大数跨境

ئوۋچىنىڭ پۇشايمىنى[ھىكايە]

ئوۋچىنىڭ پۇشايمىنى[ھىكايە] aybarawazi
2025-04-11
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ئوۋچىنىڭ پۇشايمىنى 

بىركۈنى  ئورمانلىقتا بىر پېشقەدەم ئوۋچى ئۆزىنىڭ كونا ئوۋ مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ، ئوۋ ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىقتا ئۇياق بۇياققا قاراپ يۈرۈپتۇ، ئۇ دەرەختە تاقلاپ يۈرگەن تىيىنلارغا قاراپ: 

-«بۈگۈن چوقۇم زور ھوسۇلغا ئالغۇدەكمەن» دەپ ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەيپىياتىمۇ كۆتۈرلۈپ قاپتۇ.

بۇچاغدا بىر توشقان ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقىپتۇ، ئۇ دەرھال ئوۋ مىلتىقىنى كۆتۈرۈپ توشقاننى قارىغا ئاپتۇ،

 ئەمدى ئوق  چىقارماقچى بولغاندا، چوڭ بىر چىپار بۇغا ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ ، ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ، مىلتىقىنى يەنە چىپار بۇغىغا توغۇرلاپتۇ، بۇ چاغدا چىپار بۇغىمۇ ئوۋچىنى كۆرۈپتۇيۇ؟ لېكىن ئۇ قېچىپ كەتمەي، بەلكى ئۇ يەردە تۇرۇپ، 

ئۆتۈنۈش نەزىرى بىلەن ئوۋچىغا قاراپتۇ، بىراق ئوۋچى كۆرمەسكە سېلىپ يەنىلا ئۇنىڭغا قارتىپ ئوق ئۈزۈپتۇ، شۇنداق قىلىپ چىپار بۇغا يەرگە يىقىلىپتۇ، ئوۋچى ئالدىراپ يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ، 

بىرىپتۇيۇ ھەيران قاپتۇ چۈنكى، ئۇ چىپار بۇغىنىڭ كۆزىگە ياش ئالغانلىقىنى كۆرگەن  ئىكەن،

 ئوۋچى پىچاق بىلەن چىپار بۇغىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ئاچقاندا، ھاڭ ـ تاڭ قاپتۇ، ئۇ چىپار بۇغىنىڭ قورسىقىدا ئىنتايىن ئوماق بىر چىپار بۇغىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن ئىكەن،

ئوۋچى بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ، ۋە بۇ چىپار بۇغىنى  ئاتقىنىغا  قاتتىق  پۇشايمان قىپتۇ،

شۇنىڭدىن كېيىن ئوۋچى قەتئىي  ئوۋ ئوۋلىمايدىغان بوپتۇ ، ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچچىق بىر ھەسرەت داۋاملىق غاجايدىكەن،ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن  نۇرغۇن چىپار بۇغا بېقىپتۇ.

ئوماقلىرىم،  ھەرقانداق  ئىشتا ئۆز نەپسىمىزنى دەپ  مەيلى ئادەم بولسۇن،  مەيلى جان-جانىۋار،  ھايۋانلار بولسۇن  زىيان يەتكۈزمەيلى،  ئەھۋالغا قاراپ  ئىش قىلىشنى ئۆگىنەيلى،  

مانا مۇشۇنداق   كىيىنكى  پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن بولۇپ قالمىسۇن،  چۈنكى پۇشايماننى ئالغىلى پۈتۈن جاھاننى كەزسەكمۇ قاچا تېپىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟…


………………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k