكى تۇرمۇشىمدىكى مەن ۋە كەلگۈسىدىكى ھەمرايىم خىياللىرىمدا زاھىر بولىۋاتاتتى.
قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم، ئەتىگەنلىك ياتاق تازلايدىغانلار كىرگەندە ئاندىن ئويغىنىپتىمەن، كۆزۈمنى ئىچىپ بىرىنجى بولۇپ كۆزۈم ئايخان ئاچىنىڭ كارۋىتىغا تىكىلدى، كارۋاتتا ئايخان ئاچا ھەم روزاخون ئاكا كۆرۈنمەيتى، دەقىقە ئىچىدە ئۇلار نەگە كەتكەندۇ،ئايخان ئاچىغا بىر ئىش بولۇپ قامىغاندۇ دېگەن خىياللار كاللاممدا پەيدا بولدىيۇ ئۆزۈمنىڭ شۈم .ىغىزلىقىمدىن ئاغرىنىپ ئاغزىمغا نەچچىنى ئۇرىۋەتتىم. تۇيۇقسىز دوختۇر ئىشخانسىغا چقىپ قاراپ بىقىشنى ئويلاپ ساپما كەشنى كىيىپ ئەمدىلا سىرىتقا ماڭاي دېيشىمگە سىستىرانىڭ ئەتىگەنلىك تەكشۈرتۈش قىلىڭ دىگىنى بىلەن سىرىتقا ئالغان قەدىمىم توختاپ قالدى.
چاپىنىمنى يىپىنچاقلاپلا ئەتىگەنلىك تەشۈرتۈش قىلىش ئۈچۈن ياندىكى بىناغا چىقىپ كەتتىم، ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇچە يەنىلا ئايخان ئاچا بىلەن روزاخون ئاكىنى ئويلاۋاتاتتىم. تەكشۈرتىشىمنى تېز-تېز تۈگتىىپ ئادەتتە ئاسما-ئوكۇلنىڭ پۇرقىدىن تۇرغۇم كەممەيدىغان شۇ كېسەلخانغا تېزرەك قايتىشنى ئويلايتىم. مەن قانچە تېز قايتىشنى ئويلىغانسىرى ئادەتتە بىردەمدىلا تۈگەيدىغان بۇ تەكشۈرتۈش بۈگۈن بەكلا تەستە تۈگەۋاتقاندەك تۇيلىۋاتاتتى.
ھەر كۈنى تەكشۈرتۈشنى تۈگتىىپ دوختۇرخانا ھويلىسىدا بىردەم ھاۋا يەپ ئوكۇل سالدىغانغا كېچىكپ سىېتىرانىڭ تىلىنى ئاڭلايدىغان مەن، بۈگۈن تەكشۈرتۈشنى تېزلا تۈگتىپ بالدۇرلا ياتاققا كىردىم، كىرىپلا كېسەل كارۋىتىدا بىخرامان ئۇخلاۋاتقان ئايخان ئاچىنى كۆرۈپ بىردىنلا ئۇھ دەۋەتتىم.
-ئەتىگەن ئايخان ئاچا كۆرۈنمەيتىغۇ، مەن تېخى....
گىپىمنى ئاخىرنى نېمە دەپ ئاخىرلاشتۇرۇشنىمۇ بىلمەي يىنىمدىكى كارۋاتتىكى دوختۇرخانغا مەن بىلەن بىر كۈندە كېرگەن مەندىن نەچچە ياش چوڭ بولسىمۇ خۇددى تونۇشقىنىغا نەچچە يىل بولغان دوسلاردەك چىقىشىپ كەتكەن دىلبەردىن بوش ئاۋازدا سورىدۇم.
-ئەتىگەندە چوڭ تەكشۈرتۈش قىلدۇرغىلى ئەپ چىقىپ كەتكەن ئەمەسمۇ، تېخى بايا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا روزاخون ئاكا ئەكىرىپ قويۇپ پۇل تاپشۇرغىلى چىقىپ كەتتى، دېدى دىلبەر قولىدىكى تېلفۇندىن كۆزىنى ئۈزمەي.
-قايسى كۈنىلا پۇل تاپشۇردۇق دەۋاتمامتى، ئەجەپ تېز تۈگەپتۇيا تاپشۇرغان پۇل؟
بىر خىل ئاغرىنىش ئىلكىدە شۇنداق دېگىنىم بىلەن ئايخان ئاچىنىڭ ئوپراتسىيەسىگە ھەقىقەتەن جىق پۇل كېتىدىغىننى بىلەتتىم.
-شۇ ئوپراتسىيەسىگە كۆپ پۇل كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، ھازىر ھەممىنى تۆلەپ داۋالانسا، دوختۇرخاندىن چىققاندىن كېيىن يېرىمىنى ئاتچۇت قىلىپ بىرەمدىكى، دىلبەر شۇنداق دەپ بىر خىل ئىچى ئاغرىىش نەزرىدە ئايخان ئاچىغا قاراپ قويدى.
چۈشكە يىقىن قالغاندا،ئايخان ئاچا ئويغاندى،گەرچە گەپ قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۇ روزاخۇن ئاكىغا مۇلايملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قارىدى.
روزاخۇن ئاكا خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭ پۇت- قولىنى تۇتتى، ئادەتتە بىر تال مانتا ئىىلپ يېيىشكىمۇ چىدىمايدىغان روزاخون ئاكا پەسكە چۈشۈپ نۇرغۇن كەمپۈت، مېۋە-چىۋىلەرنى سېتىۋىلىپ، دوختۇر ئىشخانىسىغا، سېسترالار سۇپىسىغا ئاپىرىپ بەردى، يەنە قوشنا ياتاقتىكى باشقا بىمارلارغىمۇ تارقاتتى، ئۇ توختىماي كىچىك باللاردەك كۈلەتتى، بۇ كۈنى روزاخون ئاكا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كېسەلخانىمۇ بىردىنلا جاللىنىپ كەتتى.
ئايخان ئاچا قارىماققا روھلۇق كۆرۈنەتتى، ئوكسىگېن ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەن تۇنجى كۈنى، ئۇ يەنە ئۆيگە قايتىشنىڭ جىدىلىنى قىلشقا باشلىدى.
روزاخۇن ئاكا ئىلاجسىز،كىچىك بالىنى بەزلىگەندەك توختىماي ئۇنىڭغا ھەرخىل يېڭى ئىشلارنى سۆزلەپ، ئۆزى ئىلىپ كەلگەن ژورنال ۋە گىزىتلەردىكى ھېكايە، خەۋەر دېگەنلەرنى ئوقۇپ بىرىپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزدى.
ھەممە نەرسە يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايىتتى.
ھەر كۈنى كەچتە، روزاخون ئاكا يەنە كارىدوردىكى ماگنىتلىق كارتوچكىلىق تېلېفوننىڭ يېنىغا كېلىپ، توختىماي ئوغلىغا بىر نېمىلەرنى تاپىلايدۇ.
يەنىلا شۇنداق چوڭ ئاۋاز، يەنە شۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار، ئوخشاش مەزمۇنلار.
بىر كۈنى روزاخون ئاكا تېلېفوننىڭ يېنىدا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا:
كالىغا بىر كۈندە ئىككى قېتىم يەم بەرسەڭ بولىدۇ،، لېكىن ئۇسسۇز قالمىسۇن، قوينىمۇ ئوبدان بېقىپ قوي سەمىرىسە، ھەر يىلى ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ.
ئاپاڭنىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، دوختۇر يەنە بىر نەچچە كۈن كۈزەتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقالايدىغانلىقىنى ئېيتتى دېدى.
ئۇ ئۆزى بىلگەنچە سۆزلەۋاتاتتى.
لېكىن شۇ دەقىقىدە ھەممىنى ھەيران قالدۇردىغىنى: تېلېفوندا ماگنىتلىق كارتا يوق بولۇپ، پەقەت بىر قۇرۇق جازا ئىدى.
تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن، روزاخون ئاكا ئىختىيارسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرغان ياندىكى سىستىرا قىزنى كۆردى، ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ تېلېفوننىڭ ماگنىتلىق كارتا قىستۇردىغان ئورۇننى قولى بىلەن توسۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.
«ئۈش» دېدى روزاخون ئاكا بىگىز بارمىقىنى ئاغزىغا تەگكۈزپ سىستىرا قىزنىڭ ئاۋاز چىقارماسلىقىمنى ئىشارەت قىلغاچ.
كېسەلخانا ئىشكىگە يۆلىنىپ تۇرغان مەن، روزاخون ئاكىنىڭ يىنىغا بىرىپ سىستىرانىڭ ئالدىدىكى ئوڭايسىزلىقنى يوقىتىشنى ئويلاپ دەرھال يىنىغا باردىم.
-روزاخون ئاكا، بۇ قېتىم ئۆيدىكى قوي-كالىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدىڭىزمۇ؟
دېدىم پەس ئاۋازدا.
ـــ ھەي ئۇكام، نەدىكى كالا-قويكەن ئۇ، كالا بىلەن قوينى سېتىپ ئايخان ئاچىڭىزنىڭ ئوپېراتسىيە ھەققىنى جەملىدىم ، دېھقان خەق دېگەننىڭ يانچۇقىدا ئۇنچە كۆپ مال دۇنياسى بولمايدىكەن، يەر-زىمىن، قوي-كالا دېگەنلەر مۇشۇنداق باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىكەن، ئاچىڭىزنىڭ كېسلى ساقىيدىغانلار ئىش بولسا ئۆي-بىساتنىمۇ سېتىۋىتىشنى ئاللىقاچان كۆڭلۈمگە پۈككەندىم، لېكىن تۇققانلارنىڭ ياردىمى ۋە مال چارۋىلارنىڭ پۇلى بىلەن ھېلىمۇ ياخشى ئوپراتسىيە ھەققىنى جەملەپ ئۆينى ساتمىدۇق، ياخشى بىقىپ قويۇپتىكەنمىز شۇ مال-چارۋىنى، بولمىسا ئۆينىمۇ سېتىۋەتسەك بۇ ياشقا كەلگەندە ئايخان ئاچىڭىزنى نەلەردە سۆرەپ يۈرە بولغىيتىم دەيمەن.
بايىتىن بىرى ھەيرانلىقىنى يوشۇرالمىغان ياندا بىزگە قاراپ تۇرغان سېستىرا قىز ئەسلىدە روزاخو ئاكىنىڭ تېلېفوننى ئوغلىغا ئەمەس، بەلكى كېسەل كارىۋىتىدىكى ئايالىغا« ئۇرغان» لىقىنى بىلدى، سىسىتىرا مەن ۋە روزاخون ئاكىغا كۈلۈمسىرەپ باش لېڭشىتىپ قويۇپ كېسەلخانىغا كېرىپ كەتتى.
كۆڭلۈمدە ئويلۇدۇم، ئەسلىدە بۇ دۇنيادا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەقىقىي مۇھەببەت يەنىلا مەۋجۇد ئىكەن ئەمەسمۇ.
ئەتىرگۈلنىڭ رومانتىكلىقى ۋە ۋەدىسىدە تۇرىدىغان نازۇكلۇقى بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن پايخان بولۇپ كەتكەن بولاتتى.
ئاشۇ ئىنچىكە ھەم چوڭقۇر ھېسسىيات كېچە-كۈندۈز بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇش جەريانىدا، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مۇھەببەت مېلودىيەسىنى ياڭراتقان.
ئەنە دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كېتىۋاتقان ئەر-ئايال دەل ئايخان ئاچا بىلەن روزاخون ئاكا ئىدى، ئايخان ئاچا روزاخون ئاكا ئۇنمىغىنغا-ئۇنماي بايىلا بازاردىن ئەكىرگەن كۆينەكنى كېيۋالغان بولۇپ چىھرىدىن بەخت جىلۋىلنىپ تۇراتتى
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


