大数跨境

ئىسىل ئەخلاق[ھىكايە]

ئىسىل ئەخلاق[ھىكايە] aybarawazi
2025-04-20
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

ئىسىل ئەخلاق


بۇرۇنقى زاماندا مەشھۇر بىر دانىشمەن شاگىرتلىرىغا ئەخلاق ئۈستىدە دەرس سۆزلەۋىتىپ، كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ياش يىگىتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ئاشۇ يىگىت بۇ يۇرتنىڭ ئەڭ ئەخلاقلىق كىشىلىرىدىن بىرىدۇر دىگەن. شاگىرتلاردىن بېرى ئۇ كىشىنىڭ زادى قانداق پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىش نىيىتىدە، ياش يىگىتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئۆيىگىچە بېرىپتۇ. شاگىرت ياش يىگىتنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۆزىتىپ بېقىش ئۈچۈن، ياش يىگىتكە ئۆزىنىڭ بىر مۇساپىر ئىكەنلىكىنى، تۇرار جايىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ياش يىگىتنىڭ ئۆيىدە ئۈچ كۈن قونۇشقا رۇخسەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈپتۇ، ياش يىگىت ماقۇل كۆرۈپتۇ. شاگىرت ئۈچ كۈن جەريانىدا، بۇ ياشنىڭ بىرەربىر ئالاھىدە پەزىلىتى بارلىقىنى بايقىماپتۇ.

ئاخىرىدا شاگىرت نەتىجىسىز قايتىشقا كۆڭلى ئۇنىماي، ياش يىگىتكە ئەسلى مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. ياش يىگىت ئۆزىدە ئالاھىدە بىر يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. شاگىرت جاۋاب ئالالماستىن، رەنجىگەن ھالدا ئۆيدىن قايتىپ چېقىپتۇ، ئارقىسىدىن ياش يىگىت يۈگرەپ چېقىپ بايان قىپتۇ : - مەندە راستىنلا ئالاھىدە پەزىلەت يوق، ئەمما مەن ھەركۈنى كەچقۇرۇن ئۇخلاشتىن بۇرۇن، دىلىمنى رەنجىتكەن، ھەققىمنى يىگەن، ئۈستۈمدە غەيۋەت ۋە تۆھمەت قىلغان بارچە كىشىلەرنى چىن يۈرىكىمدىن ئەپۇ قىلىۋىتىپ، ئاندىن ئۇخلايدىغان بىر ئادىتىم بار ئىدى، بەلكىم دانىشمەننىڭ كۆزدە تۇتقىنى شۇ بىر ئاددىي ئادىتىم بولسا كېرەك ، دەپتۇ 

……..…………… 


مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0