大数跨境

موماينىڭ سودىسى (ھېكايە)

موماينىڭ سودىسى (ھېكايە) aybarawazi
2025-04-21
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

نۇر تورى ئەسىرى:

موماينىڭ سودىسى (ھېكايە)

ئادىلجان ھەسەن

بىنا ئ‍ۆيۈمنىڭ يېنىغا ئ‍ەپچىلگىنە بىر تاللا بازىرى ئ‍ېچىلدى، دۇكان كىچىك بولسىمۇ ماللارنىڭ تۈرى كۆپ ئ‍ىدى، بولۇپمۇ تاللا بازىرىنى ئ‍اچىدىغان بالىنىڭ خېرىدارغا تۇتقان مۇئ‍امىلىسى قىزغىن ۋە ئ‍ەتراپلىق بولغىنى ئ‍ۈچۈن بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇم كەلسە، ئ‍ەتراپىمدا شۇنچە كۆپ ھەم چوڭ تاللا بازارلىرى بولسىمۇ يەنىلا مۇشۇ تاللا بازىرىغا كىرىپ نەرسە سېتىۋېلىشنى خالايتتىم. ھەر قېتىم دۇكانغا كىرگىنىمدە بۇلۇڭ تەرەپتىكى ئ‍ورۇندۇقتا بىر موماي ئ‍ولتۇراتتى، مەن بۇ موماينىڭ دۇكان ئ‍ېچىۋاتقان بالىنىڭ ئ‍اپىسى ئ‍ىكەنلىكىنى كېيىنچە ئ‍ۇقتۇم، موماي مېنىڭ نەزەرىمدە كۆزۈمگە تولىمۇ يۇۋاش ھەم مۇلايىم كۆرىنەتتى، يەنە كېلىپ ئ‍وغلىنىڭ نەرسە سېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ زوقلىنىپ قاراپ كېتەتتى، موماينىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن ساددىلىقىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى، بىر كۈنى تېلېفونۇمدىكى قىزىل بولاقنى نەق پۇلغا ئ‍الماشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن يەنە شۇ دۇكانغا كىردىم، بىراق دۇكاندا ھېلىقى مېھرى ئ‍ىسسىق دۇكانچى بالا يوق تۇراتتى، موماي بولسا خېرىدار كۈتۈپ ئ‍ۆرە تۇراتتى:

-ئ‍وغلىڭىز سىرتقا چىقىپ كەتتىمۇ؟

-بالنىسقا كىرىپ قالدى،-موماينىڭ چىرايى تولىمۇ سۇلغۇن ئ‍ىدى.

-نېمە بولۇپ؟ تېخى تۈنۈگۈنلا ساق ئ‍ىدىغۇ.-دېدىم مەن ھەيران بولۇپ.

-شۇ تۈنۈگۈن ساق ئ‍ىدى، ئ‍اخشام تۇيۇقسىز ئ‍ۆزگۈرۈپ، دوختۇرغا ئ‍اپارساق يۈرىكى بىلەن ئ‍ۆپكىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ دەپ بالنىسقا ئ‍الدى.-دېدى موماي كۆز جىيىكىگە كېلىپ قالغان ياشنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتىۋېتىپ.

-ئ‍ەنسىرەپ كەتمەڭ ھازىر دوختۇرلارنىڭ تېخنىكىسى يۇقىرى پات ئ‍ارىدا ساقىيىپ چىقىدۇ.-دېدىم مەن مومايغا تەسەللىي بېرىپ.

-ئ‍ېيتقىنىڭىزدەك بولار جېنىم بالام، شۇغىنىسى ھازىر بالنىسخانىغا كىرگىلى بولمايدىكەن، بالامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئ‍الالماي بەك ئ‍ىچىم سىقىلىپ كېتىپ بارىدۇ، شۇڭا دۇكاننى بولسىمۇ ئ‍ېچىپ تۇراي، سودىلىقتىن چۈشكەن پۇل بالامنىڭ تېلېفونىغا ئ‍ۇچۇر بولۇپ بارىدۇ، سودا بولىۋاتقىنىنى بىلسە ئ‍وغلۇم خۇش بولۇپ قالىدۇ ئ‍ەمەسمۇ، دادىسى كىچىكلا تۈگەپ كەتكەن...-موماي سۆزلەپلا كەتتى.

-يۇقۇم تۈپەيلىدىن بەزى قولايسىزلىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ توغرا چۈشىنىڭ دوختۇر-سېستىرالار بالىڭىزغا ياخشى قارايدۇ.-دېدىم موماينىڭ كۆڭلىنى ئ‍ەمىن تاپقۇزۇش ئ‍ۈچۈن دوختۇرخانىلارنىڭ تۈزىمى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، مەن بايىقى مەقسىتىمنى دەپ مومايدا نەق پۇل بولسا ئ‍الاي دەپ تۇرۇشۇمغا موماي ئ‍ۆزى ئ‍ېغىز ئ‍ېچىپ قالدى:

-بالام، ھازىر سودىنىڭ تازا مەسلەھەتى يوق، بالام بىر قىسما بولۇپ قالمىسۇن مەن تۈنۈگۈن بىلەيزۈكۈمنى ساتقان ئ‍ىدىم، مەن سىزگە نەق پۇل بەرسەم، سىز بىر كۈندە دۇكىنىمغا ئ‍ىككى ئ‍ۈچ قېتىم كىرىپ ئ‍اۋۇ نەرسىگە پۇل ئ‍ۇرۇپ بېرەرسىزمۇ؟-دېدى ئ‍ۆتۈنگەن تەلەپپۇزدا،-ھەيران قالماڭ بالام، بۇ ئ‍ىشتا يالغانچىلىق قىلساممۇ، شۇنداق قىلسام ئ‍وغلۇم سودىمىز ياخشى بولىۋېتىپتۇ دەپ كۆڭلى خۇش بولۇپ تېزراق ساقىيىپ قالارمىكىن دەپ ئ‍ويلىغانتىم،-موماينىڭ بۇ سۆزىدىن يۈرۈكۈم لەرزىگە كەلگەندەك بولدى، «ئ‍انا بالا ئ‍ۈچۈن ھەممىنى قىلىشتىن يانمايدۇ» ماڭا ساددا كۆرىنىدىغان بۇ ئ‍انىنىڭ بالىغا بولغان مېھرى تۈپەيلىدىن بۇ ئ‍ەقىلنى تاپقىنىدىن ھەيرانلا قالغان ئ‍ىدىم. مەن موماينىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم، شۇ كۈندىن باشلاپ يېقىنلىرىم بىلەن بۇ تاللا بازىرىغا كۈندە ۋاقتىم بولسىلا كىرىپ تۇردۇم، بەزىدە نەرسە ئ‍السام، بەزىدە موماينىڭ نەق پۇلىنى ئ‍ېلىپ، ئ‍ىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ پۇل ئ‍ېتىپ قويدۇم.

بىر نەچچە كۈن ئ‍ۆتۈپ بالا ساقايدى، موماي ئ‍ىلگىرىكىدەك بۇلۇڭدىكى ئ‍ورۇندۇقتا ئ‍ولتۇرۇپ ئ‍وغلىنىڭ سودىسىغا ھەۋەس بىلەن قارايدىغان بولدى، بەلكىم ئ‍وغۇل ئ‍انىسىنىڭ ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ئ‍ۈچۈن تەۋەرۈك بىلەيزۈكىنى سېتىپ سودىنىڭ جانلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئ‍ۈچۈن تىرىشقانلىقىنى بىلەر ياكى بىلمەس، ئ‍ەمما بىر پەرزەنتنىڭ ئ‍انىلارنىڭ ئ‍ۆزىگە بولغان مېھرىنى چۈشىنەلىسە بۇ ھايات تېخىمۇ نۇرلىنىدىغانلىقى ئ‍ېنىقتۇر.

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k