ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە
سالام سالۇندىكى بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت
ساۋاقداش
(ھېكايە)
ئاپتورى: ئا.ئا ئۈمۈتلەن
ساۋاقداشلىرىم تىلغا ئېلىنسا، مەن دائىم ئاھئۇرىمەن. ئاجايىپ كۈچلۈك ئۆزۈمنى كەمسىتىش تۇيغۇسى مېنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مېيىپ قىلىپ قوياتتى. ھەتتا بەزىلەرمەلۇم ساۋاقدىشىمنى تىلغا ئالغاندا، مېنىڭ يۈزۈم قىزىرىپ كېتەتتى. ئۇ مېنىڭ ساۋاقدىشىم ئەمەس، بۇ مېنىڭ نەچچە ئون يىل ئىچىدىكى كۆڭۈل ئاغرىقىم. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۆزىنى بىلىشتە. چۈنكى ساۋاقداشلار ئىچىدە ئەمەلدارلارمۇ، چوڭ خوجايىنلارمۇ بار. ھەممىسى ئىستىقبالى پارلاق. قېرىشقاندەك مەن بىر دېھقان قارا قورساق. شۇڭا ساۋاقداشلار بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقەمنى ئۈزگەنىدىم.
مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندا مۇئەللىمنىڭ «يېزىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىندا نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇنداقلا خۇشال-خۇرام ھالدا يېزىغا قايتىپ كەلگەنىدىم. نەچچە ئون يىللىق دەلىللەشتىن كېيىن، مۇئەللىمنىڭ سۆزىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. چۈنكى پۇل دېسە پۇل يوق، ئورۇن دېسە ئورۇن يوق ئىدى، دائىم چۈشۈمدە ساۋاقداشلار بىلەن، دوستلار بىلەن ۋاسكېتبول مەيدانىدا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن، دەرسخانىدا تالىشىپ قول كۆتۈرۈپ توختىماي سۆز قىلغان، ئاشخانىدا بىللە تاماق يەپ، بىللە ئىچكەن، ياتاقتا قالايمىقان سۆزلەپ پو ئاتقان يەرلەرنى كۆرەتتىم. ئويغانغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ چۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا باي-نامراتلىق پەرقى يوق ئىدى. كۈلۈشنى ياخشى كۆرسەك كۈلۈپ، يىغلاشنى ياخشى كۆرسەك يىغلاپ، بېرىش-كېلىشتە ئەركىن ئىدۇق. كۆڭۈلگە ئالغۇدەك ئىش يوق ئىدى. گەرچە ئۇ چاغلاردا ساۋاقداش بولساقمۇ، ھازىر مۇھىت ئۆزگەردى. «ساۋاقداش» دېگەن سۆزنىڭ مەردانە ئوقۇلۇشى كاللامدا ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ كەتتى...
مەيىن شامال چىقىۋاتقان بىر كۈنلەردە قىسقۇچپاقا كۆلچىكىمنىڭ يول بويىدا تۇيۇقسىز بىر ھەشەمەتلىك پىكاپ توختاپ، پىكاپتىن مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى ئىككى ئەر چۈشتى. مەن «پۇلدار كىشىلەر شەھەردىن بېلىق تۇتقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، پەرۋا قىلمىدىم.
-ھە، كونا ساۋاقدىشىم، نېمىگە ئالدىراش؟
قىزغىنلىق بىلەن كۈلگەن بۇ ئاۋاز بەكلا تونۇش ئاۋاز ئىدى، قۇلىقىمغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. ئۇ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بېشىمنى كۆتۈرمىدىم.
-قۇلىقىڭ گاس بولۇپ قالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالمىغاندۇ؟
يەنە بىرى سۆز قىستۇردى. مەن ئىشەنمەي تۇرالمىدىم. چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ ئاۋازى مەن نەچچە ئون يىل بۇرۇن ئاڭلىغان ئاۋازلار ئىدى. ئىككى كونا ساۋاقدىشىمنىڭ تۇيۇقسىز قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن ھودۇقۇپ كېتىپ، ئاغزىمدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقمىدى. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنداقلا قولى بىلەن مېنى ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
-يەنىلا شۇ چىراي، ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككەيلەن تەرىپىدىن سۆرەشتۈرۈلۈپ يۈرۈپ ماشىنىغا چىقىرىلدىم. بىزشەھەردىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشتۇق. مېھمانخانىدا بىر نەچچە كونا ساۋاقدىشىم مېنىڭ كېلىشىمنى ساقلاۋاتقانىكەن. مەن ئەزىز مېھمان قاتارىدا ئولتۇردۇم. زىياپەتتە ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈلمىگەن كەيپىيات تەبىئىي پەيدا بولدى. ھاراق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، خۇددى مەن يەنە شۇ يىللارغا قايتىپ قالغاندەك، ئاغزىم بېسىلماي سۆزلەپ كەتتىم. ساۋاقداشلىرىم مېنى ماختاپ:
-يەنىلا شۇ پېتى، مىجەزى ئازراقمۇ ئۆزگەرمەپتۇ. پەقەت چاچلىرى قاپقارا پارقىراپ تۇرىدىغان كېلىشكەن يىگىت ئەمەس بولۇپ قاپتۇ،- دېيىشتى.
يەنە ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ بەدىنىمنىڭ قاۋۇل، ئىشتىھايىمنىڭ ياخشى، كۈچ قۇۋۋىتىمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىغا ھەۋەس قىلىشىپتۇ. ئۇ كۈنى بىز نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدە پاراڭلاشتۇق، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى، نەچچە ئون يىللىق كۆڭۈل ئاغرىقىم ھاراق بىلەن تەڭ يوقاپ كەتكەن ئىدى.
…………
ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ


