
…………
…………


قۇياشمۇ تۇڭلامدۇ ؟
شاتگۈل شەمشىدىن كەترەن
سەن ئەزەلدىن ماڭا ھېچنېمە دەپ باقمىدىڭ،
چارچىدىم،
ھاردىم،
ئازابلاندىم دەپ زارلاپ باقمىدىڭ،
كىچە
ئاسمىنىڭنىڭ بۇلۇت قاپلاپ
كۆز شەبنىمىڭدە ياستۇق كەشتىلەيدىغىنىڭنى دېمىدىڭ،
ھەتتا
دەل شۇ كۈنى
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم
كۈرۈشكەندە
يۈرىكىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنىمۇ دىمىدىڭ…
تەبەسسۇمغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر جىلمىيش
ئەكىس ئەتكەن تاتىراڭغۇ يۈزلىرىڭدە،.
قىيالماسلىق
ئىسيان كۆتۈرگەن كۆزلىرىڭدە،…
نۇرغۇن نۇرغۇن دېيەلمىگەن سۆزلەر
قېتىپ قالغان لەۋلىرىڭدە،
ئاغزىڭنى ئۆمەللىتىپ
سورىدىڭ ؛
گۈل ماڭا گېپىڭ يوقمۇ ؟
- يۈزۈمدە تەپچىۋاتقان شەبنەمنى
دەممۇ- دەم سۈرتۈپ
- ئۇسسىدىڭمۇ ؟
سورىدىم سەندىن .
- سۇمۇ ئۇسسامدۇ ؟
قولۇم بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى .…
-گۈل، قۇياشمۇ توڭلامدىغاندۇ؟
مەن سېنى ئەمدى قوغدىيالمايمەن
گۈل!
مەن سەن ئۈچۈنلا بالقىيدىغان قۇياش بولالمايدىغان بولدۇم .
مەن توڭلاپ كەتتىم .
گەۋدەڭ قولۇمدا
كۆزۈڭ كۆزۈمدە .
دۇنيانىڭ يىغىسى مۇجەسسەم
ئاچچىق دىماقتا .
جان ھەلقۇمدا تىپىرلاپسەن قىيناقتا .
مەن بىر پىراقتا .
ئەڭ ئاخىرقى دېگەن سۆزۈڭ
گۈل مەن توڭلاپ كەتتىم
مېنى چىڭ باغاشلا
مەن ئۆلەلەيدىغان بولدۇم سېنىڭ باغرىڭدا …
يۈزۈڭگە يېپىلغان ئاپپاق يىپەك بىلەن
ھەممە ئاقلىق ئىچىگە چۈكۈپ كەتتى.
كۆزۈمدىكى زەرەپشاننىڭ
ھەسرەتلىك دولقۇنىدا ئىقىپ كەتتىم،
دىمىسەڭمۇ
چۈشەنمىگەن ھەممەڭ ئۈچۈن ئۇيۇلۇپ كەتتىم .
ھەسرەتنىڭ چېچىدەك چۇۋۇلۇپ كەتتىم ،
ئۆزۈمدىن ئۆزۈم تامامەن يۇيۇلۇپ كەتتىم .
مەنمۇ سەنسىز
تۇنجى رەت توڭلاپ كەتتىم ……
كەلدى، گۈل ئارا ۋىسالنىڭ مەيىن شامىلى،
مەن گۈل قۇياش كەينىدىن ئەگىشىپ،
ئانا زىمىننى باغاشلاپ قۇرۇپ كەتتىم …
2020 / 2 / 29
تۇرپان


ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ

