
…………
…………


بىر كۈنى ئەخمەق بىلەن قاقۋاش ئۇچرىشىپ قاپتۇ
_ ئەگەر مەندە بىر تال كەمپۈت بولغان بولسا چوقۇم يېرىمىنى ساڭا بېرەتتىم- دەپتۇ قاقۋاش ئەخمەققە.
ئەخمەق بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن يانچۇقىدىن بىر تال كەمپۈتنى چىقىرىپ قاقۋاشنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ.
قاقۋاش بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن قىياپەتتە:
_ ئەگەر مەندە بىر ئوچۇم كەمپۈت بولغان بولسا ھەممىنى ساڭا بېرەتتىم،- دەپتۇ.
ئەخمەق ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ ۋە يانچۇقىدىكى كەمپۈتنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ قاقۋاشقا بېرىپتۇ. بۇ چاغدا قاقۋاش:
- سەندە يەنە باشقا نەرسە بارمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
ئەخمەق يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بېرىپتۇ. ئەمما قاقۋاش يۈرەككە قاراپ مەنسىتمىگەن قىياپەتتە:
_ يۈرەكنىڭ نېمىگە پايدىسى؟- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەخمەقنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ:
_ مەندە بۇنىڭدىن باشقا نەرسە قالمىدى...- دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قاقۋاش:
_ ھېچنەرسەڭ قالمىغان بولسا سېنىڭ ماڭا نېمە كېرىكىڭ؟- دەپلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قاپتۇ.
بەلكىم بەزىلەر ئەخمەقنى ساددا، نادان دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەر قاقۋاشنى ۋاپاسىز دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ زادى قايسىسى توغرا، مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. بىراق بۇ ئىككىسىدىن بىرى بولۇشقا توغرا كەلسە مەن مەڭگۈ "ئەخمەق" بولۇشنى تاللايمەن....

ھاياتتا ئادەمنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغىنى دەل سىز قارشى تەرەپكە بارلىقىڭىزنى بېغىشلىغاندا ئۇنىڭ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا مۇئامىلە قىلىشى، سىز ئۇنى ھاياتىم دەپ بىلگەندە ئۇنىڭ سىزنى ئىنتايىن ئادەتتىكى بىر ئادەم قاتارىدا كۆرۈشى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى، سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكىڭىزنى ئەخمەقلىق، سەمىمىيىتىڭىزنى دۆتلۈك دەپ قارىشى...
بەزى كىشىلەرگە ھەر قانچە قىلىپمۇ ياخشى بولالمايسىز. چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ قانداق بولۇشىڭىز مۇھىم ئەمەس. ئۇنىڭ كۈتكىنىمۇ سىزنىڭ ساپ قەلبىڭىز، سەمىمىيىتىڭىز ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ساپ قەلب، سەمىمىيەت دېگەنلەرگە تەسىرلەنمەيدۇ. تەسىرلىنىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ بۇنداق ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلمايدۇ...
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن سىزنىڭ دۆتلۈكىڭىزمۇ ئوماق تۇيۇلىدۇ، سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەقىللىقلىقىڭىزمۇ قۇۋلۇق بىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى نادانلىق، سەمىمىيىتىڭىزنى ئەخمەقلىق دەپ قارىسا، بىر بولسا ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، بىر بولسا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچ، سەمىمىيىلىك، چىن مۇھەببەت دېگەنلەر ئانچە مۇھىم ئەمەس. سىز بۇ ئىككى ئادەمنى سەمىمىيلىكىڭىز بىلەن مەڭگۈ تەسىرلەندۈرۈپ بولالمايسىز...

ئەمەلىيەتتە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭغا ئىشىنىش _ ئۆز ھاياتىغا بولغان ئەڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىك. ئادەمنى توغرا تاللىسىڭىزغۇ ئۆمۈرلۈك بەختىڭىز، بىراق خاتا تاللاپ قالسىڭىز مەزكۇر ھېكايىدىكى ئەخمەقتەك ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغان گەپ. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، مەن سىزنىڭ سەمىمىيلىكنى، ئىشەنچنى، پاك قەلبنى يوقاتمىغان "ئەخمەق" بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەيلى قانچە قېتىم "قاقۋاش"لارغا ئۇچرىماڭ، يەنىلا "ئەخمەق" بولۇشنى تاللاڭ. شۇندىلا ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش ، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل "ئەخمەق"نى ئۇچرىتالايسىز. شۇندىلا ئۇ سىزنىڭ قولىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ:"سەن مەن ئۈچۈن ھاياتىڭنى دوغا تىككەن تۇرساڭ، سېنىڭ ئۇتتۇرۇشۇڭغا قانداقمۇ چىداي" دەيدۇ...


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

