大数跨境

ئاي قوشىقى - ئېزىز تۇردى

ئاي قوشىقى - ئېزىز تۇردى aybarawazi
2025-02-26
2

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر ! ھوزۇرۇڭلاردا بولىۋاتقىنى ( ئازاپ كوچىسىدىكى ئايال ) ناملىق كۆپ قىسىملىق  رومان . بۇ روماننى ئاڭلاشتىن ئاۋال دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ ، ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز . قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت 







ئاي قوشىقى

ئېزىز تۇردى





چىقتى يەنە كۆككە كۈلۈپ تولۇن ئاي قىز،
چاچلىرىغا ئېسىپ يۇلتۇز جۇلا بىلەن.
تۈن قوينىنى ۋىلىقلاتتى چېچىپ زىيا،
قۇش ئۇيقۇدا، تومۇزغىلار ناۋا بىلەن. 
 
گاھ مۆكىدۇ نازى بىلەن بولۇتلارغا،
ماڭا ئويۇن قىلىش ئۈچۈن يارالغاندەك.
گاھ جامالىن ئايان قىلار تۇرسام مەيۈس،
ئىزتىراپقا تاشلىغىنىدىن ئۇيالغاندەك.
 
سىيپاپ ئۆتەر شۇندا شامال يۈزلىرىمنى،
ئۇرۇلغاندەك ئاي قىزىنىڭ خۇش تىنىقى.
نازغىپ كېلەر دېرىزەمنى يېنىك چېكىپ،
ئاي نۇرىدا يۇيۇنغان بىر چىنار شېخى.
 
كۆز قىسىدۇ شوخ يۇلتۇزلار بىلىندۈرمەي،
مېنىڭ ئايغا كۆيگىنىمدىن قىزغىنىشىپ.
شىۋىرلايمەن نۆۋەت كەلمەس، تۇرساق مانا
ئۇ ئاسماندا مەن زېمىندا تېۋىنىشىپ.
 
باغاشلىسا ئېھ دۇنيانى تولۇن ئاي قىز،
بىر تەڭداشسىز شېرىن چۈشلەر بولار نېسىپ.
تولار باغرىم ئاقلىقى ھەم پاكلىقىغا،
كەڭ جاھانغا گۈزەللىك ۋە سۆيگۈ چېچىپ.


سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k