大数跨境

مۇكاپات (ھېكايە)

مۇكاپات (ھېكايە) aybarawazi
2025-04-23
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

مۇكاپات (ھېكايە)

نۇر تورى تەرجىمىسى

لاۋ جياڭ بىر ئۆمۈر يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، مۇكاپات تۈگۈل ھەتتا قەلەم ھەققىگىمۇ ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ «بۇ دېگەن قىزىقىش، باشقا مەقسەت يوق» دەپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى لاۋ جياڭ بىر ئېلخەت تاپشۇرىۋالدى، ئېلخەتنى ئېچىپ ھەيرانلىقتىن ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئۇنىڭغا 5 مىليون مۇكاپات چىققانئىدى. لاۋ جياڭ: بىر ئۆمۈر تىرىشىپمۇ ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن ئىدىم، مانا ئاخىرى تەلىيىم كەپتۇ،-دەپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى.

ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، لاۋ جياڭ بىكارچىلىقتا مۇنداقلا يېزىپ ئەۋەتىپ قويغان ماقالىسى ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ماقالە مەيلى سۈپەت جەھەتتىن ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن قانداقلىقى لاۋ جياڭنىڭ كۆڭلىگەئايان ئىدى.

- مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىشقىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز تاللىشى بولغاندەك ماقالەم باھالىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ئوخشايدۇ،-دېگەنلەرنى ئويلاپ لاۋ جياڭنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئۇ ئېلخەتتە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىلا ئەمەس، يەنە ئۈندىدار نومۇرىنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپ سىناپ باقماقچى بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىنى قوشتى، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپمۇ ئۇنى قوشتى. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسىمى جاڭ لاڭلاڭ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ۋاڭ مەنمەن بولۇپ ئىككىسىلا ئايال كىشى ئىدى. لاۋ جياڭ قارشى تەرەپكە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئىپادىنى يوللىدى، جاڭ لاڭلاڭ دەرھال ئۇچۇر قايتۇردى ھەمدە توختىماي ئۇنى تەبرىكلىدى، يەنە تېخى قىزىل بولاقمۇ ئەۋەتتى، لاۋ جياڭ قىزىل بولاقنى ئاچتى ئىچىدە 100 يۈەن بار ئىدى، ئۇ پۇلنى كۆپ كۆرۈپ قايتۇرۋېتەي دېگەندە، جاڭ لاڭلاڭ:

-تاغا، بۇ مېنىڭ ئازراق كۆڭلۈم، سىزنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، تۈزۈت قىلماڭ، سىز بەش مىليۇن مۇكاپاتنى ئالغىلى كەلگەندە مېنى مېھمان قىلسىڭىز بۇنىڭدىنمۇ كۆپ چىقىمدار بولىسىز،-دېدى.

-بولىدۇ، بولىدۇ،-دېدى لاۋ جياڭ دەرھاللا. ئۇ يەنە ئۇلاپلا ۋاڭ مەنمەن بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغىمۇ بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى ئېيتتى. ۋاڭ مەنمەنمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇمۇ لاۋ جياڭغا قىزىل بولاق ئەۋەتتى، بۇ قېتىم قىزىل بولاقتا 200 يۈەن بار ئىدى، لاۋ جياڭ ھەيران بولغىنىدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى.

-بۇنداق قىلماڭ، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالسام قانداق بولىدۇ؟-دېدى لاۋ جياڭ. ۋاڭ مەنمەن:

-تاغا، تۈزۈت قىلماڭ، مەن ئاز پۇل بىلەن كۆپ پۇلغا ئېرىشمەن، سىز 5 مىليون مۇكاپاتنى ئالغىلى كەلگەندە ماڭا مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بېرىسىز، مۇكاپات ئېلىش ئىشلىرىنى مەن سىزگە ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېرىمەن ئەمەسمۇ،-دېدى.

-بولىدۇ، بولىدۇ،-لاۋ جياڭ ئورنىدىن سەكرىۋەتكىلى ئاز قالدى، ئىچىدە «بۇ ئىشقا مەسئۇل تەرەپنىڭ مۇئامىلىسى نېمىدىگەن ياخشى» دەپ ئويلىدى. ۋاڭ مەنمەن ئۇلاپلا لاۋ جياڭغا:

- مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ، تەخمىنەن نەچچە يۈز ئادەم قاتنىشىشى مۇمكىن، مۇراسىمغا شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، سىز مۇكاپات ئېلىش نۇتۇقى تەييارلاپ قويۇڭ،-دېدى.

-بولىدۇ، بولىدۇ،-لاۋ جياڭ خوشاللىقىدا نېمە دېيىشىنى بىلمەيلا قالدى. كېيىنكى نەچچە كۈندە لاۋ جياڭ ئەستايىدىللىق بىلەن نۇتۇق سۆزى تەييارلىدى، ھەمدە قايتا - قايتا ئۆزگەرتىپ، ئاران تەسلىكتە پۈتكۈزدى. پۈتۈشۈپ قويغان كۈنگە بىر ھەپتە قالغاندا ۋاڭ مەنمەندىن تېلېفون كەلدى.

-تاغا، ياخشىراق بىر قۇر كىيىم تەييارلاپ قويۇڭ، مۇكاپات تارقىتىدىغان كۈنى ئۆلكىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى ھەمدە بىر نەچچە گېزىتخانىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كېلىدۇ، سالاپەتلىك كۆرۈنمىسىڭىز بولمايدۇ.

لاۋ جياڭ ئايالى بىلەن بازارغا چىقىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋالدى. لاۋ جياڭ بۇ ئۆمرىدە بۇنداق قىممەت كىيىم كېيىپ باقمىغان ئىدى، ئۇ 5 مىليون مۇكاپاتنى دەپلا بۇ كېيىمنى سېتىۋالدى، بولمىسا ھەرگىز سېتىۋالمايتتى.

مۇكاپات ئېلىشقا ئۈچ كۈن قالغاندا ۋاڭ مەنمەن ئۇنىڭغا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنى ئەسكەرتتى، لاۋ جياڭ پويىز بېلىتىنىمۇ سېتىۋالدى. لېكىن بۇ ئارىلىقتا كىچىك بىر ئىش يۈز بەردى، ئۇلار 5 مىليون مۇكاپات پۇلىنى ئالدىنئالا بانكىدىن ئېلىپ مۇكاپات تارقاتقان كۈنى لاۋ جياڭنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بېرىدىغان بولغاچقا، كېيىنكى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بانكىغا 10 مىڭ يۈەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرمىسا بولمايتتى. لاۋ جياڭ ئازراق ئىككىلىنىپ قالدى، ۋاڭ مەنمەن ئۇنىڭ خاتىرجەم بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۈندىداردا سىنلىق كۆرۈشتى. لاۋ جياڭ 20 نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى ئۆزى چىرايلىق، كۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ قىزنىڭ توختىماي تاغا دەپ تاتلىق چاقىرىشلىرىدىن ئۇنى ياخشى ئادەمكەن دەپ ئويلىدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىدىكى ئەندىشىسىمۇ يوقىدى، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈندىداردا 10 مىڭ يۈەن ئەۋەتىپ بەردى. لاۋ جياڭ ۋاقىتنىڭ تېزراق ئۆتۈشىنى، 5 مىليونغا تېزرەك ئېرىشىشنى ئويلايتتى.

پويىز ئىستانىسىسىغا بارىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى، لاۋ جياڭ ئۈندىدارىنى ئېچىپ ۋاڭ مەنمەن بىلەن پاراڭلاشماقچى بولدى. لېكىن ۋاڭ مەنمەن بىلەن ھېلىقى جاڭ لاڭلاڭ ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئۈندىداردىن ئۆچۈرۈۋەتكەن ئىدى.

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k