大数跨境

دوستلۇرۇم بار - پاتەم بەكرى

دوستلۇرۇم بار - پاتەم بەكرى aybarawazi
2025-02-23
1
导读:ئايبەر ئاۋازى سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ


…………………… 


دوستلۇرۇم بار


پاتەم بەكرى


 دوست ئىدۇق، بىز بىرگە پادا باققاندىمۇ. 

 ئايرىلمىدۇق باغدا ياڭاق چاققاندىمۇ. 

 غادايمىدۇق ئامەت قۇچاق ئاچقاندىمۇ، 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 مەن كۈلگەندە ئۇلار مەندىن بەك كۈلىدۇ. 

 ھاجەت بولسام يۈگۈرۈپ كېلىپ يەڭ تۇرىدۇ، 

 جاپانىمۇ مېنىڭ بىلەن تەڭ كۆرىدۇ. 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 ساقسىز بولسام نۆۋەتلىشىپ تەڭ قارايدۇ. 

 سەھەر تۇرۇپ چاچلىرىمنى تال تارايدۇ، 

 پەزىلەتلىك دوستلار ماڭا بەك يارايدۇ. 

  مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 ئىناق دوستلار، غەم قايغۇمنى، كەم قىلىدۇ. 

 يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشلىرىمنى ھەل قىلىدۇ. 

 كەم نەرسەمنى ھايال ئۆتمەي تەل قىلىدۇ. 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


  دوستلىرىمدىن كۆپتۇر كىتاب كۆرگەنلىرى. 

 مەن بىلەن تەڭ جاھان كېزىپ يۈرگەنلىرى. 

 گۈزەل ياشاپ ھايات پەيزى سۈرگەنلىرى. 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 ئارىمىزدا ئەڭ قىممەتلىك ۋاپا لەۋزى، 

بوپ قالساقمۇ ھەتتا گاھى كۆڭۇل قەرزى، 

 دوست ئۈستىدىن قىلىشمايمىز سوتقا ئەرزى، 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 ياشاندۇق دەپ ياستۇق قىرلاپ يېتىشمايمىز، 

 راست سۆزلەيمىز قۇرۇق پونى ئېتىشمايمىز. 

 كۈنلەپ  تۇنلەپ مۇڭداشساقمۇ قېنىشمايمىز، 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 دوستنى تۇتتۇم، خوتەن، قەشقەر ھەم كورلىدىن، 

 ئاقسۇ، ئاتۇش، قۇمۇل، تۇرپان گۈل غۇلجىدىن. 

 مىننەتدار مەن تەقدىر بەرگەن بۇ  ئولجىدىن، 

 مېنىڭ شۇنداق چىڭ ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 دوستلۇرۇم سىز ھاياتىمنىڭ يوق مەناسى؟ 

 ھەر بىر دوستۇم باغلىرىمنىڭ گۈل رەناسى. 

 يېتەكلەيدۇ مەرىپەتكە باي دەناسى. 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


 چىڭ سىقىمداپ تۇتتى دوستلار قوللىرىمنى. 

 خۇشال باستىم مەزمۇت دەسسەپ يوللۇرۇمنى، 

 زەر ئالتۇنغا تەڭ قىلمايمەن دوستلىرىمنى؟ 

 مېنىڭ شۇنداق چىن ۋاپادار دوستلىرىم بار. 


2025-2-5-كۇنى


سەنيادا يېزىلدى


 ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيە نۇرى. 






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k