ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۇ 12 ياشلاردىكى ئورۇق بالا بولۇپ، ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ دادىسى بىلەن ئىككىسى يالغۇز ياشاپ كېلۋاتاتتى. دادىسى ئەما ئىدى، ئەمما سىنچىلاپ قارىمىسا ئەما ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى، دادىسىنىڭ كۆزىنىڭ نېمىشقا كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى. كىچىك چېغىدا بۇ ئىشلار توغرىسىدا دادىسىدىن سورىغىنى ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە. دادىسى سەبىي بالىسىغا ئاشۇ قەھەتچىلىك يىللاردا يۈز بەرگەن پاجىئەنى قانداقمۇ سۆزلەپ بېرەلىسۇن؟ شۇ چاغدا دادىسى ئېغىر تىنىپ قويغان، دادىسىنىڭ نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلارنى كۆرگەن بالا بۇ ئىشلارنى قايتا سوراشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى.
بىراق، تۈنۈگۈن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا جاراھەتلىك سەبىي قەلبى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئازابلاندى. ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىدىن «كۆزى ئوچۇق قارىغۇ دېگەن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچى بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «كۆزى ئوچۇق قارىغۇ دېگەن دەل ئۇنىڭ دادىسىدەك كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق ھەم يوغان بولغىنى بىلەن ھېچنىمنى كۆرەلمەيدۇ» دېدى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ قاتتىق ئازابلاندى ۋە سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتكۈسى كەلدى. گەرچە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئۇ كۈن بويى مەيۈس يۈردى…
بۈگۈن ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنى «مېنىڭ ئائىلەم» دېگەن ماۋزۇدا ماقالە يېزىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ماۋزۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىۋەتتى. «مېنىڭ دادام بىلەن ئانام ئەسلى بىر زاۋۇتتا ئىشلەيتتى، كىچىك چېغىمدا ئانام-دادام مېنى دائىم سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئوينىتاتتى، قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. كېيىن، بىر قېتىم زاۋۇتقا ئوت كەتكەندە ئانام بىلەن دادام ھېچنىمگە پەرۋا قىلماي ئوت ئۆچۈرۈشكە كىرىشكەن، ئانام شۇ قېتىملىق ئۆت ئۆچۈرۈش جەريانىدا قازا قىلغان، دادام ئىككى كۆزىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بالىلىق چاغلىرىمدىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئاڭلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم…».
ئەتىسى مۇئەللىم ماقالە دەپتىرىنى تارقىتىپ بەرگەندە، ئۇ بېشىنى سېلىپ ئولتۇردى، تۇيۇقسىز مۇئەللىم تولىمۇ ھېسسىياتلىق ئاھاڭدا ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قارىدى.
دەرستىن چۈشكەندە ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئورىۋېلىپ: «ئاتا-ئاناڭ ھەقىقىي قەھرىمانلار ئىكەن» دەپ ماختىشىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ساۋاقداشلىرى ئۇنى بۇرۇنقىدەك مەسخىرە قىلماي، دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭ چىرايىدىمۇ كۈلكە پەيدا بولدى.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، قوڭغۇراق چېلىنىشى بىلەن مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا ئۇنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىننى كۆردى. ئەسلىدە، بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭ باشقىلارنى ئالدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەزەلدىن ئوت ئۆچۈرۇشكە قاتناشمىغانلىقىنى كىملەردىندۇر ئاڭلاپ قالغان ۋە ساۋاقداشلىرىغا دەۋەتكەنىدى.
مۇئەللىم دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى، دەرستىن چۈشۈشكە بىر مىنۇت قالغاندا، مۇئەللىم ھەممە ئوقۇغۇچىغا تەكشى قاراپ چىققاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن:
-ساۋاقداشلار، ئۇنى بىكار ئەيىبلىمەڭلار، ئۇ ياخشى ئوقۇغۇچى، ئەزەلدىن يالغان سۆزلىمەيدۇ،-دېدى.
كەچتە مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا، ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى ۋە: مۇئەللىم، مەن ماقالىدە پۈتۈنلەي يالغاننى يازدىم،-دېدى. مۇئەللىم جىمىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى.
-سەن خاتا قىلمىدىڭ، يالغان گەپ قىلمىدىڭ.
مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىمۇ غەمكىن، بوش چىقتى، ئىسسىق كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلدى.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


