大数跨境

پۇل تېپىۋېلىش (ھېكايە)

پۇل تېپىۋېلىش (ھېكايە) aybarawazi
2025-04-23
2
导读:ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەرد


ئايبەر ئاۋازى سالۇندىكى بارلىق ئەسەرلەر توپلىمى بۇ يەردە

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى قىسقا يازما ھېكايىلەر ، ئوقۇشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 

نۇر تورى تەرجىمىسى:

پۇل تېپىۋېلىش (ھېكايە)

بىر كۈنى ئەتىگەندە شياۋ لى توكسىكىلىتىنى مىنىپ ئىشقا ماڭغان ئىدى، ئۇ ئەمدى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا چىقىپ چوڭ بىر كونۋېرىتنى كۆرۈپ قالدى. شياۋ لى توكسىكىلتتىن چۈشۈپ كونۋېرتنى قولىغا ئېلىپ ئاچتى، دەرۋەقە كونۋېرتنىڭ ئىچىدە بىر تۇتام پۇل تۇراتتى. كونۋېرتنىڭ ئىچىدە نەچچە پارچە بەش يۈەنلىك پۇلدىن باشقىسى ھەممىسى بىر يۈەنلىك پۇل بولۇپ، سوممىسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي پۇللار ئىدى. شياۋ لى ئادەم يوق يەرگە بېرىپ پۇلنى سانىدى، پۇل توپتوغرا 700 يۈەن چىقتى. شىياۋ لى ئىچىدە: «مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە نۇرغۇن قېتىم پۇل تېپىۋېلىپ چۈش كۆرگەن ئىدىم، ئەپسۇس بىرەر قېتىممۇ پۇل ئۇچراپ باقمىغان بۈگۈن ياخشى باشلىنىش بولدى، نەچچە كۈندىن بېرى سول قاپىقىم توختىماي تارتقان، ھەممە ئادەم سول قاپاق تارتسا تەلەي كېلىدۇ دەيدىكەن، قارىغاندا راست ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى.

شياۋ لى نەچچە كۈن بۇرۇن دۇكاندىكى بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغقا كۆزى چۈشكەن ئىدى، ئاياغنىڭ پاسونى يېڭى، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى باھاسى 400 يۈەن بولۇپ، شياۋ لى ئاياغنىڭ باھاسىنى قىممەت كۆرۈپ سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمىغان ئىدى. بۇ پۇلنى تېپىۋالغاندىن كېيىن شياۋ لى ئىككىلەنمەستىنلا دۇكانغا قاراپ ماڭدى. ئەپسۇس، نەچچە كۈن بولمايلا خۇرۇم ئاياغنىڭ باھاسى 100 يۈەن ئۆسكەن ئىدى. شياۋ لى شۇنچە باھا تالىشىپ ئاياغنى ئەسلىدىكى 400 يۈەنگە سېتىۋالاي دېگەن بولسىمۇ دۇكان غوجايىنىنىڭ ئايالى بۇنىڭغا ئۇنىماي:

-ئۇ نەچچە كۈندە پائالىيەت قىلىپ ماللارنى زىيىنىغا سېتىپ قىلچە پايدا ئالالمىدۇق. ماللارنى دائىم ئۇنداق ساتقىلى تۇرساق بىز بىر ئائىلىلىك قانداق جان باقىمىز.-دېدى. شياۋ لى «500 يۈەن بولسا 500 يۈەن بولمامدۇ، بەرىبىر بۇ پۇل مېنىڭ بولمىغاندىكى» دەپ ئويلاپ چىشىنى چىشلەپ ئاياغنى 500 يۈەنگە سېتىۋالدى. تەلەي كەلسە ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتىمۇ ئوخشىمايدۇ. شياۋ لى دۇكاندىن چىققاندىن كېيىن روھىي بۆلەكچىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئۇ توكسىكىلىتقا چىققاندىن كېيىن ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. شياۋ لى خۇشاللىقىدا ھېچنەرسىگە قارىماي يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان يوغان تاشنى كۆرمەي قالدى، ئۇ تاشنى بايقىغاندا ئاللىقاچان كېچىككەن بولۇپ، توكسىكىلىتنىڭ ئالدى چاقى دەل تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى. شياۋ لى توكسىكىلىت بىلەن تەڭ نەچچە مېتىر يىراقلىققا دومىلاپ چۈشتى. شۇنداقتىمۇ شياۋ لى چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرىۋالدى، تەلىيىگە سۈرئەت شۇنچە تېز بولسىمۇ توكسىكىلىتقا زەخمە يەتمىگەن ئىدى، شياۋ لىنىڭ تېرىسى ئازراق سۈركۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ جايدىن قان ئېقىشقا باشلىدى. يان تەرەپتە دەل بىر شەخسىي شىپاخانا بار بولۇپ، شياۋ لى قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئامبىلاتورىيەگە كىردى. يارىنى تېڭىپ بولۇپ ھېسابات قىلغانىدى، كىچىككىنە يارىنى تېڭىش ھەققى 100 يۈەن بولدى. شياۋ لى ئىچىدە: «ھازىرقى ئادەملەرنىڭ نىيىتى نېمە دېگەن قارا ھە، ھەممىسى پۇلغا دۈم چۈشۈپتۇ. ئامال قانچە پۇلنى تۆلەش كېرەكتە، كونۋېرتتا يەنە 200 يۈز يۈەن قالدى، ئاۋۋال داۋالىنىش ھەققىنى تۆلەپ تۇراي» دەپ ئويلىدى.

شياۋ لى توكسىكىلىتىنى مىنىپ تېزدىن ئىدارىغا يېتىپ بارغاندا يىراقتىن بۆلۈم باشلىقىنىڭ چىرايىنى تۇتۇلغان ھالدا دەرۋازا ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. شياۋ لى سائىتىگە قارىدى، ئاپلا چاتاق بولدى، ئىشقا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېچىكىپتىمەن. يېقىندىن بۇيان شىركەتنىڭ تۈزىمى چىڭىتىلغان بولۇپ، بىر قېتىم كېچىكسە 100 يۈەن جەرىمانە قويۇلغاننىڭ ئۈستىگە يەنە شۇ ئايلىق ئۈنۈم مائاشى ھەممىسى تۇتۇپ قېلىناتتى. شياۋ لى ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئىككى تۈرنى قوشۇپ ھېسابلىۋېدى دەل 700 يۈەن بولدى، تېپىۋالغان پۇل ئادەمگە ياراشمايدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلىكىمنى يارا قىلىۋالدىم.

بىر چۈشتىن بۇرۇن شياۋ لىنىڭ كۆڭلى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ئۆتتى. چۈشكە يېقىن شياۋ لىنىڭ تېلېفوننى سايرىدى، تېلېفوننى ئۇنىڭ ئايالى ئۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. شياۋ لى تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئايالى يىغلاپ گەپ قىلماي تۇرىۋالدى. شياۋ لى ئۇنىڭدىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇ ئاندىن شياۋ لىغا ئوقۇغۇچىلارغا ماتېرىيال سېتىۋالىدىغان پۇلنى يىتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. شياۋ لى ئالدىراپ سورىدى:

-قانچىلىك پۇلنى يىتتۈرۈپ قويدىڭىز؟

-700 يۈەن.-دەپ جاۋاب بەردى ئايالى. شياۋ لى دەرھال ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلىپ، يۈزلىرىدىن تەر تامچىلىرى سىرغىپ چۈشتى:

-قېلىن سېرىق كونۋېرتقا قاچلانغانمىدى؟-دەپ يەنە سورىدى شياۋ لى ئالاقزادىلىك ئىچىدە.

-دەل شۇ، بىر نەچچە پارچىسى بەش يۈەنلىك، قالغىنىنىڭ ھەممىسى بىر يۈەنلىك.-دەپ جاۋاب بەردى شياۋ لىنىڭ ئايالى. شياۋ لى يوتىسىغا شاپلاقلاپ تۇرۇپ ئىچىدە: «ئانامەي، بۈگۈن زور زىيان تارتىپتىمەندە!» دەپ ئويلىدى.

……..…………… 

مۇھەببەتلىك بارماقلىرىڭىز بىلەن مۇشۇ خەتنىڭ ئاستىدىكى ئلاننى چىكىپ قۇيۇڭ

سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0